گېلاسا ماشېيل

گېلاسا

1945-يىلى گېلاسا كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئاددىي ساددا، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان گېلاسا ماشېيل ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ خانىمى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گېلاسا ماشېيل
باشقا نامى گېلاسا
مىللىتى نېگىر
كەسپى زۇڭتۇڭ خانىمى
ئىنگلىزچە نامى Graca Mache
خەنزۇچە ئاتىلىشى 格拉萨·马谢尔
دۆلەت تەۋەلىكى ئافرىقا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1945-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لىسبون ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېلاسا1945-يىلى گېلاسا كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئاددىي ساددا، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان گېلاسا ماشېيل ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ خانىمى بولغان.

دادىسىنىڭ ساۋادى تولۇق بولمىغاچقا قىزىغا كىتاب دەرسلىكلەرنى ئۆگىتىشتە قىينىلغان. دادىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتكەن، لېكىن گېلاسا ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئاپىسى ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدىمۇ قىزىنى ئوقۇشقا بەرگەن.

گېلاسا دادىسى ۋە ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىنى دەپ بولسىمۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇپ تونۇلغان ئادەم بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، ئۇ داۋاملىق ئوقۇغان، فرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، ئىسپان تىلى، پورتۇگال تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىنى ئۆگەنگەن. ئامېرىكىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. 

گېلاسا ئوقۇش مۇكاپاتىغا تايىنىپ ئوقۇشىنى تاماملىغان. سىنىپىدا 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىردىنبىر قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى ئىدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامۇرا ماشېيل بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ھەم ئايرىلماس بىر جۈپلەردىن بولۇشقا ۋەدىلىشىپ توي قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ يولدىشى موزامبىكنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. شۇنداق قىلىپ گېلاسا زۇڭتۇڭنىڭ خانىمىغا ئايلانغان. گېلاسا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى نامايەن قىلىپ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

موزامبىك كىشىلىرى ئۇ مەزگىللەردە بىلىم سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، گېلاسا ئىككى يىل ۋاقىت ئەجىر سىڭدۈرۈپ ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن.

ئۇلار بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. 1986-يىلى ئۇنىڭ يولدىشى كاماندروپكىغا چىققان سەپىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان گېلاسا ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى ئازلا قالغان. 1991-يىلى ئوغلىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە ئاتلانغان.

نارسىن ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى، بۇ كىشىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خانىمى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا گېلاسا بىلەن ئۇچرىشىپ مىجەز خاراكتېرىنىڭ ماسلىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان. ماندىرا ئۆزىنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە گېلاسا بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، 

دەسلەپتە گېلاسا بۇ توينى رەت قىلغان، ھەمدە مەن مەڭگۈ سامۇرا.ماشېيلنىڭ خانىمى دېگەن، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا بۇ تويغا قوشۇلغان، نارسىن ماندىلا مۇنداق دېگەن: «مەن ئىلگىرى ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمدىن پەخىرلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ھازىر ئەڭ قالتىس ئايال بىلەن توي قىلدىم. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىم».[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#