ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە سۇ يىغىلىش كېسلى

ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە سۇ يىغىلىش

ھامىلىنىڭ مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلىقىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقنىڭ باش بوشلۇقى ئىچىدە زاپاس ساقلىنىشى ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە سۇ يىغىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە سۇ يىغىلىش
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 胎儿脑积水
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭىگە سۇ يىغىلغان ھامىلىنىڭ باش ئايلانمىسى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكتىن دائىم قىيىن تۇغۇت كېلىپ چىقىدۇ. پەقەت ئىنتايىن يېنىك دەرىجىدە مېڭىگە سۇ يىغىلغان ھامىلە تەبىئى ھالدا تۇغۇلىدۇ ياكى ئادەتتىكى قىيىن تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىنسا ئانا تېنىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. . مېڭىگە سۇ يىغىلىش مېڭىگە سۇ يىغىلغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنى تەكشۈرگەندە قورساقتىن ناھايىتى چوڭ بولغان ھامىلىنىڭ بېشى قولغا بىلىنىدۇ، باش بىلەن ئالدىن كەلگەن تۇغۇتتا ھامىلە پەردىسى يېرىلغاندىن كېيىن بالىياتقۇ ئېغىزى تولۇق ئېچىلىپ بولغان بولسا جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە خۇددى تىك-تاك توپقا ئوخشاش يۇمشاق بولغان ھامىلىنىڭ بېشى ۋە نورمالسىز يوغان باش چاكلىرى بىلەن لىپىلداق بۇلاقچە  قولغا ئۇرىنىدۇ. ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتتا بالىياتقۇ تۈۋىدىن ناھايىتى چوڭ بولغان ھامىلىنىڭ بېشى قولغا ئۇرۇنمىسا ھامىلىنىڭ تېنى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن چىقىدىغان بېشىنىڭ تۇغۇلۇشى قىيىن بولغاندىلا ئاندىن ھامىلىنىڭ بېشىغا سۇ يىغىلغانلىقى بىلىنىدۇ.

اتسىيسى ئېلىپ بېرىلىپ، باش ئايلانمىسىنى كىچىكلىتىپ، ئوڭۇشلۇقبۇ خىلدىكى ھامىلدارلىقتا ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلمىسا ۋە ياخشى بىرتەرەپ قىلىنمىسا قىيىن تۇغۇت ھەمدە بالىياتقۇ يېرىلىش كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ يېتىلىشى غەيرى شەكىللىك بولغانلىقتىن كۆپىنچىسى ھايات كەچۈرەلمەيدۇ.


1. تىپىك ئالامىتىگە قورساق قىسمى تەكشۈرۈش، جىنسىي يولنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇندا ۋە رېنتىگىندە تەكشۈرۈپمۇ بىلگىلى بولىدۇ. مېڭىگە سۇ يىغىلغان ھامىلىدە ئومۇرتقا تۈۋرىكى يېرىقى قوشۇلۇپ كەلسە، باش سۈيىنى تەكشۈرگەندە، α-فېتوپىروتىئىن(ئالفا ھامىلە ئاقسىلى)مىقدارى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

بى تەرەپ قىلىشتا ئانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاسراش ئاساسى پرىنسىپ قىلىنىدۇ. دىئاگنوز ئېنىقلانغان ھامان ھامىلىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈش لازىم.بالىياتقۇ ئېغىزى 3 ~ 2 سانتىمېتىردىن ئارتۇق ئېچىلغاندا ئۇزۇن ئۇكۇل يېڭنىسىنى لىپىلداق ياكى چاك ئارقىلىق ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە سانجىپ كىرگۈزۈپ، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلىقى چىقىرىۋېتىلسە باشنىڭ كۆلىمى(ھەجمى)كىچىكلەيدۇ ياكى بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلغاندا باشنى تېشىش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ، باش قىسقۇچى بىلەن تارتىپ چىقىرىۋېلىنىدۇ. ئەگەر ساغرا ئالدىن كەلسە، ئارقىدىن چىقىدىغان ھامىلە بېشىنى تېشىش ئوپىراتسىيسى ئېلىپ بېرىلىپ، باش ئايلانمىسىنى كىچىكلىتىپ، ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1227

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#