مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى

مەقئەت تەمرەتكىسى تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ياكى تۈز ئۈچەي بىلەن مەقئەت مۇسكۇلىنىڭ تۇتاشقان ئورنىدا بولىدىغان قاتتىق قىچىشىش بىلەن كىشىنى ئازابلايدىغان سوزۇلما تېرە كېسىلىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «قوپائى مەئقەد» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى
تونۇش نامى gang men shi zhen
كېسەللىك ئورنى تىرە
تەۋە بۆلۈم تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 肛门湿疹
باشقا نامى قوپائى مەئقەد
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. بەلغىمى شور تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەپرانىڭ ئارىلىشىشىدىن بۇ خىل نورمالسىز خىلىت ھاسىل بولىدۇ. بەدەندە بۇ خىل نورمالسىز بەلغەم ھاسىل بولغاندا نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ھەمدە بەلغەم خىلىتىنىڭ قىيامى جەھەتتىن قويۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۇ. بۇ خىلىت مەلۇم يېپىشقاقلىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2. قاننىڭ ئوفۇنەتلىنىشى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان ماددىلار ۋە ھەر خىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما-ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ ۋە يەرلىك ئورۇنغا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ تېرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

3. باشقا ئامىللار تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلىشى ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تەسىرىدىن يەرلىك ئورۇن تەكرار غىدىقلىنىپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسىمەقئەت قورىغۇچى مۇسكۇللىرى قاتتىق قىچىشىدىغان، قىچىشقان ئورۇننى تاتىلىغاندىن كېيىن مەقئەت تېرىلىرى بۇزۇلۇپ، چاقىغا ئايلىنىپ يۇقۇملىنىدۇ. بولۇپمۇ كەچتە قىچىشىش ئېغىر بولىدۇ.

مەقئەتنى تەكشۈرگەندە مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىزىرىپ قىزىل توچكىلارنىڭ كۆپۈپ چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چوڭ تەرەتنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە تۈتۈ قۇرتلىرى كۆرۈنمەيدۇ.

مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇللىرى قاتتىق قىچىشىدۇ بولۇپمۇ كېچىدە قىچىشىشنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى مەقئەتنى تەكشۈرگەندە مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇللىرىنىڭ شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىزىرىپ قىزىل توچكىلارنىڭ كۆپۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى ھەمدە لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە تۈتۈ قۇرتلارنىڭ چىقماسلىق ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. بەلغىمى شورغا قارىتا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىغا سەپرانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بەلغەم بىلەن سەپرانىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 5~3 كۈن بېرىپ ماددىنى تازىلاش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

2. قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

بەلغىمى شورغا قارىتا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىغا سەپرانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگىچە بېرىپ، ماددا پىشقاندىن كېيىن بەلغەم بىلەن سەپرانىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 5~3 كۈن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

ماددىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرسى شاھتەررە كۈندە ئۈچ ۋاخ 5~3 دانە، ئىترىفىل چۆبچىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 11~7 گرام، چىلان شەربىتى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 100~50 مىللىلىتىردىن، تەمرى ھىندى شەربىتى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 100~50 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بابۇنە مېيى بىلەن مايلىنىدۇ ياكى مامىرانچىن قاينىتىپ داكا بىلە ھۆل تېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھتەررە، چۆبچىن، ئەمەن، موزا، كۆكنار پوستى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، نېلۇپەر، ئاق لەيلىگۈلى قاتارلىق دورىلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ 1500 مىللىلىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

1. ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، قاننى قىزىتقۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. يەرلىك ئورۇن تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، كۈندە ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=903

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#