قاپاق

قاپاق كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قاپاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قاپاق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 葫芦

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاپاققاپاق كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قاپاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى يەر بېغىرلاپ، يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاق، مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئىنچىكە بولۇپ، ئىككى دانە شارنى ئۇلاپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، سىرتى سىلىق كېلىدۇ. بىرىنچى خىلى كاۋا ئورنىدا سەيگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىنچى خىلى ئاچچىق قاپاق بولۇپ، دورىغا ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاق، نازۇك، يېڭى، شېرىن، يىپسىز، چوڭ - كىچىكلىكتە ئوخشاش بولغىنىدۇر.

قاپاقنىڭ مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى (قاپىقى) نى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، ھارارەتنى پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەندىكى سېرىقلىقنى يوقىتىش، ئىسسىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

قاپاققاپاقنى ھۆل مېۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تەپ، ئۆتكۈر بەزگەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

قاپاقنى سىركە بىلەن بادام يېغىدا قورۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ساپ خىلىت پەيدا قىلىدۇ. 

قاپاقنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قىز تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن قوشۇپ قۇلاققا ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قۇلاق، بۇرۇن ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

قاپاقنى قىرىپ قىرمىقىنى باشقا قويۇپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، نېرۋا ئاجىزلىق، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، مېڭە قۇرغاقلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

قاپاقنى ئېزىپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، بالىلار ۋە چوڭلاردىكى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، دىماغ، مېڭە ئاغرىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

قاپاقنى ئېزىپ كۆزگە قويۇپ بەرسە، كۆزنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

خام قاپاقنى سوقۇپ سۈيىنى سىقىپ ئىچىپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. 

خام قاپاقنىڭ سۈيى بىلەن غار-غار قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان گال ۋە چىش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ. 

قاپاقنى قورۇپ پوستىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئايرىم ياكى گۈل يېغى بىلەن بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، بۇرۇن ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چېچىكىدىن ئايرىلمىغان يېڭى چۈشكەن قاپاقنى خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، سوۋۇغاندا سۈيىنى چىقىرىپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، يەرقاندىن پەيدا بولغان كۆزدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ ۋە ئىسسىقتىن بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر قاپاقنىڭ سۈيىنى تەمرى ھىندى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە قىزىقلىقى، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ساراڭلىق ۋە ئاشقازاندىكى سېسىق گازلار تەسىرىدىن پەيدا بولغان كۆز ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

خام قاپاقنى پوستى ئېلىنغان ئارپا ياكى پوستى ئېلىنغان ماش بىلەن پىشۇرۇپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ياكى ئۇنى بادام يېغىدا پىشۇرۇپ يېسە، ئىسسىقتىن بولغان كۆكرەك ئاغرىقى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

قاپاقخام قاپاقنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، جىگەرنىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىدۇ. 

خام قاپاقنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەسەل ۋە بىر ئاز توغرىغۇ قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچنى يۇمشىتىدۇ. قاپاقنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ، ئاشقازان، جىگەر ۋە بۆرەككە چېپىپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

قاپاقنىڭ قۇرۇق پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر ۋە ئۈچەي قاناش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قاپاقنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ قېتىق، قىچا، سامساق، قارىمۇچ، تۇز ۋە يالپۇز قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#