گۆشلۈك پولۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق، گۆش 140 گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغنى قۇيۇپ، قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كېيىن، گۆش سېلىنىدۇ. گۆش سەل قورۇلغاندىن كېيىن، پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ. پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ.
3. سەۋزە قورۇلۇپ توق سېرىق رەڭگە كىرگەندە، زىرە، قەلەمپۇر سېلىپ سەۋزە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 60-50 مىنۇت سىم-سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ سېلىنىدۇ. ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت تارتىۋېتىلىپ، چوغدا پىشۇرۇلىدۇ.
سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى، گۈرۈچ سېلىغاندىن كېيىن قازان تەكشى قاينىتىلىشى لازىم. تەكشى قاينىمىسا، پولۇ ئالا بولۇپ قالىدۇ.
4. گۈرۈچ سېلىشتىن بۇرۇن زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشىۋېلىش كېرەك. گۈرۈچ سېلىنىپ بولغاندا، بولۇپمۇ گۈرۈچ سۇنى سۈمۈرۈپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەش قىيىن.
ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا، بىر نەچچە يېرىگە تاياقچە سانجىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ قاينايدۇ. ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچنىڭ ھەممە يىرىگە ھور تېگىپ، گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ.
ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق. ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 25 20 مىنۇت دەملەنسە بولىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن، ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇش كېرەك. داستىخانغا پولۇ بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.