قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2000–يىلى 11–ئاينىڭ 15–كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1139–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001–يىلى 4–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2001–يىلى 4–ئاينىڭ 4–كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理未成年人刑事案件的若干规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2001–يىلى 4–ئاينىڭ 12–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2001) 9-نومۇرلۇق ئېلانى 

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش توغرىسىدىكى بىرنەچچە بەلگىلىمىسى»  2000–يىلى 11–ئاينىڭ 15–كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1139–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2001–يىلى 4–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2001–يىلى 4–ئاينىڭ 4–كۈنى 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ بەلگىلىمە قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ۋە تەربىيىلەش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن گۇناھسىزلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭگوچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار سوت تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش ئەدلىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھاتى» (تۆۋەندە «ئىزاھات» دېيىلىدۇ) تەتبىقلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، تەربىيىلەشنى ئاساس، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ئاكتىپ قاتنىشىش شەرت.

4–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا سوت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇپ ئىشلەش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا چەكلىشىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

5–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلات قاتارلىق ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

6–ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا  يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى قۇرسا بولىدۇ. شەرت–شارائىتى يوق جايلار جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دېلوسى كېڭەشمە سوتى قۇرۇش ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ب ېجىرىشكە مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىش كېرەك. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دېلوسى كېڭەشمە سوتى قۇرسا بولىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دېلوسى كېڭەشمە سوتى ئۆسمۈرلەر سوتى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆسمۈرلەر سوتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەيدىغان ۋە كېڭەيتىدىغان ئۆسمۈرلەر سوتى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ. ئۆسمۈرلەر سوتى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدا كونكرېت يېتەكچىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەخسۇس ئادەم قويۇلۇشى ياكى ئىشخانا قۇرۇلۇشى كېرەك.

7–ماددا بىرىنچى سوتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشار دېلوسىنى سوت قىلىدىغان كېڭەشمە سوت سوتچىلاردىن ياكى سوتچىلار بىلەن خەلق زاسېداتىللىرىدىن تەركىب تاپسا بولىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇلاي تەرتىپ قوللىنىلىدىغان دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.

8–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىدىغان كېڭەشمە سوتنىڭ باش سوتچىلىقىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە پىششىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشكە ماھىر سوتچىلار ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ نىسبىي مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم.

قۇرامىغا  يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىدىغان خەلق زاسېداتىللىقىنى ئومۇمەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئازغانلىرىنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىگە ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق تەربىيە كۆرگەن كادىر، ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتنىڭ خادىمى قاتارلىقلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

9–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، ئەيىبلەنگەن دېلو پاكىتىنى قانۇن بويىچە توغرا، ۋاقتىدا ئېنىقلاش لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايەت سەۋەبى ۋە جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائىي خەۋپىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ، سوت قىلىش جەريانىدا تەربىيىلەش، جازالاش بىلەن تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم.

10–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى قوبۇل قىلىدىغان دېلولارنىڭ دائىرىسى:

(1) ئەيىبلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشمىغان جاۋابكارنىڭ دېلوسى؛

(2) جاۋابكار ئەيىبلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشمىغان ھەمدە باش ئۇنسۇر ياكى ئاساسىي جىنايەتچى دەپ ئەيىبلەنگەن ئورتاق جىنايەت دېلوسى.

باشقا ئورتاق جىنايەت دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار بارلىرىنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان باشقا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ئۆسمۈرلەر سوتى سوت قىلىش–قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئۆسمۈرلەر سوتى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ قارار قىلىدۇ.

11–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن رەسمىي سوت قىلىشتا 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى بىردەك ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن رەسمىي سوت قىلىشتا 18 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. ئوچۇق سوت قىلىش زۆرۈر بولغاندا، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھەمدە سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى ۋە دائىرىسىنى مۇۋاپىق چەكلەش شەرت.

12–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى گۇۋاھچى قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سوتقا قاتناشمىسا بولىدۇ.

13–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى، سوتچى خادىملار شۇ قۇرامىغا يەتمىگۈچىنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، تۇرار جايى، سۈرىتى ۋە ئۇنى پەرەز قىلىپ بىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىيالنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ دەۋا ئارخىپ ماتېرىيالىنى، قانۇن بويىچە كۆرگەن، كۆچۈرۈۋالغان، كۆپەيتىۋالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىسىز كۆرۈرۈش ۋە كۆچۈرۈۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ ھەمدە ئاشكارىلاشقا ۋە تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

14–ماددا قۇرامىغا  يەتمىگەن جاۋابكارلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى دەۋا جەريانىدا چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، ئاقلاش، سوئال سوراش، يېڭى دەلىل–ئىسپاتلارنى قويۇش، قايتا باھالاشنى ياكى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىش، نارازىلىق ئەرز قىلىش قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىغا ئىگە. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، باش سوتچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى پىكرىنى بايان قىلسا بولىدۇ.

15–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارلاردىن رەسمىي سوت قىلىشتا 18 ياشقا توشمىغانلىرى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋۇكاتنى ئۇنى ئاقلاشقا بېكىتىشى لازىم.

