دېