تاغ سامسىقى

تاغ سامسىقى

بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاغ سامسىقى (تاغنىڭ ياۋا سامسىقى) نىڭ تەڭگىسىمان غولىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى تاغ سامسىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 山蒜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاغ سامسىقى (تاغنىڭ ياۋا سامسىقى) نىڭ تەڭگىسىمان غولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى دانىسى يوق، پوستى ئايرىلمايدىغان، يۇپۇرمىقى ئۇششاق، كەڭىرەك، توپا رەڭ قىزىلغا مائىل، ئۇزۇن، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ. بۇنى «مىنسىرە سامسىقى» ياكى «ياۋا سامساق» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىرى سامساققا ئوخشايدۇ، تەمى ئانچە ئاچچىق ئەمەس، دانە - دانە، كۆپ چاتاقلىق، خۇش پۇراق كېلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىز قىسمى «تاغ سامسىقى» ياكى «ئۇستقۇدرىيۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈچۈنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

يەل ھەيدەش، پەي - مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، تېرىنى قىزارتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.

بەرەس، بەسەق، نەپەس سىقىلىش، غەلۋىرەك، قان ئۇيۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقى جىنسى ئاجىزلىققا ئىشلىتىلىدۇ.

1. تاغ سامسىقى، فەتەرئاسالىيۇن، چاققاقئوت ئۇرۇقى ھەر بىرى 10 گىرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ ئىستىمال قىلسا، بەرەس كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ.

2. زۇفا، تاغ سامسىقى، چامغۇر ئۇرۇقى ھەر بىرىدىن 5 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، ئىستىمال قىلسا نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

5 ~ 6 گىرام.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

بىنەپشە، نېلۇپەر.

سامساق، تاغ پىيىزى.

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#