جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 26-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1990-يىلى4-ئاينىڭ 4-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国香港特别行政区基本法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 26-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقى 

1990-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1990-يىلى 4-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 26–نومۇرلۇق بۇيرۇقى بىلەن ئېلان قىلىندى، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

شياڭگاڭشياڭگاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئۇنى 1840-يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە ئىشغال قىلىۋالغان. 1984-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا قوشما بايانات ئىمزالاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭغا يۈرگۈزىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ شياڭگاڭنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى ئۇزاقتىن بۇيانقى ئورتاق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۆلەت شياڭگاڭنىڭ تارىخى ۋە رېئال ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، شياڭگاڭغا يۈرگۈزىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىشنى ھەمدە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى يولغا قويۇش» فاڭجېنىغا ئاساسەن، شياڭگاڭدا سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە سىياسەتنى يولغا قويماسلىقنى بەلگىلىدى. دۆلەتنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان ئاساسىي فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو-ئەنگلىيە قوشما باياناتىدا شەرھلەپ ئۆتكەن. 

دۆلەتنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان ئاساسىي فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنى تۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈمنى بەلگىلىدى.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

2-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يۇقىرى ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئۇنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقى، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، مۇستەقىل ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

3-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى شياڭگاڭنىڭ دائىملىق ئاھالىلىرى تەرىپىدىن بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەشكىل قىلىنىدۇ.

4-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئاھالىلەر ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

5-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە سىياسەت يولغا قويۇلمايدۇ، ئەسلىدىكى كاپىتالىستىك تۈزۈم ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ساقلاپ قېلىنىپ، 50 يىلغىچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ. 

6-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى خۇسۇسىي مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

7-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يەر ۋە تەبىئىي بايلىقلار دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، ئېچىش، ئىجارىگە بېرىشكە ياكى شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ياكى ئېچىشىغا تەستىقلاپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلاردىن كىرگەن كىرىم پۈتۈنلەي شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 

8-ماددا شياڭگاڭنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنلىرى، يەنى ئومۇمىي قانۇن، ئادالەت قانۇنى، نىزام، قوشۇمچە قانۇن، ئادەت قانۇنىنىڭ بۇ قانۇنغا زىت كېلىدىغانلىرىدىن ياكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى ساقلاپ قېلىندى. 

9-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ئەدلىيە ئورگىنى جۇڭگو يېزىقىنى ئىشلەتكەندىن باشقا، ئىنگلىز يېزىقىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئىنگلىز يېزىقىمۇ رەسمىي يېزىق ھېسابلىنىدۇ.

10-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت بەلگىسىنى ئاسقاندىن باشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ۋە رايون بەلگىسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. 

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى بەش يۇلتۇز چېچەكلىك سېرىس گۈلى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بەش يۇلتۇز چېچەكلىك سېرىس گۈل، ئەتراپىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى» ۋە ئىنگلىزچە «شياڭگاڭ» دېگەن خەتلەر بار. 

11-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 31-ماددىسىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تۈزۈمى ۋە سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈزۈملەر، مەمۇرىي باشقۇرۇش، قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى تۈزۈملەر ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. 

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تۈزگەن ھەر قانداق قانۇن بۇ قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

2–باب مەركەز بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى 

12-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقىرى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يەرلىك مەمۇرىي رايونىدۇر، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدۇ. 

13-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئالاقىدار بولغان دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شياڭگاڭدا دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئالاقىدار تاشقى ئىشلارنى بۇ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

14-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا ئەۋەتكەن ئارمىيە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى زۆرۈر تاپقاندا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىدىن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە خادىملىرى دۆلەتلىك قانۇنلارغا رىئايە قىلغاندىن باشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ راسخوتىنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

15-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننىڭ تۆتىنچى بابىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەيدۇ.

16-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

17-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مۇمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تۈزگەن قانۇنلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇش شۇ قانۇننىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز قارىمىقىدىكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىي كومىتېتىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تۈزگەن ھەر قانداق بىر قانۇننى بۇ قانۇننىڭ مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ۋە مەركەز بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماددىلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، شۇ ئالاقىدار قانۇننى قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزمەيدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئارقىلىق قايتۇرۇلغان قانۇن دەرھال كۈچتىن قالىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنلىرىدا باشقىچە بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ قانۇننىڭ كۈچتىن قېلىشى باشقا قانۇنلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

18-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان قانۇنلار بۇ قانۇن ۋە بۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شياڭگاڭنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تۈزگەن قانۇنلاردىن ئىبارەت. 

دۆلەتلىك قانۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچىنچىگە كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن باشقىلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلمايدۇ. بۇ قانۇندىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچىنچىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قانۇنلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەرىپىدىن ئۆز جايىدا ئېلان قىلىنىدۇ ياكى قانۇن چىقىرىپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز قارىمىقىدىكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىي كومىتېتى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، بۇ قانۇندىكى قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچىنچىگە كىرگۈزۈلگەن قانۇنلارنى كۆپەيتسە ۋە ئازايتسا بولىدۇ، قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچىنچىگە كىرگۈزۈلگەن قانۇنلارنىڭ ھەر قاندىقى دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيىگە دائىر قانۇنلار ۋە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاپتونومىيە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا قانۇنلار بىلەن چەكلىنىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇرۇش ھالىتى جاكارلاشنى قارار قىلغاندا ياكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى تىزگىنلىيەلمەيدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ياكى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مالىمانچىلىق يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىنى قارار قىلغاندا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئالاقىدار دۆلەتلىك قانۇنلارنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويسا بولىدۇ.

19-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مۇستەقىل ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى شياڭگاڭنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن تۈزۈملىرى ۋە پرىنسىپلىرىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى داۋاملىق ساقلاپ قالغاندىن باشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۈز بەرگەن دېلولارنىڭ ھەممىسىنى سوت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق دۆلەت ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق دۆلەت ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدىغان پاكىتلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، مەمۇرىي باشلىقنىڭ شۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا بەرگەن گۇۋاھلىق ھۆججىتىنى ئېلىشى كېرەك، بۇ ھۆججەت سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. مەمۇرىي باشلىق ئىسپات ھۆججىتى چىقىرىشتىن ئىلگىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىدىن گۇۋاھنامە ئېلىشى كېرەك.

20-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەم مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن باشقا ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

21-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاھالىسى ئارىسىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەلگىلەنگەن سان ۋە ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاھالىسى ئارىسىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى شياڭگاڭدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشتۇرىدۇ.

22-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارىمىقىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ھەر قايسى ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بۇ قانۇنغا بىنائەن ئۆزى باشقۇرىدىغان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەركەزدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ھەر قايسى ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئورگان تەسىس قىلماقچى بولسا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى لازىم.

مەركەزدىكى تارماقلار، ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تەسىس قىلغان بارلىق ئورگانلىرى ۋە خادىملىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت.

جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كىشىلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا كىرىشتە، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتۈشى كېرەك، ئۇلاردىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا كىرىپ ئولتۇراقلىشىدىغانلارنىڭ سانىنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن بەلگىلەيدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بېيجىڭدا ئىش بېجىرىش ئورگىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

23-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، توپىلاڭ قوزغايدىغان، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلايدىغان ھەر قانداق قىلمىشنى ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقىرىپ مەنئى قىلىشى، چەت ئەل سىياسىي تەشكىلاتلىرى ياكى گۇرۇھلىرىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى مەنئى قىلىشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى سىياسىي تەشكىلاتلار ياكى گۇرۇھلارنىڭ چەت ئەل سىياسىي تەشكىلاتلىرى ياكى گۇرۇھلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىنى مەنئى قىلىشى كېرەك.

