كارناي

 كارناي- بۇرغا ۋە سۇنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ، «بەش خۇ» ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادى.

ئۇيغۇرچە نامى كارناي
تۈرى چالغۇ
ياسىلىش ماتېرىيالى مىس
خەنزۇچە نامى 卡尔奈
باشقا نامى نەرە، چوڭ بۇرغا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  كارناي بۇرغا ۋە سۇنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ، « بەش خۇ » ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادى.  ئاۋازى بوم، ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن « نەرە » دەپمۇ ئاتالغان.

كارناينىڭ شەكلى سۇنايغا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن، ھەجمىمۇ چوڭ ياسالغان.

ئۇ دەسلەپتە ياغاچتىن كېيىن مىستىن ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1.5 – 2 مېتىرغىچە بولغان، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3 – 4 مېتىرغىمۇ يەتكەن.

 كارناي بۇرغىغا ئوخشاش پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئاۋازى بوم، ھەيۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە.

ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى ياكى بوم – ئىنچىكىلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ۋە ھەجمىگە مۇناسىۋەتلىك. كارناي چوڭ تىپتىكى كارناي بېشى ۋە ئۈچ تال مىس تۇرۇبىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسالغان، كارناينىڭ ئاۋاز تۈشۈكى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە تەبئىي ئاھاڭنىلا چېلىشقا بولىدۇ.

كارناي دەسلەپتە « چوڭ بۇرغا » دەپمۇ ئاتالغان، پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا، ئاندىن كارناي دەپ ئاتالغان.

موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارقالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#