ۋىليام رامۇج

رامۇج

ۋىليام رامۇج 1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگودا تۇغۇلغان، 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگلىيە لىك خىمىك، تەتقىقاتچى، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىليام رامۇج
تۇغۇلغان ۋاقتى 1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
باشقا نامى رامۇج
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
يۇرتى گلاسگو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 威廉·拉姆赛
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئاساسلىق نەتىجىسى ئالتە خىل ئىنېرت گازنى بايقاش
ئۇنۋانى دوكتور
كەسپى خىمىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رامۇجئەنگلىيەلىك خىمىك ۋىليام رامۇج 1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگودا تۇغۇلغان. رامۇج بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، 13، 14 ياش ۋاقتىدىلا فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، نېمىسچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغان. بىر قېتىم، ئۇ توپ تېپىمەن دەپ پۇتىنى جاراھەتلەندۈرۋېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، تاسادىپىي خىمىيە توغرىسىدىكى بىر كىتابنى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ كىتاب قانداقتۇ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامۇج خىمىيىنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر ئېغىز ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئەتىدىن-كەچكىچە تەجرىبىخانىغا كىرىۋېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر پات-پات ئىشىكتىن ماراپ ئۇنىڭ بوتۇلكىنى توختىماي ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى بىرخىل كۈچلۈك پۇراقنىڭ دەستىدىن ئادەم تۇرغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا 4 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1869-يىلى رامۇج گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن.

رامۇجئۇنىۋېرسىتېتتا خىمىيىنى ئۆگەنگەندىن تاشقىرى، فىزىكىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىل ئوقۇپ بۇ مەكتەپنىڭ بەرگەن بىلىمىنىڭ ئۆز تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋەتىنىدىن چىقىپ، ئاۋال گېرمانىيىدىكى ھېيدېلبېرگقا بارىدۇ. كېيىن توبنىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھارماي-تالماي ئۆگىنىدۇ. ئۇ دائىم دادىسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: مەن بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 5 يېرىمدا ئورنۇمدىن تۇردۇم، سائەت 6 دىن 7 گىچە بىر سائەتدەرس تەكرارلىدىم ۋە ئەتتىگەنلىك تاماقنى يەۋالدىم. سائەت 7 دىن 8 گىچە بىر سائەتدەرس ئوقۇدۇم، 8 دىن 9 غىچە يەنە بىر سائەت دەرس ئوقۇدۇم. سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا تەجرىبە قىلىش بىلەن بولدۇم (ئىش ۋاقتىنى تېجەپ قىلىش ئۈچۈن، چۈشتە ئازراق بىر نېمە يەۋالدىم، سائەت 6 بولمىغىچە كەچلىك تاماق بېرىلمەيدۇ) سائەت 3 تىن 5 كىچە دەرس تەكرارلىدىم، 5 تىن 6 گىچە بىر سائەت دەرس ئۆتۈلدى. ئاندىن كېيىن كەچلىك تاماق بولدى، ھازىر سائەت 8، مەن يەنە دەرس تەكرارلايمەن». ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي، «تولۇئول كىسلاتاسى ۋە نىترولا تولۇئول كىسلاتاسى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ.

رامۇج ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋە برىسىس ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسور بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى تەتقىق قىلىشقا بەل باغلايدۇ ھەمدە سۇيۇقلۇقلارنىڭ قايناش نۇقتىسىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى ھەجمى ۋە گازلارنىڭ سۇيۇقلۇقلارغا بولغان بېسىمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1887-يىلى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، سۇيۇقلۇقلارنى ئۆلچەش قانۇنىيىتىنى ۋە فورمۇلاسىنى تاپقان.

رامۇجرامۇجنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ئارگون ۋە گېلىي قاتارلىق ئىنېرت گازلارنى كەشپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت.

1895-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئايالىغا يازغان خېتىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ساڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ زور، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي. مەن بىر خىل يېڭى گازنى ۋاكوم لامپىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، يورۇقلۇق يولى ئەينىگى بىلەن كۈزىتىپ، بىر خىل ئىنتايىن يورۇق سېرىق سىزىقچىلارنى كۆردۈم ۋە بۇنىڭ بىر خىل يېڭى ماددا ئىكەنلىكىنى بىلدىم». يېڭى گاز ماگنىي، ئوكسىگېن ياكى باشقا ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىمىيىۋى بىرىكمە ھاسىل قىلمىغانلىقتىن، رامۇج بۇنداق گازغا «ئارگون» دەپ نام بەرگەن. بۇ ھورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. كېيىن ئۇ ئارگون گازىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىدۇ. دەسلەپ، ئۇ ئارگون گازىنى ئېغىر، يېنىك دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈش مۇمكىنلىكىنى سېزىپ، سانسىز قېتىم تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئارگوندىن يېنىك بولغىنى نېئون (يېڭى دېگەن مەنىدە) دەپ، ئارگوندىن ئېغىر بولغىنى كرىپتون (يوشۇرۇن دېگەن مەنىدە) دەپ ئايرىپ چىقىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە كىسېئون (ئاز ئۇچرايدىغان دېگەن مەنىدە) نى تاپىدۇ.

رامۇج ئۆزىنىڭ زور كەشپىياتلىرى بىلەن، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رامۇج1912-يىلى يازلىق تەتىلدىن كېيىن، ئۇ 25 يىل دەرس بەرگەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيىگە چىققان. ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#