قەشقەرنىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئېگىز تاغلار، چۆل- جەزىرىلەر، بوستانلىقلار ۋە سۇ ساھىلى قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى ئۇزاق، بىيولوگىيەلىك بايلىقى مول.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئېگىز تاغلار، چۆل-جەزىرىلەر، بوستانلىقلار ۋە سۇ ساھىلى قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى ئۇزاق، بىيولوگىيەلىك بايلىقى مول. 

ياۋايى ھايۋانات

  قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ياۋايى ھايۋانلاردىن ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، تىبەت بۆكىنى، ئاق يىلپىز، بۆرە، ئېيىق، ئۇلار، سۇغۇر، جەرەن، ياۋا توڭگۇز، تۈلكە، توشقان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز؛ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن سۈلەيسۈن، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، كۆكمەت؛ 3-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قىزىل تۈلكە، سۇغۇر، ئۇلار، قوڭۇر ئېيىق، ئاق توشقان قاتارلىقلار بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاق لەيلەك، قارا لەيلەك، چوڭ–كىچىك ئاق قۇ، كەكلىك قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئەتىۋارلىق قۇش بار. 80–يىللاردىن كېيىن ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان كولاش، ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە دائىر دېلولار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. 1990-يىلىغا قەدەر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونىدا تەخمىنەن 60-80 گىچە يىلپىز بار بۇلۇپ، ئۇمۇ تەدرىجىي ئازىيىشقا قاراپ ماڭغان، تاغ ئۆچكىسى توپلىشىپ ياشايدىغان جايلاردا چارۋىچىلار خالىغانچە ئوۋلىغاچقا، تاغ ئۆچكىسىدىن 400-500 قالغان.

 ياۋا ئۆسۈملۈكلەر

  قەشقەر ۋىلايىتىدە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ 52 ئائىلىسى، 123 ئۇرۇقدىشى، 501 تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تالالىق ئۆسۈملۈكلەردىن لوپنۇر كەندىرى، يېكەن ۋە بىنالارغا، قەغەزچىلىكتە ئىشلىتىىدىغان قومۇش، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن قار لەيلىسى، ئەڭلىكئوت، قانتېپەر، مامكاپ، شىقىلداق، پاقىيوپۇرمىقى، شۇمبۇيا، مەرزەنجۇش، قۇچاققول، چاچراتقۇ، ئىزغۇل، كەبەتىرا، توشقانزەدىكى، يەر مەدىكى، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات قاتارلىقلار بار. لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، جىغان قاتالىقلارنىڭ كۆلىمى 30 مىليون موغا يېتىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#