كىنشاسا

كىنشاسا ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىنشاسا ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. كىنشاسا زايىر(كونگو) دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا قايلاشقان بولۇپ، كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىراززاۋىل شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەر 1881-يىلى قۇرۇلۇپ، «لېئو پولدىۋىل» دەپ ئاتالغان. بۇ نام 1966-يىلى كىنشاساغا ئۆزگەرتىلگەن. كىنشاسا شۇ جايدىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ، شەھەرنىڭ نامىمۇ شۇ جايدىكى قەبىلە باشلىقى نامىغا بېرىلگەن.

كىنشاسا ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، زايىرنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ(1985) ، بۇ جايدا ياغ چىقىرىش، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق، كېمىسازلىق، ماشىنا رېمونت قىلىش، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كونگو دەريا باسسىنىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ سىرتلارغا تارقايدۇ. كىنشاسا شەھىرىدىن زايىرنىڭ مۇھىم پورتى ماتادې ئارىلىقىغا تۆمۈر يول ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ياسالغان كىنشاسادىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كېمە بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ پايتەختى بانگى شەھىرىگە قەدەر قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. زايىر دەرياسىنىڭ كىنشاسادىن ماتادې پورتىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 32 چوڭ شاقىراتما بار. بۇ ئورۇننىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى داۋاملىق قۇرۇلماقتا. 

كىشاسا زايىرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى تەتقىق قىلىش ئورنى، مۇزېي، كۆلىمى چوڭ بولغان ھايۋاناتلار باغچىسى، خەلقئارا ئايرودرومى، مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#