3–باب ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

24-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاھالىسى (قىسقارتىلىپ شياڭگاڭ ئاھالىسى دەپ ئاتىلىدۇ) دائىملىق ئاھالە ۋە ۋاقىتلىق ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن شياڭگاڭدا تۇغۇلغان جۇڭگو پۇقرالىرى؛

(2) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن شياڭگاڭدا ئادەتتە ئۇدا تۇرۇش ۋاقتى يەتتە يىلدىن ئاشقان جۇڭگو پۇقرالىرى؛

(1) (3)، (2) تارماقچىسىغا كىرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ شياڭگاڭدىن باشقا جايلاردا تۇغۇلغان جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى پەرزەنتلىرى؛

(4) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىناۋەتلىك ساياھەت گۇۋاھنامىسى بىلەن شياڭگاڭغا كىرگەن، شياڭگاڭدا ئادەتتە ئۇدا تۇرۇش ۋاقتى يەتتە يىلدىن ئاشقان ھەمدە شياڭگاڭنى دائىمىي تۇرۇشلۇق جاي قىلغان جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمىغان كىشىلەر؛

(5) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن (4) تارماقچىسىغا كىرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ شياڭگاڭدا تۇغۇلغان 21 ياشقا توشمىغان پەرزەنتلىرى؛

(1) (6) دىن (5) كىچە بولغان تارماقچىسىغا كىرىدىغان ئاھالىلەردىن باشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن شياڭگاڭدىلا تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشىلەر.

يۇقىرىقى ئاھالىلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇش ھوقۇقىغا ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى بويىچە تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقى ئېنىق يېزىلغان دائىملىق ئاھالە كىنىشكىسىنى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋاقىتلىق ئاھالىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى بويىچە شياڭگاڭ ئاھالە كىنىشكىسىنى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، بىراق تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان كىشىلەر.

25-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر.

26-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىسى قانۇن بويىچە سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

27-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى سۆزلەش، ئاخبارات، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، يىغىن ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئىش تاشلاش ھوقۇقىغا ۋە ئەركىنلىكىگە ئىگە.

28-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ.

شياڭگاڭ ئاھالىلىرى خالىغانچە ياكى قانۇنسىز قولغا ئېلىنمايدۇ، تۇتۇپ تۇرۇلمايدۇ، قامالمايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ يېنىنى خالىغانچە ياكى قانۇنسىز ئاختۇرۇش، ئاھالىلەرنى خالىغانچە ياكى قانۇنسىز يول بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ياكى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاھالىلەرنى قاتتىق قىيناش، خالىغانچە ياكى قانۇنسىز ھالدا ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

29-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۇرار جايى ۋە باشقا ئىمارەتلىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ تۇرار جايى ۋە باشقا ئىمارەتلىرىنى خالىغانچە ياكى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ۋە ئۇلارغا خالىغانچە ياكى قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

30-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت-ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئېھتىياجى ۋە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، ئالاقىدار ئورگانلار خەت-ئالاقىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن ئاھالىلەرنىڭ خەت-ئالاقە ئەركىنلىكىگە ۋە خەت-ئالاقە مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە كۆچۈش ئەركىنلىكىگە، باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. 

شياڭگاڭ ئاھالىلىرى ساياھەت قىلىش ۋە چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئىناۋەتلىك ساياھەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلار قانۇن بويىچە توسۇپ قويۇلمىسىلا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن ئالاھىدە تەستىق ئالماي ئىختىيارىي چىقىپ كېتەلەيدۇ.

32-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.

شياڭگاڭ ئاھالىلىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، ئاشكارا دىن تارقىتىش ۋە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

33-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

34-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

35-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى مەخپىي يول بىلەن قانۇنىي مەسلىھەت ئېلىشقا، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا قوغداپ قېلىش ياكى سوتتا ئۆزىگە ۋاكالەتچى قىلىش ئۈچۈن ئادۋوكات تاللاشقا ۋە ئەدلىيە يولى بىلەن ياردەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

شياڭگاڭ ئاھالىلىرى مەمۇرىي تارماقلار ۋە مەمۇرىي خادىملارنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

36-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى ۋە پېنسىيە كاپالىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

37-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە ئىختىيارىي تۇغۇت ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

38-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان باشقا ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

39-ماددا «پۇقرالىق ھوقۇقىغا ۋە سىياسىي ھوقۇققا دائىر خەلقئارا ئەھدىنامە»، «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھوقۇققا ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا دائىر خەلقئارا ئەھدىنامە» ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ئەھدىنامىسىنىڭ شياڭگاڭغا تەتبىقلىنىدىغان ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

شياڭگاڭ ئاھالىلىرى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن قانۇن بويىچە بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىدىن باشقىلىرىغا چەك قويۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق چەك بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

40-ماددا ئەسلىدىكى «يېڭى پاسىل» ئاھالىسىنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ئەنئەنىۋى ھوقۇق-مەنپەئىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

41-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى چېگرىسى ئىچىدىكى شياڭگاڭ ئاھالىلىرىدىن باشقا كىشىلەر بۇ بابتا بەلگىلەنگەن شياڭگاڭ ئاھالىلىرىگە خاس ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

42-ماددا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ۋە شياڭگاڭدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلارغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

4–باب سىياسىي تۈزۈلمە

1–پاراگراف مەمۇرىي باشلىق

43-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقىدۇر، ئۇ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

44-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 40 ياشقا توشقان، شياڭگاڭدا ئادەتتە ئۇدا تۇرغىنىغا 20 يىل بولغان ھەمدە چەت ئەلدە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقراسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

45-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە سايلام ياكى كېڭىشىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەيدۇ.

مەمۇرىي باشلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ئاخىرىدا كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە نامزات كۆرسىتىش ھەيئىتى دېموكراتىك رەسمىيەت بويىچە نامزات كۆرسەتكەندىن كېيىن ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەمۇرىي باشلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسى قوشۇمچە ھۆججەت بىرىنچى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى» دە بەلگىلىنىدۇ.

46-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئۇدا يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ.

47-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى پاك-دىيانەتلىك بولۇشى، ئۆز ۋەزىپىسىنى ساداقەتلىك بىلەن ئادا قىلىشى لازىم.

مەمۇرىي باشلىق خىزمەتكە كىرىشكەن چاغدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىغا ئۆز مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىشى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

48-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛

(2) بۇ قانۇننى ۋە بۇ قانۇن بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تەتبىقلىنىدىغان باشقا قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

(3) قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ؛

قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان مالىيە خام چوت لايىھىسىگە ئىمزا قويىدۇ، مالىيە خام چوتى، نەق چوتىنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛

(4) ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە مەمۇرىي بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ؛

(5) تۆۋەندىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلارنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەيىنلەپ بېرىشىگە يوللايدۇ: ھەر قايسى مەھكىمىلەرنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى، پاكلىق مەھكىمىسى ۋالىيسى، مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تاموژنا باشلىقى؛ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ؛

(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسەن ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچىلىرىنى تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ؛

(8) مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا چىقارغان بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛

(9) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەركەز بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدىكى تاشقى ئىشلارنى ۋە باشقا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

(10) قانۇن كېڭىشىگە قويۇلغان مالىيە كىرىمى ياكى چىقىمىغا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەستىقلايدۇ؛

(11) خەۋپسىزلىكنى ۋە مۇھىم جامائەت مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇش ئاساسىدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل باشقا خادىملارنىڭ قانۇن كېڭىشى ياكى ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى كومىتېتلار ئالدىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش-ئۆتمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ؛

(12) جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە بېرىلگەن جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىدۇ ياكى يېنىكلىتىدۇ؛

(13) تەلەپ قويۇش، ئەرز قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

49-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە قانۇن كېڭىشىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا قايتۇرسا بولىدۇ، قانۇن كېڭىشى ئەسلىدىكى لايىھىنى پۈتۈن ئەزالارنىڭ كەم دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يەنە ماقۇللىسا، مەمۇرىي باشلىق ئۇنى بىر ئاي ئىچىدە ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىشى ياكى بۇ قانۇننىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.

