مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى − بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدە بارلىق تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن ساپ كىرىمنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى
چەتئەلچە نامى Gross National Product
خەنزۇچە نامى 国民生产总值

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىبۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، بايلىق ئەھۋالى، ستاتىستىكا ئاساسى قاتارلىقلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، مىللىي دارامەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ، باشقا تارماقلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئورتاق قوللىنىۋاتقان بارلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدۇر. 

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى − بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدە بارلىق تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن ساپ كىرىمنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە مىللىي دارامەت، تۇراقلىق مۈلۈكنىڭ ئۇپراش ھەققى ۋە غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ساپ كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەم ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى(سەرپ قىلىنغان خام ئەشيانىڭ قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى، ھەم غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى(مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە، سوغۇرتا، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلار) ۋە ئاھالىلەر مۇلازىمەت كەسپى(مەسىلەن، ساتىراشلىق كەسپى قاتارلىقلار) تەمىنلىگەن غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئائىلە خىزمەتچىلىرى(مەسىلەن، بالا باققۇچى) قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئەمگەك − مۇلازىمەت قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تارماق ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا بارلىق تارماقلارنىڭ مەھسۇلاتى ياكى تىجارەت كىرىمىنىڭ قوشۇلما قىممىتىگە، يەنى ھەرقايسىسىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ۋە تىجارەت كىرىمىدىن سېتىۋالغان خام ئەشيا، بۇيۇملار، ئەمگەك − مۇلازىمەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قىممەتكە ھېسابلاشقا تېگىشلىك شەخسىي مۇلازىمەت قىممىتىنى قوشۇش ئارقىلىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سوممىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىلدە تەكرار ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتەلىشى، تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ھەمدە ئۇنىڭ ياخشىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرالىشى ئۇنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتىگە باغلىق بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#