لۇسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«لۇسى» ناملىق فىلىم(يەنە بىر نامى پەۋقۇلئاددە تەن) فىرانسىيەلىك رىژىسسور لۇك بىسون(Luc Besson) رىژىسسورلۇق قىلغان، داڭلىق ھوللىۋود ئارتىسلىرىدىن سىكارلېت جوھانسىن (Scarlett Johansson) باش رول ئالغان فانتازىيەلىك ۋە ھەرىكەتلىك فىلىم. فىلىم ئامېرىكا ۋە تەيۋەندە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ ئامېرىكىدىكى داڭلىق
چولپانلاردىن مورگان فىرىمەن (Morgan Freeman) كورىيەلىك داڭلىق ئارتىس (Choi Min-sik) چوئىن مىن سىك ، قاتارلىقلارمۇ رول ئالغان. فىلىم 2014-يىلى 7-ئاينىڭ25-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلىدى.
فىلىمدە لۇسى ئىسىملىك بىر قىز زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇلار لۇسىنىڭ قورسىقىغا cph4
تىپتىكى زەھەرنى سېلىپ قويىدۇ. زەھەر ئۇنىڭ قورسىقىدا پارچىلىنىپ ئۇنىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىغا سىڭىپ كىرىپ
ئۇنى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ۋە مېڭىسىنى زور دەرىجىدە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تۇتقۇن
قىلىۋاتقانلارنى جايلىۋەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ بەدىنىكى زەھەر خالتىسىنى ئالغۇزۋىتىدۇ. ئاندىن قارا
گۇرۇھ باشلىقى تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ باشقا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئورنىنى
تېپىۋالىدۇ ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ. لۇسى نورمان دوكتور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىدۇ.
لۇسى پارىژغا كەلگەندىن كېيىن ساقچى پېر دېلىئونىڭ ياردىمىدە قالغان cph4 يۆتكىگەنلەرنى تېپىپ ئۇنىڭ قول
ئاستىدىكى ئادەملەرنى يىغىشتۇرۋىتىدۇ. دېلىئو ساقچىنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا cph4 لارنىڭ ھەممىسىنى تاپىدۇ.
نورمان دوكتورىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن باشقا cph4 نىڭ ھەممىسىنى بەدىنىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ.
ئۇنىڭ بەدىنىدىن قارا رەڭلىك ماددا پەيدا بولۇپ پۈتۈن تەجرىبىخانىغا تارقىلىپ ئالاھىدە زور بىر كومپيوتېرنى ھاسىل
قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىت ھالقىپ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بارىدۇ. بۇ چاغدا قارا گۇرۇھتىكىلەر
تەجرىبىخانىغا قوراللىق باستۇرۇپ كىرىدۇ. قارا گۇرۇھ خوجايىنى ئۇنى ئېتىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا لۇسىنىڭ
مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى 100پىرسەنتكە يىتىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ. قارا جەمئىيەت خوجايىنىنى ساقچىلار
ئۆلتۈرۋىتىدۇ. لۇسىنىڭ قارا رەڭلىك كومپيوتېرىدىن بىر دىسكا چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ساقچى دېلىئوغا «مەن
ھېچيەردە يوق»دەپ ئۇچۇر يوللايدۇ.
41-نۆۋەتلىك ساتۇرىن مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلىك فىلىم نامزاتىغا ئېرىشكەن
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.