50-ماددا ئەگەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى قانۇن كېڭىشى قايتا ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا ياكى قانۇن كېڭىشى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مالىيە خام چوت لايىھىسىنى ياكى باشقا مۇھىم قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللاشنى رەت قىلسا، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىقمۇ پىكىر بىرلىككە كەلمىسە، مەمۇرىي باشلىق قانۇن كېڭىشىنى تارقىتىۋەتسە بولىدۇ.

مەمۇرىي باشلىق قانۇن كېڭىشىنى تارقىتىۋېتىشتىن بۇرۇن مەمۇرىي كېڭەشنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. مەمۇرىي باشلىق بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە قانۇن كېڭىشىنى بىر قېتىملا تارقىتىۋېتەلەيدۇ.

51-ماددا ئەگەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مالىيە خام چوت لايىھىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلسا، مەمۇرىي باشلىق قانۇن كېڭىشىگە ۋاقىتلىق پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قانۇن كېڭىشى تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن پۇل ئاجرىتىشنى تەستىقلاش مۇمكىن بولمىسا، مەمۇرىي باشلىق يېڭى قانۇن كېڭىشى سايلىنىش ئالدىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى چىقىم ئۆلچىمى بويىچە، ۋاقتىنچە قىسقا مۇددەتلىك پۇل ئاجرىتىشنى تەستىقلىسا بولىدۇ.

52-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى شەرت:

(1) ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىدىن قالسا؛

(2) قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشنى ئىككى قېتىم رەت قىلىپ قانۇن كېڭىشىنى تارقىتىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا قايتىدىن سايلانغان قانۇن كېڭىشى تالاش-تارتىشتا قالغان ئەسلىدىكى لايىھىنى پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يەنە ماقۇللىغان بولسىمۇ، مەمۇرىي باشلىق ئۇنىڭ ئىمزا قويۇشىنى يەنىلا رەت قىلغان بولسا؛

(3) قانۇن كېڭىشى مالىيە خام چوت لايىھىسىنى ياكى باشقا مۇھىم قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللاشنى رەت قىلغانلىقتىن تارقىتىۋېتىلگەن، قايتىدىن سايلانغان قانۇن كېڭىشىمۇ تالاش-تارتىشتا قالغان ئەسلىدىكى لايىھىنى ماقۇللاشنى داۋاملىق رەت قىلغان بولسا.

53-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ۋەزىپىسىنى قىسقا مۇددەت ئادا قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان چاغدا، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشلىقى، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ۋاقىتلىق ئۆتەپ تۇرىدۇ.

مەمۇرىي باشلىقنىڭ ئورنى بوش قالغان چاغدا، ئالتە ئاي ئىچىدە بۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭى مەمۇرىي باشلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. مەمۇرىي باشلىقنىڭ ئورنى بوش قالغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەپ تۇرۇش يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

54-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي كېڭىشى مەمۇرىي باشلىقنىڭ تەدبىر كۆرۈشىگە ياردەملىشىدىغان ئورگان.

55-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى مەمۇرىي باشلىق مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار، قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىچىدىن تەيىنلەيدۇ، ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى مەمۇرىي باشلىق بەلگىلەيدۇ. مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇلارنى تەيىنلىگەن مەمۇرىي باشلىقنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەمۇرىي باشلىق زۆرۈر تاپقاندا، ئالاقىدار ئەربابلارنى كېڭەشكە سىرتتىن قاتنشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

56-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي كېڭىشىگە مەمۇرىي باشلىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

مەمۇرىي باشلىق مۇھىم سىياسەتلەرنى چىقىرىش، قانۇن لايىھىسىنى قانۇن كېڭىشىگە سۇنۇش، قوشۇمچە قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش ۋە قانۇن كېڭىشىنى تارقىتىۋېتىش ئالدىدا، مەمۇرىي كېڭەشنىڭ پىكرىنى ئېلىشى شەرت، لېكىن خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئىنتىزام جازاسى بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋال ئاستىدا تەدبىر قوللىنىش بۇنىڭ سىرتىدا.

مەمۇرىي باشلىق مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

57-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا پاكلىق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ خىزمەتنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەيدۇ ۋە مەمۇرىي باشلىق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

58-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مۇپەتتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ خىزمەتنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەيدۇ ۋە مەمۇرىي باشلىق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

2-پاراگراف مەمۇرىي ئورگان

59-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئورگىنىدۇر.

60-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىدۇر.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە مەمۇرىي مەھكىمە، مالىيە مەھكىمىسى، قانۇن مەھكىمىسى ۋە ئىدارىلەر، باشقارمىلار، مەھكىمىلەر تەسىس قىلىنىدۇ.

61-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شياڭگاڭدا ئادەتتە ئۇدا تۇرغىنىغا 15 يىل بولغان ھەم چەت ئەلدە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

62-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) سىياسەتلەرنى تۈزىدۇ ھەم ئىجرا قىلىدۇ؛

(2) تۈرلۈك مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛

(3) بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدىكى تاشقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

(4) مالىيە خام چوتى ۋە نەق چوتىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەم ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛

(5) قانۇق لايىھىسى، تەكلىپ، قوشۇمچە قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەم ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛

(6) قانۇن كېڭىشىگە سىرتتىن قاتنىشىشقا ۋە ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىشقا ئەمەلدار ئەۋەتىدۇ.

63-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ ھېچقانداق مۇداخىلىگە ئۇچرىمايدۇ.

64-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك؛ قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان ۋە كۈچكە ئىگە بولغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قانۇن كېڭىشىگە قەرەللىك دوكلات بېرىپ تۇرۇشى كېرەك؛ قانۇن كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ باج ئېلىشتا ۋە جامائەت چىقىمىدا قانۇن كېڭىشىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

65-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەسلىھەتچىلىك تەشكىلاتى تەسىس قىلىدىغان ئەسلىدىكى تۈزۈم داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ.

3-پاراگراف قانۇن چىقىرىش ئورگىنى

66-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنىدۇر.

67-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمما شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمىغان دائىملىق ئاھالىلىرى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇش ھوقۇقى بولغان دائىملىق ئاھالىلىرىمۇ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قانۇن كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزاسىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

68-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئاخىرىدا بارلىق ئەزالارنى ئومۇم سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە قانۇن لايىھىلىرى، تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى قوشۇمچە ھۆججەت ئىككىنچى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى» دە بەلگىلىنىدۇ.

69-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 1-نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ئىككى يىل بولغاندىن باشقا، قالغان ھەر نۆۋەتلىكىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ.

