ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1989-يىلى ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى خوك كورېيە گە زىيارەتكە كەلگەندە، رايون خارەكتېرلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىپ ، ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، كورېيە، يېڭى زىلاندىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 6 دۆلەت ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبررادا، ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىسى بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرغان. بۇ «ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
1993-يىلى 6-ئايدا تەشكىلات نامى «ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» (Asia-Pacific Economic Cooperation --- APEC) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە جۇڭگو تەيۋەن 1991-يىلى 11-ئايدا بۇ تەشكىلاتقا بىرلا ۋاقىتتا ئەزا بولغان.
ئاساسلىق فونكسىيەسى-رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئەزا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.