سۈت كالىسى فېرمىلىرىدىكى ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسى

سۈت كالىسى فېرمىلىرى

 سۈت كالىسى فېرمىلىرنىڭ سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسىنى قوللىنىش تېخنىكىسى، سۈت كالىسىنىڭ مۈڭگۈزىنى كېسىۋېتىش تېخنىكىسى،  قوشۇمچە ئەمچىكىنى ئېلىۋېتىش قاتارلىق ئىلغار باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى بار. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈت كالىسى فېرمىلىرى سۈت كالىسى فېرمىلىرنىڭ سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسىنى قوللىنىش تېخنىكىسى، سۈت كالىسىنىڭ مۈڭگۈزىنى كېسىۋېتىش تېخنىكىسى،  قوشۇمچە ئەمچىكىنى ئېلىۋېتىش قاتارلىق ئىلغار باقمىچىلىق تېخىنىكىلىرى بار. 

 سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسىنى قوللىنىش تېخنىكىسى

سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسى - كۆلەملەشكەن سۈت كالىسى فېرمىلىرىدا چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك ئۈسكۈنە. سۈت كالسى فىرمىلىرىدا كۆلىمى چوڭ ياكى كىچىك سۈت كالىسى فېرمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر قانچە سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كالا كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە داۋالاشتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كالا تۇيىقىنى ئوڭشاش، مۈڭگۈز كېسىش، تەن ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەش قاتارلىقلاردىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى كۆلەملەشكەن سۈت كالىسى فېرمىلىرىدا كۆپۈنچە سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسىنىڭ ئورنىغا كالا بويۇن تاقىقى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدا كالىلارنىڭ دەسسەپ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسى ئاسانلا كىلىپ چىقىدۇ. سۈت كالىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسىنىڭ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقرىلغىنىنى سېتىۋالسىمۇ، شۇنداقلا چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن ئۆزى پولات تۇروبىدىن 4 تۈۋرۈكلىك، 6 تۈۋرۈكلىك قىلىپ ياساتسىمۇ بولىدۇ. 

سۈت كالىسىنىڭ مۈڭگۈزىنى كېسىۋېتىش تېخنىكىسى 

سۈت كالىسى فېرمىلىرىدا ئادەتتە موزايلار 3 ئايلىق بولغاندىن كىيىن، يەنى ئىمىشتىن توختىغاندىن كىيىن مۈڭگۈزىنى مۈڭگۈز كېسىش ئامبۇرى بىلەن كېسىش كېرەك. بۇ چاغدا قوزا بېقىش سورۇنىنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ بولىدۇ، تېنىنىڭ يېتىلىشىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. مۈڭگۈز كېسىشتە ئالدى بىلەن موزاي مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۈڭگۈزى تۈۋىدىن 2 - 3 سانتىمېتىر قالدۇرۇلۇپ مۈڭگۈز كېسىش ئامبۇرى بىلەن كېسىلىدۇ، بۇخىل ئۇسۇلدا سۈت كالىسىنى ياخشى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ، كالىنىڭ قىينىلىشى ئاز، قان چىقىش مىقدارى ئاز بولۇپ، كېسىلگەن جاي تېز ساقىيىدۇ، دېزىنفېكسىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر مۈڭگۈز كېسىش ئامبۇرى بولمىسا باشقا تىغلىق ئەسۋابلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. 

قوشۇمچە ئەمچىكىنى ئېلىۋېتىش 

سۈت كالىسىنىڭ 4 دانە يېتىلگەن ئەمچىكى بولىدۇ، لېكىن ئايرىم كالىلاردا نورمال ئەمچەك ئەتىراپىدا يەنە بىر چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئەمچەك ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇ قوشۇمچە ئەمچەك دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ كالىنىڭ سېتىلىشىغا ۋە سۈت بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. موزاي مەزگىلىدە قوشۇمچە ئەمچەكنى ئېلىۋەتكەندە كىيىن سۈت كالىسىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق بولىشىغا ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىشنى مۈڭگۈزىنى كېسىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن سۈت كالىسى مۇقىملاشتۇرۇش رېشاتكىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كىيىن تېخنىك خادىملار قوشۇمچە ئەمچەكنى پاكىزە يۇيۇپ ئادەتتىكى مۈڭگۈز كېسىش ئامبۇرى بىلەن كېسىپ ئېلىۋېتىپ ئۈزۈل - كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك، ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىسا ياللۇغلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#