لياڭ چىچاۋ

لياڭ چىچاۋ

كاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە «كاڭ-لياڭ» دەپ ئاتالغان لياڭ چىچاۋ (1873 − 1929-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زامان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق تەشۋىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا ئىدى، ئالتە يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇغان، سەككىز يېشىدا ماقالە يازالايدىغان بولغان، 1891-يىلى ئۇ كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ، كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ «يېڭى ئىلىم» نى ئۆگەنگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لياڭ چىچاۋ
باشقا نامى 字卓如,号任公,又号饮冰室主人
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1873-يىلى
كەسپى سىياسىئون، مائارىپشۇناس، تارىخشۇناس، يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 梁启超
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنخۇي شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1929-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لياڭ چىچاۋكاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە «كاڭ-لياڭ» دەپ ئاتالغان لياڭ چىچاۋ (1873 −1929-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زامان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق تەشۋىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى.   ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا ئىدى، ئالتە يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇغان، سەككىز يېشىدا ماقالە يازالايدىغان بولغان،1891-يىلى ئۇ كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ، كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ «يېڭى ئىلىم» نى ئۆگەنگەن،كاڭ يۇۋېينىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان شاگىرتى بولۇپ قالغان. 1895 -يىلى دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىدىغان «ماگۇەن شەرتنامىسى» ئىمزالىنىدىغان پەيتتە، لياڭ چىچاۋ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا كېلىپ توپلاشقان خەتمىكەردىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوردىغا مەلۇمات يوللاپ، شەرتنامە ئىمزالاشنى رەت قىلىشنى، پايتەختنى يۆتكەپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلىشنى، قانۇننى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان، مانا بۇ مەشھۇر «توپلىشىپ مەلۇمات يوللاش» ۋەقەسىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جىڭشى ۋە شاڭخەيدە «ئوقۇشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى» بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان، يەنە خۇاڭ زۇنشيەن قاتارلىقلار بىلەن شاڭخەيدە «ۋەزىيەت گېزىتى» نى چىقارغان، «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇلاھىزە» نى ئېلان قىلغان، كېجۈ ئىمتىھانىنى بىكار قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش، مەنسەپ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ۋۇشۈ قانۇن ئۆزگەرتىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ياپونىيىگە كەتكەن. بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندىن كېين ئۇ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە خاننى قوغداش ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش يولىغا ماڭغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، يۈەن شىكەيگە يۆلەنگەن، كېيىن يەنە يۈەن شىكەيگە قارشى چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، سىياسىي ئىلىمنى تاشلاپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، غەربنىڭ ئىجتىمائىي پېنىنى تىرىشىپ تونۇشتۇرغان، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلىم، مەدەنىيىتىنى رەتلىگەن ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 

  1895-يىلى، ئۇ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىپ تەشرىپدارلىققا ئىمتىھان بەرگەن، كاڭ يۇۋېينىڭ مەشھۇر «ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇشى» ھەرىكىتىنى قوزغىشىغا ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، لياڭ چىچاۋ گېزىتنى ئىستىھكام، قەلەمنى قورال قىلىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش ساداسىنى ياڭراتقان. 1896-يىلى ئۇ شاڭخەيدە «ۋەزىيەت گېزىتى» دە باش مۇھەررىرلىك قىلىپ، «قانۇن ئۆزگەرتىش قارارى» نى ئېلان قىلغان، «غەرب سىياسىتى مەجمۇئەسى» دېگەن توپلامنى تەھرىرلىگەن. كېيىنكى يىلى خۇنەنگە بېرىپ، چاڭشا ۋەزىيەت مەكتىپىنىڭ لىكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن، تەن سىتۇڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، خۇنەندە يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. لياڭ چىچاۋنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە يېڭىچە، قەلىمى ئۆتكۈر بولغاچقا، ئەسەرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ يىراق-يېقىنغا داڭقى چىقىپ، ئەينى چاغدىكى داڭلىق تەشۋىقاتچى بولۇپ قالغان. 1898-يىلى پادىشاھ گۇاڭشۈنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، 6-دەرىجىلىك مىرزا بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تەرجىمە ئىدارىسىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى پىلانلىغان، يېڭى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقان. قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، كېيىن باشقىچە ياسىنىپ ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ياپونىيىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە، لياڭ چىچاۋ ئالدى بىلەن «مۇھاكىمە گېزىتى» نى، كېيىن «يېڭى خەلق گېزىتى» نى چىقىرىش ئارقىلىق، قوشۇن توپلاپ گۇاڭشۈنى يۆلەپ تۇرغۇزۇشنى پىلانلىغان. ئۇ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ غەرب كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تەلىماتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىم ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، لياڭ چىچاۋ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئاساسىي قانۇن تەرەپدارلىرى ئاساس قىلىنغان ئىلغارلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نام-ئابرۇيىغا تايىنىپ، يۈەن شىكەينى قوللىغان ۋە يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە قوماندانى بولغان. 1916-يىلى يۈەن شىكەي ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ ماقالە يېزىپ يۈەن شىكەيگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارشى چىققان. يۈەن شىكەي 20 مىليون يۈەن چىقىرىپ ئۇنى يېنىغا تارتماقچى بولغاندا، لياڭ چىچاۋنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىسى چەي ئېخۇينىڭ يۈننەندە دۆلەتنى قوغداش ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، يۈەن شىكەيگە قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىشىغا مەدەت بەرگەن. يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي مىلىتارىستلىرىنىڭ قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشى داۋامىدا سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1929-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 

لياڭ چىچاۋ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىغا كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ «شېئىرىيەت ئىنقىلابى»، «ھېكايە ئىنقىلابى» نى تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ خۇاڭ زۇنشيەن، تەن سىتۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «يېڭى شېئىرىيەت» ئېقىمىنى تەرغىب قىلغان، بۇلار شېئىر بىلەن ھېكايىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە، لياڭ چىچاۋ كۆپ تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، لېكىن نەسردىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ زور بولغان. ئۇنىڭ نەسرلىرىنى سىياسىي مۇھاكىمە، تەرجىمىھال، فېليەتون دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سىياسىي مۇھاكىمىلىرىگە «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇلاھىزە، يېڭى دېموكراتىيە ھەققىدە»؛ تەرجىمىھالغا «ھەقىقانىيەت ئۈچۈن قەستكە ئۇچراپ قۇربان بولغان ئالتە قۇرباننىڭ تەرجىمىھالى، نەن خەي ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى»؛ فېليەتۇنلىرىغا «ئۆسمۈر جۇڭگو توغرىسىدا، ئۆتكۈنچى دەۋر نەزەرىيەسى» قاتارلىقلار مىسال بولىدۇ، بۇلار بىر مەزگىل ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن داڭلىق ئەسەرلەر. ئۇنىڭ نەسرلىرى يۇقىرى ئىستېدات بىلەن يېزىلغان، ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەركىن مۇلاھىزە قىلىنغان، ئۆز ئالدىغا بىر ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن، ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ژانىر ئازادلىقى ۋە «4-ماي» خەلق تىلى ھەرىكىتىگە يول ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگو نەسرچىلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#