بۇيلۇق تاجىك يېزىسى
بۇيلۇق تاجىك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇيلۇق تاجىك يېزىسى پوسكام ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت بازىسى، جەنۇبىي 5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا جايلاشقان، قاغىلىق بىلەن قوشنا. ئالاقىدار تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 38 مىڭ 300 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11 مىڭ 900 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.5 مو.
بۇيلۇق تاجىك يېزىسىبۇيلۇق تاجىك يېزىسىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە يېزىغا قاراشلىق تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى: بۇيلۇق كەنتى، ھېسچىغ كەنتى، تۇغچى كەنتى، ئورمانچىلىق كەنتى قاتارلىقلار. جەمئىي ئائىلە 850، ئۇمۇمىي نوپۇس 3235 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك مىللىتى 1241 ئادەم، ئۇيغۇر مىللىتى 1010 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 984 ئادەم؛ يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 2650 ئادەم.
2005-يىلى بۇ يېزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليون 935 مىڭ 400 يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1402 يۈەنگە يەتكەن. 2004 ـ يىلدىكىدىن %13 ۋە % 11.2 ئاشقان.
بۇيىلۇق تاجىك يېزىسى چۆللۈكنىڭ چېتىدە، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت، چىقىدىغان داڭلىق خىل ئۆسۈملۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەتلەردىن كېۋەز، چوڭ، ئاپئاق، تىۋىت ئۇزۇنلۇقى ناھىيە بويىچە بەلگىلەنگەن ئۇرۇقلۇق پاختا؛ باش پىياز، زىرە، سېرىق پۇرچاق بولسا خەنزۇ كەنتىنىڭ «داڭلىق ماركا» سى بولۇپ قالغان. ھەر يىلى سېتىۋېلىش مەزگىلى باشقا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرنى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ئايىغى ئۈزۈلمەي يېتىپ كېلىپ، بەس-بەستە چوڭ رايون بويىچە جەنۇبى ۋە شىمالىدا سېتىلىدۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.
باغۋەنچىلىكى
بۇيىلۇق تاجىك يېزىسى باغۋەنچىلىك جەھەتتە ياڭاق، چىلان، ئالما، ئۆرۈك ئاساسلىق سورت بولۇپ، بولۇپمۇ چىلىنى داڭلىق بۇلۇپ، چىلان شەربىتىنڭىڭ شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق ناھايىتى ئىچىشلىك بولىدۇ. ئالاقىدار تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە يېزىغا 4320 مو يەرگە چىلان، 2398 مو ياڭاق، 590 مو ئالما، 640 مو ئۆرۈك بار بۇلۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.
ئالاقىدار تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە بۇيىلۇق تاجىك يېزىسىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللىشىپ، ھەممە كەنتكە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملانغان. يېزىلىق مەركىزىي بالىلار باغچىسى ۋە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 400 كۋادرات مېتىر بولغان يېزىلىق مەدەنىيەت مەركىزى ئارقا-ئارقىدىن پۈتكەن، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.
بۇيلۇق تاجىك يېزىسى سىياسىتىراۋان، ئەل ئىناق، ئىجتمائىي مۇقىملىقى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچلۈك، تاجىك خەلقى قىزغىن، مېھماندوست،سەمىمىي، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىگىلىك تىكلەشكە كەلگەنلەر بۇيلۇق يېزىسىدىكى شەخس بىلەن تەشكىلنىڭ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.