70-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى مەمۇرىي باشلىق تەرىپىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ قانۇننىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سايلام ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.

71-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسى قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى ئىچىدىن ئۆز ئارا سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 40 ياشقا توشقان، شياڭگاڭدا ئادەتتە ئۇدا تۇرغىنىغا 20 يىل بولغان ۋە چەت ئەلدە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقراسى ئۆتەيدۇ.

72-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛

(2) قارالمىلارنى بەلگىلەيدۇ، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئاۋۋال قارالمىغا كىرگۈزىدۇ؛

(3) يىغىن ئېچىش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ؛

(4) يىغىن ئارىلىقىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرالايدۇ؛

(5) مەمۇرىي باشلىقنىڭ تەلىپى بويىچە جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ؛

(6) قانۇن كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.

73-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، تۈزىتىدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ؛

(2) ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپكە ئاساسەن، مالىيە خام چوتىنى تەكشۈرىدۇ، ماقۇللايدۇ؛

(3) باج ۋە جامائەت چىقىملىرىنى تەستىقلايدۇ؛

(4) مەمۇرىي باشلىقنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ؛

(5) ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈستىدە سوئال قويىدۇ؛

(6) جامائەت مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ؛

(7) ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسىنى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزىدۇ؛

(8) شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

(9) قانۇن كېڭىشىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تۆتتىن بىرى بىرلىشىپ تەكلىپ قويۇپ، مەمۇرىي باشلىقنىڭ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ياكى خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئىستېپا بەرمىگەنلىكى ئۈستىدە شىكايەت قىلسا، قانۇن كېڭىشىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، قانۇن كېڭىشى ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلىشقا مەسئۇل بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە قانۇن كېڭىشىگە دوكلات بېرىدۇ. مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەيئىتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان شىكايەتنى شەكىللەندۈرگەن دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق دەپ قارىسا، قانۇن كېڭىشى پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، پاش قىلغان دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ؛

(10) يۇقىرىدىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزگەندە، زۆرۈر تېپىلسا، ئالاقىدار ئەربابلارنى يىغىنغا قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە ۋە دەلىل-ئىسپات بېرىشكە چاقىرسا بولىدۇ.

74-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا قويىدىغان قانۇن لايىھىلىرىدىن جامائەت چىقىملىرىغا ياكى سىياسىي تۈزۈلمىگە ياكى ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىگە چېتىلمايدىغانلىرىنى قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم ياكى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئاۋۋال مەمۇرىي باشلىقنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت.

75-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى بارلىق ئەزالارنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولمايدۇ.

قانۇن كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى قانۇن كېڭىشى ئۆزى تۈزۈپ چىقىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

76-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىلىرى مەمۇرىي باشلىقنىڭ ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

77-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

78-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا ۋە يىغىنغا كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنمايدۇ.

79-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشى ئەزالىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۇنىڭ قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزاسىلىق لاياقىتىنى يوقاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ:

(1) ئېغىر كېسەل ياكى باشقا ئەھۋال تۈپەيلىدىن ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىدىن قالغانلار؛

(2) قانۇن كېڭىشى رەئىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، يىغىنغا ئۇدا ئۈچ ئاي قاتناشمىغان ۋە ئۇنىڭغا لايىقىدا سەۋەب كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلەر؛

(3) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىسىلىق سالاھىيىتىنى يوقاتقان ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلەر؛

(4) ھۆكۈمەتنىڭ تەيىنلىشىنى قوبۇل قىلىپ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ قالغانلار؛

(5) ۋەيران بولغان ياكى سوت تەرىپىدىن قەرز قايتۇرۇش كېسىم قىلىنغان، ئەمما ئۇنى ئادا قىلمىغانلار؛

(6) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ياكى رايون سىرتىدا جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ھۆكۈم قىلىنىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق قاماپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن ھەمدە قانۇن كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالاردىن ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلار؛

(7) قىلىقسىزلىق قىلغانلىقى ياكى قەسەمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالاردىن ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر.

4–پاراگراف ئەدلىيە ئورگانلىرى

80-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىدۇر، ئۇلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

81-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئاخىرقى سوت مەھكىمىسى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈم مەھكىمىسى سوت كوللېگىيىسى ۋە باشقا مەخسۇس سوت كوللېگىيىلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە نارازىلىق ئەرز سوت كوللېگىيىسى ۋە دەسلەپكى دەۋا سوت كوللېگىيىسى تەسىس قىلىنىدۇ.

شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئەسلىدىكى ئەدلىيە تۈزۈلمىسىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن ئۆزگىرىش بولغانلىرىدىن باشقىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

82-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئاخىرقى سوت مەھكىمىسى ئېھتىياجغا قاراپ، ئومۇمىي قانۇن تەتبىق قىلىنغان باشقا رايونلاردىكى سوتچىلارنى سوت قىلىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

83-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 

84-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى بۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تەتبىق قىلىنىدىغان قانۇنلار بويىچە سوتلايدۇ، ئومۇمىي قانۇن تەتبىق قىلىنىدىغان باشقا رايونلارنىڭ ئەدلىيىلىك ھۆكۈم ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

85-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مۇستەقىل سوت قىلىدۇ، ھېچقانداق مۇداخىلىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

86-ماددا شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئەسلىدىكى زاسىداتىللىق تۈزۈمىنىڭ پرىنسىپلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

87-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسى ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسىدا شياڭگاڭدا تەتبىق قىلىنىپ كەلگەن ئەسلىدىكى پرىنسىپلار ۋە دەۋالاشقۇچىلار بەھرىمەن بولىدىغان ئەسلىدىكى ھوقۇقلار ساقلاپ قېلىنىدۇ.

ھەر قانداق كىشى قانۇنلۇق قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئادىل سوتلىشىنى بالدۇرراق قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇ ئەدلىيە ئورگىنى جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى گۇناھسىز دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.

88-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى يەرلىك سوتچىلار ۋە قانۇن ساھەسىدىكىلەر ھەم باشقا ساھەلەردىكى مەشھۇر زاتلاردىن تەركىب تاپقان مۇستەقىل كومىتېتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەمۇرىي باشلىق تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

89-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىلىقسىزلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى مەمۇرىي باشلىق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تەيىنلىگەن ۋە كەم دېگەندە ئۈچ نەپەر يەرلىك سوتچىدىن تەركىب تاپقان قاراپ چىققۇچى سوت كوللېگىيىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىلىقسىزلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدىلا، مەمۇرىي باشلىق كەم دېگەندە بەش نەپەر يەرلىك سوتچىدىن تەركىب تاپقان قاراپ چىققۇچى سوت كوللېگىيىسىنى قاراپ چىقىشقا تەيىنلىسە ھەمدە مۇشۇ كوللېگىيىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا بولىدۇ.

90-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىلىرى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆتەيدۇ.

بۇ قانۇننىڭ 88-ۋە 89-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەردىن باشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىنى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشتا، مەمۇرىي باشلىق يەنە قانۇن كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

91-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى سوتچىلاردىن باشقا ئەدلىيە خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا دائىر ئەسلىدىكى تۈزۈم داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ. 

