چاقچاق-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىنىڭ ھەجۋىي تۈرىگە خاس ئاممىۋى ژانىردۇر. چاقچاق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى چاقچاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چاقچاق
خەنزۇچە ئىسمى 戏谑

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاقچاق-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىنىڭ ھەجۋىي تۈرىگە خاس ئاممىۋى ژانىردۇر. چاقچاق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى چاقچاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنىڭ شەكلى بويىچە، چاقچاق ئالاھىدە بىر خىل دىئالوگ بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا قانات يايىدۇ. ئەمما چاقچاقنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆھبىتى ئەمەس. چاقچاقنىڭ يادروسى جاراڭلىق كۈلكە بولغاچقا، ئۇ كىشىلەردە ئىختىيارسىز تەبىئىي كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىنسان كۈلكىگە موھتاج. شۇڭا كىشىلەر «بىر قېتىم كۈلسەڭ ئون يىل ياشىرىسەن» دېيىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا چاقچاق بىر خىل مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە، ئىنساق قەلبىگە ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلاپ روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ھايات مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق، يۇمۇرغا باي خەلق. شۇڭا ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چاقچانى ئۆز تۇرمۇشىغا ھەمرا قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە گېپىنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى توي-تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملار، خىلمۇ خىل سەيلە پائالىيەتلىرى، ئاممىۋى مەشرەپلەر، مېھماندارچىلىق ۋە سۆھبەتلەر. . . نىڭ ھەممىسى چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ. شۇڭا كۈلكە-چاقچىقى بولمىغان ئولتۇرۇشلارنى «راھىبلارنىڭ بۇتخانىدىكى تىلاۋىتى» گە ئوخشىتىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. «نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» ، «سەلەي چاققان لەتىپىلىرى» ، «موللازەيدىن لەتىپىلىرى» دىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزغا كۈلكە بېغىشلاۋاتقان ھېسام قاتارلىق لەتىپىچىلەرنىڭ خۇش خۇي ئوبرازلىرى ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇ چاقچاق ئادىتىنىڭ جانلىق سىماسى. ئۇيغۇر سۆز سەنئىتىدە چاقچاق ژانىرىنىڭ شۇنچىلىك ئەۋج ئېلىشى ئۇلارنىڭ مىللىي پسخىكىسىدىكى يۇمۇرلۇق خاراكتېر بىلەن زىچ مۇناسىۋەترلىك. بۇ خىل خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتى، تارىخىي شارائىتى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ مىللىي خاسلىقى سەۋەب بولغان. 

ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ھازىر جاۋابلىق، مەنتىقىلىقلىق، دەلمۇ دەللىك، قاراتمىلىقلىق، يوشۇرۇن مەنىدارلىق، ئوبيېكتىپلىق(پىكىر مەزمۇنىنىڭ بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىشى) قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە مەركەزلىشىدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا چاقچاق بىرەر تېمىغا، بىرەر نىشان(ئوبيېكت) غا مەركەزلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتسە چاقچاقنىڭ كۈچى بولمايدۇ ھەمدە كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ.

 ئۇيغۇرلاردا چاقچاقنىڭ تۈرلىرى سورۇنغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن: 

«ئۇچۇم قىلىش» خاراكتېرىدىكى چاقچاقلار

«ئۇچۇم قىلىش» خاراكتېرىدىكى چاقچاقلار، يەنى كونكرېت بىر ماۋزۇ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان چەمبەر ئىچىدە چاقچاقلىشىش. چاقچاقنىڭ بۇ خىل شەكلىدە مەلۇم بىر شەخسنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئېپىزوت ۋە قىزىق پەيتلىرىنى، خاراكتېرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى كۈلكىلىك تەسۋىرلەش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق غەيرىي «ئادەم» ياساپ چىقىش- «ئۇچۇم قىلىش» دېيىلىدۇ. چاقچاقلار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئۆز ئوبيېكتىنى «ئۇچۇم» قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ قاتارغا قوشۇۋالىدۇ. نەتىجىدە چاقچاق ئوبيېكتى جۈملىدىن باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىيىلىك ھېس قىلمايدۇ.

