خىمىيىۋى ئۇرۇش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1915-يىل 4-ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېلگىيىنىڭ ئىبور رايونىدا جەڭ قىلىدۇ، مەلۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ بازىسىدا سېرىق رەڭدىكى تۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا قاراپ ئۇچىدۇ. ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى توساتتىن پەيدا بولغان غەلىتە بۇلۇت توپىغا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان، ناھايىتى تېزلا بەزىلەر يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەن، كۆزىدىن توختىماي ياش ئاققان، بەزىلەر نەپىسى قىسىلىپ يىقىلغان، شۇ ھامان پاتپاراقچىلىق يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قورال-ياراغ، زەمبىرەكلەرنى تاشلاپ، جەڭ مەيدانىدىن قاچقان، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى بىراقلا ئىگىلىۋالغان. بۇ قېتىمقى خىمىيىۋى ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 15 مىڭ ئادىمى زەھەرلەنگەن، جۈملىدىن 5000 ئادىمى ئۆلگەن.
ئىبور رايونىدىكى خىمىيىۋى تۇيۇقسىز ھۇجۇم خىمىيىۋى ياراغنىڭ جەڭ مەيدانىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خىمىيىۋى ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر 45 خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 125 مىڭ توننا بولۇپ، 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.
خىمىيىۋى ياراغلارنىڭ ئادەمگە زىيىنى چوڭ بولغاچقا، دۇنيا خەلقى خىمىيىۋى ئۇرۇش خەلققە ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپەتنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. 1925-يىلى جەنۋەدە خىمىيىۋى ياراغلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى ماقۇللاندى. بىراق، بەزى دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە ئىزچىل رىئايە قىلمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتا خىمىيىۋى گاز ئىشلىتىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيىۋى ياراغلار ئۈچىنچى ئەۋلادقا تەرەققىي قىلدى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.