92-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سوتچىلىرى ۋە باشقا ئەدلىيە خادىملىرى ئۆزىنىڭ ئەدلىيە ۋە كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا قاراپ تاللاپ ئىشقا قويۇلۇشى كېرەك، ئۇلارنى ئومۇمىي قانۇن تەتبىق قىلىنىدىغان باشقا رايونلاردىن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

93-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شياڭگاڭدا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن سوتچىلارنى ۋە باشقا ئەدلىيە خادىملىرىنى ئەپقېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ستاژى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئىش ھەققى، ياردەم پۇلى، پاراۋانلىق تەمىناتى ۋە خىزمەت شارائىتى ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

پېنسىيىگە چىققان ياكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كېلىپ خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان سوتچىلار ۋە باشقا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ، جۈملىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پېنسىيىگە چىققان ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تېگىشلىك پېنسىيە پۇلى، ئىش ھەققى، ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق راسخوتىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، بۇرۇنقىدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياكى ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىدۇ.

94-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان چارىلەردىن پايدىلىنىپ، يەرلىك ئادۋوكاتلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئادۋوكاتلارنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا خىزمەت قىلىشى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

95-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئەدلىيە جەھەتتىن قانۇن بويىچە ئالاقە باغلىسا ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

96-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ۋە ھوقۇق بېرىشى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى چەت ئەللەر بىلەن ئەدلىيە جەھەتتە ئۆزئارا ياردەملىشىش مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

5-پاراگراف رايونلۇق تەشكىلاتلار

97-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رايونلارنى باشقۇرۇشقا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتچىلىككە مەسئۇل بولىدىغان، ھاكىمىيەت تۈسىنى ئالمىغان رايونلۇق تەشكىلاتلار تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

98-ماددا رايونلۇق تەشكلاتلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەشكىللىنىش چارىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

6–پاراگراف ھۆكۈمەت خادىملىرى

99-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بۇ قانۇننىڭ 101-ماددىسىدىكى باشقىچە بەلگىلىمىگە كىرىدىغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەلۇم بىر ۋەزىپە دەرىجىسىدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر بۇ چەككە كىرمەيدۇ.

ھۆكۈمەت خادىملىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

100-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا، جۈملىدىن ساقچى تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەپقېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ستاژى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئىش ھەققى، ياردەم پۇلى، پاراۋانلىق تەمىناتى ۋە خىزمەت شارائىتى ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

101-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىچىدە ئىشلەپ كېلىۋاتقان ياكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالە كىنىشكىسىنى ئالغان ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋە باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئەربابلارنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خادىملىرى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان دائىملىق ئاھالىسى ئىچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن بولۇشى كېرەك. بۇلار: ھەر قايسى مەھكىمىلەرنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ھەرقايسى ئىدارىلەرنىڭ باشلىقلىرى، پاكلىق مەھكىمىسى ۋالىيسى، مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تاموژنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋە باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئەربابلارنى تەكلىپ قىلىپ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە قويسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن باشقا جايلاردىن لاياقەتلىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كەسپىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ۋەزىپىلىرىگە قويسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئەربابلار تەكلىپنى پەقەت شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

102-ماددا پېنسىيىگە چىقىدىغان ياكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كېلىپ خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، جۈملىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پېنسىيىگە چىققان ياكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كېلىپ خىزمىتىدىن ئايرىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك پېنسىيە پۇلى، ئىش ھەققى، ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق راسخوتىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، بۇرۇنقىدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزلىرىگە ياكى ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىدۇ.

103-ماددا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆز سالاھىيىتىگە، تەجرىبىسىگە ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشقا قويۇلىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارغا ئىمتىيازلىق تەمىنات بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شياڭگاڭنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىش، ياللاش، سىناش، ئىتىزامغا بويسۇندۇرۇش، تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر بۇرۇنقى تۈزۈملىرى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشقا قويۇلۇشى، ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىغا مەسئۇل مەخسۇس ئاپپاراتلار ساقلاپ قېلىنىدۇ.

104-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى، ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرى، قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتچىلىرى ۋە باشقا ئەدلىيە خادىملىرى خىزمەتكە كىرىشكەندە، قانۇن بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنى ھىمايە قىلىمەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا سادىق بولىمەن، دەپ قەسەم بېرىشى كېرەك.

5–باب ئىقتىساد

1-پاراگراف مالىيە، پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە سودا-سانائەت

105-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شەخسلەرنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش، ئۇنى ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى، شۇنىڭدەك شەخسنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ مال-مۈلكى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە، شۇ مال-مۈلۈك ئىگىسىنىڭ تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مال-مۈلۈككە تۆلىنىدىغان تۆلەم شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىي قىممىتىگە تەڭ بولۇشى كېرەك، ئۇنى ئىختىيارىي ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، تۆلەمنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە چەت ئەل مەبلىغى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

106-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مالىيە جەھەتتىكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ بارلىق مالىيە كىرىمى ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلمايدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن باج ئالمايدۇ.

107-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۆزىنىڭ مالىيە خام چوتىدا كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشنى پرىنسىپ قىلىدۇ، كىرىم بىلەن چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، قىزىل رەقەم كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىدۇ ھەمدە مالىيە خام چوتىنى ئۆز يېرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە ماسلاشتۇرىدۇ.

108-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مۇستەقىل باج تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان تۆۋەن باج سىياسىتى بويىچە، باج تۈرى، باج نىسبىتىنى، باج ئېلىشتا كەڭ بولۇش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئىشلىرىنى ۋە باج ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقىرىپ بەلگىلەيدۇ.

109-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

110-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەپ، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ۋە پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ تىجارەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

111-ماددا شياڭگاڭ پۇلى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنىي پۇلى بولۇپ، داۋاملىق ئوبوروت قىلىنىدۇ.

شياڭگاڭ پۇلىنى تارقىتىش ھوقۇقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ. شياڭگاڭ پۇلىنى تارقىتىش ئۈچۈن يۈزدە يۈز زاپاس پۇل بولۇشى كېرەك. شياڭگاڭ پۇلىنى تارقىتىش تۈزۈمى ۋە زاپاس پۇل تۈزۈمى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ پۇلىنى تارقىتىش ئاساسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى ۋە پۇل تارقىتىش ئىشىنىڭ شياڭگاڭ پۇلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئايان بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بەلگىلەنگەن بانكىغا شياڭگاڭ پۇلىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تارقىتىش ياكى داۋاملىق تارقىتىش ھوقۇقىنى بەرسە بولىدۇ.

112-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تاشقى پېرېۋوتنى تىزگىنلەش سىياسىتى يولغا قويۇلمايدۇ. شياڭگاڭ پۇلى ئەركىن ئايرىۋاشلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت، ئالتۇن، باھالىق چەك ۋە نېسى م, ال بازارلىرى داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش ۋە كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

113-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تاشقى پېرېۋوت فوندى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە ئىختىيارىدا بولىدۇ، ئۇ ئاساسەن شياڭگاڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

114-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئەركىن پورت بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ، تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

115-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئەركىن سودا سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، مال، شەكىلسىز مال-مۈلۈك ۋە كاپىتالنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

116-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مۇستەقىل تاموژنا بېجى رايونى بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نام بىلەن «تاموژنا بېجى ۋە سودىغا دائىر ئومۇمىي كېلىشىم»، خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار سودىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە خەلقئارا سودا كېلىشىملىرىگە، جۈملىدىن ئالاھىدە مەنپەئەتلىك سودا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتناشسا بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئېرىشكەن ۋە ئىلگىرى ئېرىشىپ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان ئېكسپورت ھەسسىسىدىن، تاموژنا بېجى جەھەتتىكى ئالاھىدە مەنپەئەتتىن ۋە كېلىشكەن شۇ خىلدىكى باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.