سوت جەريانىدا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئاقلىغۇچىنىڭ ئۇنى ئاقلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ.

2–باب رەسمىي سوتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتى

16–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى «ئىزاھات»تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرگەندىن سىرت، جاۋابكارنىڭ يېشىغا ئائىت كۈچكە ئىگە ئىسپات ماتېرىيالى بار–يوقلۇقىنىمۇ ئېنىقلىشى لازىم. جاۋابكارنىڭ يېشىغا ئائىت كۈچكە ئىگە ئىسپات ماتېرىيالىنى ئەۋەتمىگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىە ئۈچ كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

17–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە، ئۇنىڭغا ئەيىبلەنگەن جىنايەت ۋە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ماددىسىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە دەۋا تەرتىپى ۋە ئالاقىدار دەۋا ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىشى كېرەك.

18–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى يەتكۈزۈشتە، ئۇنىڭغا دەۋا ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىنى ۋە رەسمىي سوتتا دىققەت قىلىدىغان ئالاقىدار ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

19–ماددا رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە سوتقا چىقىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى سوتقا قاتنىشالمايدىغان بولسا ياكى سوتقا قاتنىشىش ھەقىقەتەن ئەپسىز بولسا، سوتقا قاتنىشىشنى باشقا ۋەسىيىگە ياكى قۇرامىغا يەتكەن باشقا يېقىن تۇغقىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، باشقا ۋەسىيلىرى ياكى قۇرامىغا يەتكەن يېقىن تۇغقانلىرى سوتقا قاتناشمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇشى لازىم.

20–ماددا رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى،  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوت قىلىدىغان باش سوتچى زۆرۈر تاپقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ياكى قۇرامىغا يەتكەن باشقا يېقىن تۇغقىنى، ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلارنى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

21–ماددا رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپقۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكى، ئائىلە ئەھۋالى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، شۇنىڭدەك ئەيىبلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلىشنىڭ ئالدى–كەينىدىكى ئىپادىسى قاتارلىقلارنى ئايرىم تكەشۈرسە ھەمدە يازما ماتېرىيال تەييارلپ كېڭەشمە سوتقا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. زۆرۈر تاپقاندا، خەلق سوت مەكھىمىسى ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلسا ياكى ئۆزى تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ.

22–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشى، كۆچۈرۈۋېلىشى، كۆپەيتىۋېلىشى، شۇنىڭدەك قاماقتىكى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە خەت–ئالاقە قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باشقا ئادۋوكاتلارمۇ يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى كۆرسە، كۆچۈرۈۋالسا، كۆپەيتىۋالسا، قاماقتىكى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشسە ۋە خەت–ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

23–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرىنى دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

3–باب سوت قىلىش

24–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى  ئاقلاش مۇنبىرىنىڭ سىرتتىن ئاڭلىغۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ يېقىن تەرىپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ئورۇن بېرىشى لازىم.

25–ماددا سوتتا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا ئېھتىيات سايمىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار سوتتا سوتتىكى تەكشۈرۈش، سورالغان گەپكە جاۋاب بېرىشنى ئولتۇرۇپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ، سوتچى خادىملار سوئال سورىغاندا، سوت قىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى كېرەك.

26–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلىنغان ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلىشىنى سوتتا رەت قىلىپ، باشقا ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا باشقا ئاقلىغۇچى، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بېكىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، كېڭەشمە سوت قوشۇلۇشى ھەمدە سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى لازىم.

قۇرامىغا  يەتمىگەن جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئاقلىشىنى سوتتا رەت قىلىپ، باشقا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، كېڭەشمە سوت قوشۇلۇشى ھەمدە سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئۇنى ئاقلىشىنى سوتتا رەت قىلىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق سەۋەبى بولسا، كېڭەشمە سوت قوشۇلۇشى ھەمدە سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنى باشقىدىن بېكىتىپ بېرىشى لازىم.

قايتا رەسمىي سوت قىلغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى قايتا ھاۋالە قىلىنغان ئاقلىغۇچى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئاقلىشىنى سوتتا يەنە رەت قىلسا، ئادەتتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. قايتا رەسمىي سوت قىلغاندا، جاۋابكار 18 ياشقا توشقان بولسا، رۇخسەت قىلىش كېرەك، لېكىن ئاقلىغۇچى، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا قايتا ھاۋالە قىلىشقا ياكى ئۇلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

27–ماددا سوتتا سوت قىلغاندا، سوتچى خادىملار قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە يېتىلىش دەرىجىسى ۋە پسىخىك ھالىتىگە دىققەت قىلىشى، پوزىتسىيە جەھەتتە جىددىي، مۇلايىم بولۇشى، توغرا ۋە ئاممىباب سۆز–ئىبارىلەرنى قوللىنىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئاغزىغا سېلىپ بېرىش، ئۇنى سەتلەش، مەسخىرە قىلىش ياكى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىش ئەھۋاللىرىنى سەزگەندە، ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك.

