سېرى بېگاۋان
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بېرونىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر بېرونى قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، بېرونى دەريا ئاغزىدىن 14.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بېرونىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر بېرونى قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، بېرونى دەريا ئاغزىدىن 14.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنغا جايلاشقان. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ(1983) . بۇ جاي ئەسلى دەريا بويىنى بويلاپ تارقالغان 10 نەچچە كەنتتىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى، بۇ جايدا كاۋچۇك پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچچىلىق، سانائەت كارخانىلىرى بار. تاشيوللار ئارقىلىق تۇتۇڭ، چىليا، بېلايى، مۇئارا، ۋەنكا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
شەھەرنىڭ يېنىدا زامانىۋى خەلقئارا ئايرودرومى بار. بۇ جايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.