117-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئەينى ۋاقىتتىكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان جاي قائىدىسىگە ئاساسەن شۇ مەھسۇلاتلار ئۈچۈن مەھسۇلات مەنبەسى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ.

118-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي شارائىت ھازىرلاپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سېلىشقا، تېخنىكا تەرەققىياتىغا ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

119-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق سىياسەت بەلگىلەپ، ماشىنىسازلىق، سودا، ساياھەتچىلىك، ئۆي-زېمىن كەسپى، ترانسپورت، جامائەت ئىشلىرى، مۇلازىمەتچىلىك ۋە بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ ھەمدە مۇھىت مۇھاپىزىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

2–پاراگراف يەر توختىمى

120-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى تەستىقلانغان، قارار قىلىنغان ياكى قەرەلى 1997-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بارلىق يەر توختاملىرى ۋە شۇ يەر توختاملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى بويىچە داۋاملىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ.

121-ماددا 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە تەستىقلانغان ياكى ئەسلىدە قەرەلىنى ئۇزارتىشقا ھەقلىق بولمىغان بولسىمۇ ئۇزارتىشقا ئېرىشكەن، قەرەلى 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېشىپ كېتىدىغان، ئەمما 2047-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بارلىق يەر توختاملىرىدىكى يەرلەردىن ئىجارىگە ئالغۇچىدىن 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ يەر ھەققى تولۇقلاپ ئېلىنمايدۇ، لېكىن ھەر يىلى شۇ يەردىن شۇ كۈنى ئېلىنىدىغان باج مۆلچەرىنىڭ ئۈچ پىرسەنتىگە تەڭ ئىجارە ھەققى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىجارە ھەققى يەردىن ئېلىنىدىغان باج مۆلچەرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ تەڭشىلىدۇ.

122-ماددا كونا توختام بويىچە تەستىقلانغان يەرلەر، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەر، كىشى بېشىغا بېرىلگەن ئۆيلۈك يەرلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېزا يەرلىرىنى 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ياكى شۇ كۈندىن كېيىن تەستىقلانغان كىشى بېشىغا بېرىلگەن ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ ئاتا جەمەتى 1898-يىلى شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق كونا يېزا ئاھالىسىدىن بولسا، مەزكۇر يەرنى ئىجارىگە ئالغۇچى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بولسا ياكى ئۇنىڭ ئاتا جەمەت قانۇنىي ۋارىسى بولسا، ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئىجارە ھەققى ئۆزگەرتىلمەيدۇ.

123-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەرەلى توشىدىغان، قەرەلىنى ئۇزارتىشقا ھەقلىق بولمىغان يەر توختاملىرىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۆز ئالدىغا قانۇن ۋە سىياسەت چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

3–پاراگراف دېڭىز ترانسپورتى

124-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن دېڭىز ترانسپورت تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى، جۈملىدىن دېڭىزچىلارغا دائىر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى دېڭىز تراسپورتى جەھەتتىكى كونكرېت فۇنكسىيىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ.

125-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، پاراخوت-كېمىلەرنى تىزىملاش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى تارقىتىدۇ.

126-ماددا چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەۋەسىگە كىرىش ئۈچۈن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىنى ئالغاندىن باشقا، قالغان پاراخوت، كېمىلەر شياڭگاڭ پورتىغا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنى بويىچە كىرىپ-چىقسا بولىدۇ. 

127-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى خۇسۇسىي دېڭىز ترانسپورتى ۋە دېڭىز ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ھەمدە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى توپ قاچىلىنىدىغان ساندۇق پرىستانلىرى داۋاملىق ئەركىن تىجارەت ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

4-پاراگراف خەلق ئاۋىئاتسىيىسى

128-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شەرت-شارائىت ھازىرلاپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ھاۋا قاتناش مەركىزىي بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ.

129-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ ھەمدە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايروپىلانلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بەلگىسى ۋە تىزىملاش بەلگىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا ئايروپىلان تىزىملاش دەپتىرى تۇتىدۇ.

چەت ئەلنىڭ دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئەسۋابلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا كىرمەكچى بولسا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك.

130-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ كۈندىلىك كەسپىي ئىشلىرى ۋە تېخنىكا باشقۇرۇش ئىشلىرىغا، جۈملىدىن ئايرودروم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئاخبارات رايونى دائىرىسىدە ھاۋا قاتنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ھەمدە خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق ھاۋا قاتناش پىلانىدىكى رەسمىيەتلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.

131-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە شياڭگاڭنى ئاساسلىق تىجارەت ئورنى قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

132-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ۋە باشقا رايونلار ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا چۈشۈپ ئۆتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا رايونلىرىغا چۈشۈپ ئۆتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئالاقىدار بولغانلىكى خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى كېلىشملىرىنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىمزالايدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالاشتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتىدۇ ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىپ ئىش كۆرىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھوكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.

133-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن كونكرېت ھوقۇقلار بويىچە:

(1) ئەسلىدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى ۋە توختاملىرىنى داۋاملاشتۇرسا ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ؛

(2) سۆھبەت ئارقىلىق يېڭىدىن خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى ئىمزالاپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە شياڭگاڭنى ئاساسلىق تىجارەت ئورنى قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ھاۋا قاتناش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە ھەمدە چېگرىدىن ئۆتۈش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا سەۋەبىدىن ئايروپىلاننى قوندۇرۇش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ؛

(3) خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى تۈزۈشمىگەن چەت ئەل ياكى رايونلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋاقىتلىق توختام تۈزۈشسە بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قاتنىمايدىغان ۋە چۈشۈپ ئۆتمەيدىغان، شياڭگاڭغىلا قاتنايدىغان ۋە چۈشۈپ ئۆتىدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ماددىدا كۆرسىتىلگەن خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى ياكى ۋاقىتلىق توختام ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.

134-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە مۇنداق ھوقۇقلارنى بېرىدۇ:

(1) بۇ قانۇننىڭ 133-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى ۋە ۋاقىتلىق توختاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۈستىدە، باشقا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش؛

(2) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە شياڭگاڭنى ئاساسلىق تىجارەت ئورنى قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ كىنىشكىسىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش؛

(3) بۇ قانۇننىڭ 133-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت كېلىشىمى ۋە ۋاقىتلىق توختام بويىچە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى بەلگىلەش؛

(4) چەت ئەل ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان ۋە چۈشۈپ ئۆتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىدىن باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ تارقىتىش.

135-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شياڭگاڭغا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە شياڭگاڭنى ئاساسلىق تىجارەت ئورنى قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەر ئۆز تىجارەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە بولىدۇ.

6-باب مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، دىن، ئىشچى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

136-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەسلىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن مائارىپ تۈزۈمى ئاساسىدا، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ياخشىلاشقا دائىر سىياسەتلەرنى، جۈملىدىن مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپنى باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش تىلى، راسخوت تەقسىماتى، ئىمتىھام تۈزۈمى، ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە باشقىلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدۇ.

جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانۇن بويىچە تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

137-ماددا ھەر خىل مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالسا ھەمدە ئىلىم ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولسا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن باشقا جايلاردىن ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنى داۋاملىق تەكلىپ قىلسا، دەرسلىكلەرنى داۋاملىق تاللاپ قوللانسا بولىدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ئاچقان مەكتەپلەر دىنىي تەلىم-تەربىيىنى داۋاملىق ئېلىپ بارسا، جۈملىدىن دىنىي دەرس تەسىس قىلسا بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپ تاللاش ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن باشقا جايلارغا بېرىپ ئوقۇش ئەركىنلىكى بولىدۇ.

