- يۇلغۇن (خام دورا)
- يۇلغۇن (ئۆسۈملۈك)
يۇلغۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىچنى قاتۇرۇش، تالنى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.
ماخاۋ، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر توسۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، بالىياتقۇ قاناش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقى، جىگەر ۋە تال قېتىش، يىرىڭلىق چاقا، بوۋاسىر، سۆگەل، سۈيدۈك ۋە ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. يۇلغۇننى سىركە بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت ئاجىزلىقىدىن ۋە سەپرانىڭ ئۆتتە توختاپ قالغانلىقىدىن پەيدا بولغان سېرىق كېسەلگە پايدا قىلىدۇ.
2. يۇلغۇن يىلتىزىدىن 240 گرامنى ھەر كۈنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، قاتتىق ئىششىقلارنى ياندۇرۇشقا پايدا قىلىدۇ.
3. يۇلغۇن، ئەنجۈر، سىركىلەرنى قاينىتىپ ئىچسە، تالنى يۇمشىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
4. يۇلغۇننىڭ ئۇرۇقىنى ئوبدان ئېزىپ چاپسا، يىرىڭلىق چاقىلارنى ۋە كۆيۈكتىن بولغان قاپارتقۇلارنى قۇرۇتىدۇ.
ياز كۈنى ئورۇۋىلىپ قۇرۇق سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
بوزۇرى شەربىتى.
يۇلغۇن فىنولى، تامارىكون (Tamarikone)، تامارىكول (Tamarikol) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.