بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى

بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى

سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭشيەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىڭنىڭ 2-يىلى (مىلادىيە 1056-يىلى) ياسالغان .

ئۇيغۇرچە نامى بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى
ئورنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭشيەن ناھىيەسى
چەتئەلچە نامى Buddha tower
ئىنگىزلىكى 67مىتىر
ساياھەت بىلىتى 60يۇەن بىر ئادەم
خەنزۇچە نامى 释迦塔
ياسالغان ۋاقتى مىلادىيە 1056-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يەر يۈزى دىئامىتىرى 30مىتىر
دەرىجىسى AAAAدەرىجىلىك ساياھەت ئورنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارىسەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭشيەن ناھىيىسىگە جايلاشقان بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىڭنىڭ 2-يىلى (مىلادىيە 1056-يىلى) ياسالغان، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى ياغاچ مۇنار، شۇنداقلا دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېگىز ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.

مۇنار يۈزى سەككىز بۇرجەكلىك توققۇز قەۋەت قىلىپ ياسالغان، ئوتتۇرىدىكى تۆت قەۋەت تېشىغا كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا، قارىماققا بەش قەۋەتتەك، ئۇنىڭغا 1-قەۋىتىدىكى قوش قەۋەتلىك لەمپىسى قوشۇلۇپ ئالتە قەۋەتتەك كۆرۈنىدۇ. ھەربىر قەۋىتىدە لەمپىسى بار، بۇ خىل ياغاچ مۇنار كۆپ قەۋەتلىك ئېگىز راۋاقتەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا «راۋاق شەكىللىك مۇنار» دەپ ئاتالغان.

بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارىمۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 67 مېتىر، ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ دىئامېتىرى 30 مېتىر كېلىدۇ، گەۋدىسى كېلەڭسىز، ئەمما ھەربىر قەۋىتىدىكى لەمپىگە سىرتقا كېڭەيتىلگەن تەكشىلىك ۋە كارىدور، شۇنىڭدەك قۇراشتۇرۇلما ئۇچلۇق ئۆگزە ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەش تۇيغۇسىغا باي تۆمۈر چوققا ياسالغاچقا، تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. 

مۇنارنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكلىرى ئىچكى-تاشقى ئىككى ئايلانمىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەربىر قەۋەتتىكى تاشقى ئايلانما تۈۋرۈكلەر ئۆزىنىڭ ئاستى قەۋىتىدىكى تۈۋرۈكلەردىن يېرىم تۈۋرۈك دىئامېتىرى ئىچىگە سۈرۈلگەن، يەنە كېلىپ ھەرقايسى قەۋەتتىكى تۈۋرۈكلەر مۇنار مەركىزىنى بويلاپ قىيسايتىلغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئاستى چوڭ، ئۈستى كىچىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. مۇنارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ئىچكى-تاشقى ئايلانمىلىق تۈۋرۈكلەر بىر مېتىر قېلىنلىقتىكى كېسەك تام ئىچىگە ئېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ سىرتىدىكى بىر قاتار كىچىك تۈۋرۈكلەردىن بىر ئايلانما كارىدور شەكىللىنىپ، مۇنار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەن. 

بۇددا ساراي ساڭرامى ساكيە مۇنارىبۇ مۇناردا راۋاقسىمان قىياپەت ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۈزى سەككىز بۇرجەكلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن چاسا شەكىللىك مۇنارلاردىن كۆپ پۇختا ھەم مەزمۇت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى-تاشقى ئىككى ئايلانمىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈۋرۈكلەر مۇنارنى تېخىمۇ پۇختا قىلىۋەتكەن. شۇڭا، شۇنچە ئەسىرلەردىن بۇيان، نۇرغۇن يەر تەۋرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ ھېچنېمە بولماي، ھازىرغىچە مەزمۇت ساقلىنىپ كەلمەكتە.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1406025.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#