138-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى جۇڭگوچە-غەربچە تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا دائىر سىياسەتلەرنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدۇ. 

جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر تۈرلۈك داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللانسا بولىدۇ.

139-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى پەن-تېخنىكىغا دائىر سىياسەتلەرنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىپ، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، پاتېنت ۋە ئىجادىيەت-كەشپىياتلارنى قانۇن بىلەن قوغدايدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭغا تەتبىقلىنىدىغان تۈرلۈك ئىلىم-پەن، تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قېلىپنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ.

140-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتورلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بىلەن قوغدايدۇ.

141-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىمەيدۇ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنىغا زىت كەلمەيدىغان دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلىمەيدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار مال-مۈلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، شۇنىڭدەك ياردەم قوبۇل قىلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. مال-مۈلۈك جەھەتتىكى بۇرۇنقى ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى داۋاملىق ساقلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ.

دىنىي تەشكىلاتلار ئىلگىرى قوللىنىپ كەلگەن چارىلىرى بويىچە، دىنىي مەكتەپ ھەم باشقا مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانا ۋە پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى داۋاملىق باشقۇرسا ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىندارلار باشقا جايلاردىكى دىنىي تەشكىلاتلار ھەم دىندارلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرسا ۋە راۋاجلاندۇرسا بولىدۇ. 

142-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەسلىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن كەسپىي تۈزۈملەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى باھالاپ بېكىتىشكە دائىر چارىلەرنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى كەسپىي سالاھىيەت ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئەسلىدىكى سالاھىيىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە كەسپىي قائىدىلەرگە ئاساسەن ساقلاپ قېلىنسا بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئېتىراپ قىلىنغان كەسىپ ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارنى داۋاملىق ئېتىراپ قىلىدۇ، ئېتىراپ قىلىنغان كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا كەسپىي سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتسە ۋە بەرسە بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر سوراش ئارقىلىق، يېڭى كەسىپ ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارنى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ.

143-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەنتەربىيە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدۇ. خەلق تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا ۋە راۋاجلانسا بولىدۇ.

144-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن مائارىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت، سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي خىزمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپپاراتلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. شياڭگاڭدىكى ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرىغا ئىشلەپ كېلىۋاتقان خادىملار بۇرۇنقى تۈزۈملەرگە ئاساسەن، داۋاملىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

145-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەسلىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى ئاساسىدا، ئىقتىسادىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشىلاش سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدۇ.

146-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پىدائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىك ئۇسۇلىنى قانۇنغا زىت كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىرى بەلگىلىسە بولىدۇ.

147-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىشچىلارغا ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى ئۆزى تۈزىدۇ.

148-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە، كەسىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ئەمگەك، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي خىزمەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىپ خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر-بىرىگە بېقىنماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ۋە بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ.

149-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە، كەسىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ئەمگەك، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي خىزمەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى رايونلاردىكى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسا ۋە راۋاجلاندۇرسا بولىدۇ، بۇ خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار زۆرۈرىيەتكە قاراپ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نام بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.

7–باب تاشقى ئىشلار

150-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە ئۆتكۈزىدىغان دىپلوماتىك سۆھبەتلەرگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشسا بولىدۇ.

151-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە، دېڭىز قاتنىشى، خەت-ئالاقە، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نامدا ئۆز ئالدىغا ساقلاپ قالسا ۋە راۋاجلاندۇرسا ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ئىمزالىسا ۋە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

152-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى دۆلەت بويىچە قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئالاقىدار بولغان مۇۋاپىق ساھەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا يىغىنلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ياكى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ياكى خەلقئارا يىغىنلار لايىق كۆرگەن سالاھىيەت بىلەن قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى ئەۋەتسە بولىدۇ ۋە بۇ ۋەكىللەر «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نام بىلەن پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بويىچە قاتنىشىش تەلەپ قىلىنمىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا يىغىنلارغا «جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى» دېگەن نام بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناشقان، شياڭگاڭمۇ مەلۇم شەكىل بىلەن قاتناشقان خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ئورنىنى مۇۋاپىق شەكىلدە داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېخى قاتناشمىغان، ئەمما شياڭگاڭ مەلۇم شەكىل بىلەن قاتناشقان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا داۋاملىق قاتنىشىشىغا ئېھتىياجغا قاراپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

153-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن خەلقئارا كېلىشىملەرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تەتبىق قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن بەلگىلەيدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېخى قاتناشمىغان، ئەمما شياڭگاڭغا تەتبىق قىلىنغان خەلقئارا كېلىشىملەر داۋاملىق تەتبىق قىلىنىدۇ. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجغا قاراپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا كېلىشىملەرنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تەتبىق قىلىش يولىدا مۇۋاپىق ئىش كۆرۈشىگە ھوقۇق بېرىدۇ ياكى ياردەملىشىدۇ. 

154-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالە كىنىشكىسىنى ئالغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا قانۇن بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ پاسپورتىنى تارقىتىش ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان باشقا كىشىلەرگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشقا ساياھەت گۇۋاھنامىلىرىنى تارقىتىش ھوقۇقى بېرىدۇ. بۇ پاسپورت ۋە گۇۋاھنامىلەر ھەرقايسى ئەللەر ۋە رايونلارغا بېرىشتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە بۇ پاسپورت، گۇۋاھنامىلەرگە ئىگىسىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بارلىقى ئېنىق يېزىلىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ياكى ھەر قايسى رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىش، تۇرۇش ۋە چېگرىدىن كېتىش ئىشلىرىدا چېگرىدىن كىرىش-چىقىش كونتروللۇقىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

155-ماددا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ياكى رايونلار بىلەن ئۆزئارا ۋىزىغا ئىمزا قويۇشماسلىق كېلىشىمى تۈزۈشىگە ياردەملىشىدۇ ياكى ھوقۇق بېرىدۇ.

156-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئېھتىياجغا ئاساسەن، چەت ئەللەردە رەسمىي ياكى يېرىم رەسمىي ئىقتىسادىي ۋە سودا ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

157-ماددا چەت ئەللەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا كونسۇل ياكى باشقا رەسمىي، يېرىم رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەسىس قىلماقچى بولسا، ئۇنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭدا تەسىس قىلغان كونسۇل ئورگانلىرى ۋە باشقا رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ساقلاپ قېلىنسا بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تېخى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭدا تەسىس قىلغان كونسۇل ئورگانلىرى ۋە باشقا رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ساقلىنىپ قېلىشىغا ياكى يېرىم رەسمىي ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلىشىگە يول قويۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېخى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا خەلق ئاپپاراتلىرىنىلا تەسىس قىلىدۇ.