28–ماددا سوتتا تەكشۈرۈشتە، سوتچى خادىملار قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ساىدر قىلغان چاغدىكى يېشىنى ئېنىقلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرامىغا  يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان چاغدىكى سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرنىمۇ ئېنىقلىشى لازىم.

29–ماددا سوتتا تەكشۈرۈشتە، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپ سوتقا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇش ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ كېچىكتۈرۈش ياكى مۇددەتلىك قاماق جفزاسى بېرىپ كېچىكتۈرۈش، جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق يېنىك جازا بېرىش تەكلىپىنى قويغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ ۋەسىيگە، ياردەم–تەربىيىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئائىت يازما ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

30–ماددا سوت توختىتىپ تۇرۇلغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ياكى قۇرامىغا يەتكەن باشقا يېقىن تۇغقىنى، ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلارنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ.

31–ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ھۆكۈمنى ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك، لېكىن چوڭ يىغىن ئېچىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

32–ماددا ھۆكۈم بېكىتىلگەن قەرەلىدە ئېلان قىلىنىدىغان بولسا، كېڭەشمە سوت ئەيىبلىگۈچى، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا سوتقا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى سوتقا قاتناشمىسا، سوتقا ھەقىقەتەن قاتنىشالمايدىغان بولسا، قۇرامىغا يەتكەن باشقا يېقىن تۇغقانلىرىغا سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇش قىلىنسا ھەمدە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ھۆكۈمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يەتكۈزۈپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

33–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكار ئۈستىدە جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقارغاندا، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كېڭەشمە سوت سوتقا قاتناشقان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا تەربىيە بېرىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىدىن باشقا قۇرامىغا يەتكەن يېقىن تۇغقانلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىسى، ئەيىبلىگۈچىسى قاتارلىقلار قاتناشسا قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنى تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولسا، كېڭەشمە سوت ئۇلارنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەربىيىلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارغا تۆۋەندىكى مەزمۇننى چۆرىدەپ تەربىيە بېرىلسە بولىدۇ:

(1) جىنايى قىلمشنىڭ ئىجتىمائىي خەۋپى ۋە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى؛

(2) جىنايى قىلمىش سادىر قىلغۇزغان ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر ۋە  قوبۇل قىلىدىغان ساۋاقلار؛

(3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم–كېسىمىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش.

34–ماددا رەسمىي سوت قىلىنىدىغان نارازىلىق ئەرز ياكى ئېتىراز دېلولىرىدا يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

4–باب ئاددىي تەرتىپ

35–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىڭ 174–ماددىسى ۋە «ئىزاھات»تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش–قوللانماسلىقنى بېكىتىدۇ.

36–ماددا ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىدىغان دېلولاردا، قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسىغا سوتقا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

37–ماددا ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىدىغان دېلولاردا، قۇرامىغا  يەتمىگەن جاۋابكارغا سوتتا تەربىيە بېرىشتە مۇشۇ «بەلگىلىمە»نىڭ 33–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

5–باب ئىجرا قىلىش

38–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى ھۆكۈم، كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ھەمدە جفزاسىنى تۈرمىگە ئېلىپ ئىجرا قىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئاياغلاشقان دېلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى ھەمدە تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە ئۇلارنىڭ دېلونى سوت قىلىش جەريانىدىكى ئىپادىسىگە ئائىت ماتېرىيالىنى ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ھۆكۈمنامە ياكى كېسىمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ئىجرا ئۇقتۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

39–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى قۇرامىغا  يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش–تەربىيىلەش ئورنى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەۋاتقان ئورۇنلار بىلەن ھەرخىل شەكىلدە ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياردەم–تەربىيە بېرىش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلاشسا بولىدۇ ھەمدە جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنى قايتا ئەھۋال ئۇقۇپ كۆزەتسە بولىدۇ.

40–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى زۆرۈر تاپقاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنى ئائىلىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جازاسى تۈرمىگە ئېلىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ۋاقىتدا كۆرۈشۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

41–ماددا رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەك سېلىش جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن ياكى مۇددەتلىك قاماق جفزاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جىنايى جفزا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە قارىا، ئۆسمۈرلەر سوتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئۇلار تۇرۇشلۇق مەكتەپ، ئورۇن، مەھەللە، ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ۋەسىيسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياردەم–تەربىيە بېرىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىگە ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

42–ماددا ئۆسمۈرلەر سوتى رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن ياكى مۇددەتلىك قاماق جفزاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋاقتىدا يوقلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قۇرامىغا  يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرۇش–تەربىيىلەش جاۋابكارلىقىنى توغرا ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ ئۆزگىرىپ يېڭى ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

43–ماددا رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەردىن ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بەرسە ھەمدە زۆرۈر ماتېرىياللارنى بەرسە بولىدۇ.

44–ماددا ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش ياكى ئۇنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش ھەققىدە قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، كېسىم چىقىرىشى كېرەك.[0]


2000–يىلى 11–ئاينىڭ 15–كۈنى
2000–يىلى 11–ئاينىڭ 15–كۈنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#