خۇەيئەن
خۇەيئەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ناھىيە تەسىس قىلىنغان؛
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خۇەيئەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ناھىيە تەسىس قىلىنغان؛ سۇي، تاڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئايماق، ۋىلايەت تەسىسس قىلغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇيان دەريا قاتنىشى، سودا راۋاجلىنىپ، قانال بويىدىكى مۇھىم جاي بولۇپ قالغان. شەھەر رايونىنىڭ بىنا بولۇشى جىن، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۈچ شەھەر رايونى بىرلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگەن، بىر قىسىم سېپىل خارابىسى ھازىرمۇ ساقلانماقتا.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: جۇ ئېنلەينىڭ كونا تۇرالغۇسى، چىليەنگاڭ قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، ۋېنتۇڭ مۇنارى، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس قوڭغۇراق، گۇەن تيەنپېي ئىبادەتخانىسى ۋە قەبرىسى، جېنخۇەي راۋىقى، خەنخۇ ئىبادەتخانىسى، شاۋخۇ كۆلى باغچىسى، پياۋمۇ ئىبادەتخانىسى، ۋۇ چېڭئېننىڭ كونا تۇرالغۇسى، لياڭ خۇڭيۈ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.