قارا چېكەتكە
قارا چېكەتكە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، ھاشاراتلار سىنىپى، تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى، قارا چېكەتكە ئائىلىسى. ئاز دېگەندە 140 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا چېكەتكە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، ھاشاراتلار سىنىپى، تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى، قارا چېكەتكە ئائىلىسى. ھەم سىممېترىك قارىچايىر، كېچىدە ئاۋاز چىقىرىدىغان قۇرت، سانغۇن قۇرت، كۈز قۇرتى، ئۇرۇشقاق قۇرت، يەر كانىيى؛ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، قارا چېكەتكە بىر خىل قەدىمىي ھاشارات، ئاز دېگەندە 140 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە، يەنىلا قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماندا ئوينىلىدىغان قۇرۇتلارنىڭ بىرى.
قارا چېكەتكە كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا، كىچىك؛ ئاز ساندىكى چوڭ تىپتىكى؛ سارغۇچ دارچىن رەڭ، ھەتتا قارا قوڭۇر. بېشى يۇمىلاق، كۆكرەكى كەڭسېزىش مۈڭگۈزى ئىنچىكە ئۇزۇن. ھەر قايسى پۇتلىرىنىڭ بوغۇملىرى 3 جۈپ، ئالدى پۇت ۋە ئوتتۇرا پۇت ئوخشاش ھەم ئۇزۇن؛ كېيىنكى پۇتى تەرەققىي قىلغان، دائىم سەكرەپ يۈرىيدۇ؛ ئالدى پۇت پاقالچاق بۇغۇمى بولسا ئاڭلاش سەزگۈ ئەزاسى، سىرتقى تەرەپ ئىچكى تەرەپتىن چوڭ بۇلىدۇ.
قارا چېكەتكە تۇخۇم - ئىككى يېتىلگەن لىچىنكا - ئىككى يېتىلگەن قۇرت جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇكەممەل بولمىغان ھالەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. قارا چېكەتكىنىڭ قورساق ئاخىرقى ئۇچىدا بىر تال تۇخۇم چىقىرىش نەيچىسى بار، تۇخۇم تۇغقان ۋاقىتتا توپىغا كۆمۈپ قۇيىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان قارا چېكەتكىسى ھەر يىلى بىر ئەۋلادلار تۇخۇم ئارقىلىق توپىدا قىشتىن ئۆتىدۇ، تۇخۇم بىرلىك مەھسۇلاتىنى، ياۋا ئوت - چۆپلەر كۆپ بولغان كۈنگەي ئېتىز قىرلىرىغا، تۇپراق بېشىغا، ئوت چۆپ دۆۋىسى چېتىدىكى توپىلار ئارىسىغا تۇغىدۇ.
قارا چېكەتكە دائىم ئۆڭكۈر، تەر يۈزى، خىش تاش ئاستىدا، توپا ئۆڭكۈر ئىچىدە، چۆپلۈك ئارىسىدا دەم ئالىدۇ. كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى يەيدۇ، كۆچەت، كۆكتات ۋە مېۋە قاتارلىقلارنى يەيدۇ. قارا چېكەتكىنىڭ بەزى ھەرىكىتى ئالاھىدە بولغان سىرتقى غىدىقلاش ئورنى ئىندۇكسىيىلىك بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنيا بويىچە مەلۇم بولغانلىرى تەخمىنەن 2500 خىل، جۇڭگو مەلۇم بولغانلىرى تەخمىنەن 150 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكىلەردە 50 خىلى بار، بىر قانچە تۈرلىرى قۇرغاقچىلىق زىرائىتىگە بولغان زىيانداش ھاشارات.
قارا چېكەتكە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى، شىمالىي جۇڭگو رايونىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك زىيانداش ھاشاراتى، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، مېۋىسى، ئۇرۇقى ۋە مايسىلارغا بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر، جەنۇبتا، خاسىڭنىڭ قارا چېكەتكە تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، خاسىڭ يۇمران مايسىسىنى %11 تىن %30 كىچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ. ئۇلار يەنە كۆممىقوناق، سېرىق كەندىر، تاماكا، كېۋەز، سېرىق پۇرچاق ۋە مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كۆپ ھاللاردا، مايسىنىڭ ئالا بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ، ھوسۇل ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.