8–باب بۇ قانۇننى ئىزاھلاش ۋە تۈزىتىش

158-ماددا بۇ قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ قانۇننىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاپتونومىيە دائىرىسىدىكى ئالاقىدار ماددىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىزاھلاش ھوقۇقى بېرىدۇ.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ قانۇننىڭ باشقا ماددىلىرى ئۈستىدىمۇ ئىزاھات بەرسە بولىدۇ. بىراق شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، بۇ قانۇننىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان ئىشلارغا ياكى مەركەز بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ماددىلىرى ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشنى زۆرۈر تاپسا، لېكىن بۇ ماددىنى ئىزاھلىغاندا دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەسىر يەتسە، مەزكۇر دېلو ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز سۇنۇشقا بولمايدۇ دەپ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ئاخىرقى سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنى ئالاقىدار ماددا ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىزاھات بەرگەن بولسا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ماددىنى تەتبىق قىلىشتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىزاھاتىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. بىراق بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقىرىلغان ھۆكۈمگە تەسىر يەتمەيدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ قانۇن ئۈستىدە ئىزاھات بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆز قارىمىقىدىكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ.

159-ماددا بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بولىدۇ.

بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈستىدە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا بولىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزاسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىشى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي باشلىقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىدۇ.

بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە پىكىر بېرىدۇ.

بۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلىدىغان ھەرقانداق تۈزىتىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ توغرىسىدا بەلگىلىگەن ئاساسىي فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىگە زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

9–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

160-ماددا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغاندا، شياڭگاڭنىڭ ئىلگىرىكى قانۇنلىرىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ قانۇن بىلەن زىت كېلىدۇ دەپ ئېلان قىلغانلىرىدىن باشقىلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇنلىرى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ، كېيىن بەزى قانۇنلارنىڭ بۇ قانۇنغا زىت كېلىدىغانلىقى بايقالسا، ئۇلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تۈزىتىلىدۇ ياكى كۈچتىن قالدۇرۇلىدۇ.

شياڭگاڭنىڭ ئىلگىرىكى قانۇنلىرىدا كۈچكە ئىگە بولغان ھۆججەت، گۇۋاھنامە، توختاملار ۋە ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەر بۇ قانۇنغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇلارنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ.

قوشۇمچە ھۆججەت (1)

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى

1. مەمۇرىي باشلىقنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر سايلام ھەيئىتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن سايلاپ چىقىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تەيىنلەيدۇ.

2. سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى جەمئىي 800 كىشى بولۇپ، تۆۋەندىكى ھەرقايسى ساھە زاتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىن 200 كىشى؛

كەسپىي ساھەدىن 200 كىشى؛

ئىشچىلار، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىك ساھەسى، دىنىي ساھە ۋە باشقا ساھەلەردىن 200 كىشى؛

قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى، رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ رايونىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ رايونىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 200 كىشى.

سايلام ھەيئىتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەكىللىك مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

3. ھەرقايسى ساھەلەرنى ئايرىشنى ھەمدە ھەربىر ساھەدىن قانداق تەشكىلاتقا سايلام ھەيئىتى ئەزاسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان سان بېرىلىدىغانلىقىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، سايلام قانۇنى تۈزۈش يولى بىلەن بەلگىلەيدۇ.

ھەرقايسى ساھەدىكى قانۇنىي تەشكىلاتلار سايلام ھەيئىتى ئەزالىرىنى سايلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سان تەقسىماتى ۋە سايلام چارىسىگە ئاساسەن ئۆزلىرى سايلايدۇ.

سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن ئاۋاز بېرىدۇ.

4. مەمۇرىي باشلىقنىڭ نامزاتىنى سايلام ھەيئىتىنىڭ كەم دېگەندە 100 نەپەر ئەزاسى بىرلىشىپ كۆرسەتسە بولىدۇ. ھەربىر ئەزا بىرلا نامزات كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

5. سايلام ھەيئىتى كۆرسىتىلگەن ئىسىملىككە ئاساسەن، بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىش بويىچە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن مەمۇرىي باشلىق نامزاتىنى سايلاپ چىقىدۇ. كونكرېت سايلام چارىسى سايلام قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ.

6. بىرىنچى نۆۋەتلىك مەمۇرىي باشلىق «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى توغرىسىدىكى قارارى» بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

7. 2007-يىلىدىن كېيىن ھەر نۆۋەتلىك مەمۇرىي باشلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ قانۇن كېڭىشىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەمۇرىي باشلىق ئۇنىڭغا قوشۇلغاندىن كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.

قوشۇمچە ھۆججەت (2)

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتپى

1. قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى 

(1) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئەزاسى 60 كىشى بولىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى توغرىسىدىكى قارارى» بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى نۆۋەتلىك، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىنىڭ تەركىبى مۇنداق بولىدۇ:

ئىككىنچى نۆۋەتلىك 

فۇنكسىيىلىك تەشكىلاتلار سايلايدىغان ئەزا 30 كىشى؛ 

سايلام ھەيئىتى سايلايدىغان ئەزا 6 كىشى؛ 

شۆبە رايونلار بىۋاسىتە سايلايدىغان ئەزا 24 كىشى؛

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك

فۇنكسىيىلىك تەشكىلاتلار سايلايدىغان ئەزا 30 كىشى؛

شۆبە رايونلار بىۋاسىتە سايلايدىغان ئەزا 30 كىشى.

(2) بىرىنچى نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشىدىن باشقا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سايلام ھەيئىتى بۇ قانۇندىكى قوشۇمچە ھۆججەت بىرىنچىدە بەلگىلەنگەن سايلام ھەيئىتىدۇر. يۇقىرىدا ئېيتىلغان شۆبە رايونلار بىۋاسىتە سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام رايونلىرىنىڭ ئايرىلىشى، بېلەت تاشلاش چارىسى، ھەرقايسى فۇنكسىيىلىك ساھەلەرنىڭ ۋە قانۇنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئايرىلىشى، ئەزالار سانىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، سايلام چارىسى ۋە سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش چارىسى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە قانۇن كېڭىشى ماقۇللىغان سايلام قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ.

2. قانۇن كېڭىشىنىڭ قانۇن لايىھىسى ۋە تەكلىپ لايىھىلىرىنى ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى 

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ قانۇن لايىھىسى ۋە تەكلىپ-لايىھىلىرىنى ئاۋازغا قويۇشى بۇ قانۇندىكى ئايرىم بەلگىلىمىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ:

ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھىسى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ئەزالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشەلىسە، ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ.

قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى شەخسەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-لايىھىلىرى، قانۇن لايىھىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپ-لايىھىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا فۇنسكىيىلىك تەشكىلاتلار سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەزالار بىلەن شۆبە رايونلار بىۋاسىتە سايلىمى، سايلام ھەيئىتى سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەزالاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىم ئەزالارنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىرىدىن تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.

3. 2007-يىلدىن كېيىنكى قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى 

2007-يىلدىن كېيىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە قانۇن لايىھىسى، تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى ھەققىدە بۇ قوشۇمچە ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە قانۇن كېڭىشى بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تەشكىل قىلغان كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللۇقىدىن، مەمۇرىي باشلىقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

قوشۇمچە ھۆججەت (3)

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان دۆلەتلىك قانۇنلار

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭدا 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى دۆلەتلىك قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ ياكى قانۇن چىقىرىپ يولغا قويىدۇ.

1. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، يىلنامىسى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بايرىقى توغرىسىدىكى قارار»

2. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى توغرىسىدىكى قارار»

3. «مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى»قوشۇمچە: دۆلەت بەلگىسىنىڭ نۇسخىسى، ئىزاھاتى، ئىشلىتىلىش چارىسى 

4. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى توغرىسىدىكى باياناتى»

5. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى»

6. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈم قىلىش نىزامى» [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#