- ئالۇچا (مېۋە)
- ئالۇچا (خام دورا)
ئالۇچا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالۇچا مېۋىسىنىڭ رەڭگى سېرىق ، قارا ، قىزىل ، سۆسۆن ، يىشىل قاتارلىق رەڭلەر بولىدۇ.
ئالۇچىنىڭ ئۇششاق ئالۇچا، يۈرەكسىمان يوپۇرماقلىق ئالۇچا، ياۋا ئالۇچا، ياپىلاق ئالۇچا، گىلاسسىمان ئالۇچا، گىلاسسىمان ئاق ئالۇچا، كۈنلۈكسىمان گۈللۈك ياۋا ئالۇچا، كۆك ئالۇ، چاكونۇس ئالۇچا، قىزىل يوپۇرماقلىق ئالۇچا، قىزىل ئالۇچا، قۇم ئالۇچا، قارا ئالۇ، چاغۇجمەك مېۋىلەيدىغان ئالۇچا، سېرىق چوڭ ئالۇچا قاتارلىق تۈرلىرى بار.
دۇنيادا ئالۇچىنىڭ 30 نەچچە ئۇرۇقدىشى ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا تۆت ئۇرۇقداش 30 نەچچە خىل سورت بار .
ئالۇچىنڭ ئاساسلىق سورتلىرى بولغان كۆكسۇلتان ، قارىئۆرۈك ، ئالگرات ، ئامىلە ، جەمھۇرە ، زەينۇرە ، بەللىس قاتارلىق سورتلىرى بار.
ئالۇچا مېۋىسىنىڭ تەمى ياخشى، مەھسۇلاتى يۇقىرى، شۇنداقلا ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، تەركىبىدە قەنىت، ئورگانىك كىسلاتا، ئاقسىل، سۇ، ۋىتامىن C، كالىتسى، فوسفۇر، تۆمۈر، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنۇ كىسلاتالار مول بولىدۇ.
ئالۇچىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق، ئىسسىق قايتۇرۇش، ھۆللۈك تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، بەلغەمنى بوشىتىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى سىلىقلاش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئالوچىدىن يەنە ئالۇچا مۇرابباسى، گۇلە، ئالۇچا شەربىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ.
ئالۇچا دەرىخى كۆركەم بولۇ ، ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ، مۇھىتنى گۇزەللەشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ياغاچچىلىق نەققاشچىلىك جەھەتلەردىكى رولى ناھايىتى يۇقىرى.
ئالۇچا دەسلەپ ئامېرىكا ، ياپۇنىيە ، ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلگەن، كېيىن ئىتالىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن. ھازىر شىنجاڭ رايونلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.