مۇرمەككە

مۇرمەككە

مۇرمەككە بولسا زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ مۇرمەككى دەرىخى (Commiphora myrrha Engl) بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى (رېزىنىسى) «مۇرمەككى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى مۇرمەككە
ئىنگلىزچە Myrrh
تەمى قاتتىق چۈرۈك تەمى بىر ئاز ئاچچىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 没药
جىسمى رەڭگى قارامتۇل قىزىل، پۇرىقى سۇس
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇرمەككەمۇرمەككە بولسا  زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ مۇرمەككى دەرىخى (Commiphora myrrha Engl) بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يېلىمى (رېزىنىسى) «مۇرمەككى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى قارامتۇل قىزىل، پۇرىقى سۇس، تېنى قاتتىق چۈرۈك تەمى بىر ئاز ئاچچىق.سومالى، ئېفىئوپىيە، ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەت ۋە يارىلارنى پۈتتۈرۈش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئىچنى قاتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭىنى تازىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

1. مۇرمەككىنىڭ سۇدىكى چىلانمىسى (1:2) نىسبەتتە تەجرىبە نەيچىسىدە تۈك تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغى، ئورتاق مەركەزلىك چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغى، سونلېن سېرىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەل پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغلارنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە، بۇنداق بولۇشى تەركىبىدە تۇتقان ئېۋگىنول بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2. مايلىق رېزىنا قىسمى ئەركەك توشقانغا نىسبەتەن يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلىنىڭ خولېستېرىن مىقدارىنى ئازايتىدۇ ھەمدە داغ پارچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسىدۇ، شۇنداقلا ئۆي توشقىنىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىرىدۇ، مۇرمەككىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بار، مۇرمەككى ئېغىز بوشلۇقىنى يۇيۇش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. يەنە ئاشقازان ئۈچەي زەئىپلىشىپ كەتكەندىن قوزغاتقۇچى دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

مۇرمەككى تەركىبىدە %35 ~ 25 كىچە رېزىنا، %16 كىچە دەرەخ يېلىمى، تەخمىنەن %6 كىچە ئۇچۇچان ماي بار. رېزىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئېتىردە ئېرىيدۇ، ئېرىمەيدىغان قىسمىنىڭ تەركىبىدە αۋە βھېئېرا بومىررورىك كىسلاتا (Herrabo myrrhoric acid-αβ،)، ئېرىيدىغان قىسمىدا α ،β، γ مۇرمەككى كىسلاتاسى، كوممىفورىك كىسلاتا (Commi Phoric acid) ،β،α، ھېئېرا بومىررول ،β،α) ( Heerabomyrrholقاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا يەنە مۇرمەككى رېزىنسىسى ھېئېرا بورىزېن (Heerabomyrrhol)، كوممىفېرىن (Commiferin) لار بار، ئۇچۇچان ماينىڭ تەركىبىدە ئېۋگېنول (Eugenol)، گومىن ئالدىھىدى (Gumin aldegyde)، دېپېنتېن (Depentene)، لىمونىن (Limonene) قاتارلىقلار بار، دەرەخ يېلىمى سۇدا ئېرىپ، ئەرەب قەنتى (Arabinose)، گالاكتوزا (Galactose) ۋە كىسلوزالارنى ھاسىل قىلىدۇ.

كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، دوۋسۇن كۆيۈشۈش، ھەيز توسۇلۇش، يۆتەل، نەزلە، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆزگە سۇ چۈشۈش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، باش ئاغرىقى، چىش تۈۋى قاناش، بوغۇم ئاغرىقلىرى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، گال ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇرمەككە1. مۇرمەككىدىن يېرىم گرام ئېلىپ، مەرزەنجۇش بىلەن قوشۇپ سۇدا ئېرىتىپ بۇرنىغا تېمىتسا، مېڭىنى تازىلايدۇ، نەزلىلەرنى توسايدۇ

2. مۇرمەككىنى قىزىتىپ، ئۇنىڭ ھورى بىلەن باشنى تەرلەتسە، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. مۇرمەككىنى پىياز سىركىسى بىلەن ياكى ئەرقى گۇلابتا ئېرىتىپ ھەر كۈنى ئېغىزىنى چايقىسا، چىشنىڭ تۈۋىدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ.

4. مۇرمەككىنى كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا، كۆز قاراڭغۇلىشىشنى، كۆزگە چۈشكەن سۇنى توختىتىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، جىغاننىڭ سۈيى بىلەن تېمىتسا، كۆز ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ. 5. مۇرمەككىدىن 2 گرام ئېلىپ، سوقۇپ ھەسەلگە قوشۇپ يالاپ بەرسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

6. مۇرمەككىنىڭ سۇپۇپىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

مىقدارى

2 ~ 3 گرام

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل.

ئورۇنباسارى

سۈرمە

تەرياقى ئەربەئە، تەرياقى سىنامانىيە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=450

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#