لەقەملىك چاقچاق

«لەقەملىك چاقچاق» -چاقچاقنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان شەكلى. ئۇيغۇرلاردا شەخسىلەرنىڭ خاس ئىسىمغا قانداقتۇر بىر لەقەمنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. خەلقتە «لەقەمسىز كىشى بولماس» دېگەن ئىبارە بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلاردا شەخسىي لەقەمدىن باشقا ئاتىدىن باشقا، ئاتىدىن بالىغا، بالىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ئەۋلادلار لەقىمى ھەتتا يۇرت-مەھەللىلەرگە ئورتاق يۇرت لەقەلىرى بولىدۇ. لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاق ئوبيېكتىنىڭ لەقىمىنى توغرىدىن توغرا تىلغا ئالماي، خىلمۇ خىل بوياق بىلەن پەردازلاپ ئىشارىلىك سۈرەتلەش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. لەقەلىك چاقچاقتا چاقچاقچىنىڭ ھازىر جاۋاب بولۇشى، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ماقال-تەمسىللىك چاقچاقلار

ماقال-تەمسىللىك چاقچاقلار: چاقچاقنىڭ بۇ تۈرى كۆپ ھاللاردا لەقەلىك چاقچاقلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ لەقىمى «تۆگە» بولۇپ، ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا قوپال، قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويسا، بۇنى بايقىغان چاقچاقچى «تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق» دېگەن ماقالدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چاقچاق باشلايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ماقال-تەمسىل پەيدا بولۇش جەھەتتىن قاراتمىلىققا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن چاقچاقلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال-تەمسىللەردىن، ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن، خەلقنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. 

چاقچاقچىنىڭ «ئوخشىتىش» شەكلىدە ئوبيېكت قىلىنغان شەخسنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە غەيرىي ھالەتلىرىنى خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان تۈرلۈك نەرسىلەرگە-ھايۋانات، ئۇچار قانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش، تەڭلەشتۈرۈش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاقچاقنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

قاپىيىلىك چاقچاق

قاپىيىلىك چاقچاق: چاقچاقنىڭ بۇ شەكلى شېئىرىي شەكلىدە قاپىيە قوغلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قاپىيىلىك چاقچاق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كىشىلەرگە بەدىئىي لەززەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى «قاپىيىگە كەلگەندە ئاناڭدىن قايتما» دېگەن ئىبارە بار، بۇ قاپىيىلىك چاقچاق شەكلىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

«سۆز ئويۇنى» مۇ چاقچاقنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇبالىغە، ئوخشىتىش، سىمۋول، مېتافورا قاتارلىق ستىلىستىك ۋاستىلەرگە تايىنىدۇ. 

خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ يۈكسەك بىر ئىپادىسى بولغان چاقچاقتا خەلق تىلىنىڭ ھەقىقىي بايلىقى، رەڭمۇ رەڭلىكى، ئەۋرىشىملىكى، مەنىدارلىقى، تەسۋىرىي قۇۋۋىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي مەنىدىكى چاقچاق بىلەن ئادەتتىكى مازاق قىلىش ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى مازاق قىلىشتا بىرىنچىدىن، مەنتىقە يوق، ئىككىنچىدىن، ئىجابىي مەزمۇنىدىن كۆرە، ئۇنىڭدا تەنە ۋە دوق قىلىش ئىپادىسى ياكى بىراۋنىڭ زىتىغا-غۇرۇرىغا تېگىش، شەخسنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش ئوخشاش سەلبىي مەزمۇندىكى پىكىرلەر ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەكىسچە، چاقچاق ئىلمى بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئەدەب-ئەخلاق مىزانلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىدۇ، كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ دىلنى رەنجىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چاقچاق سورۇنىغا ۋە ئوبيېكتىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارغا، ئەرلەر ئاياللارغا چاقچاق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. قىسقىسى، چاقچاق تۇرمۇشقا خۇش خۇي مەزمۇن بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#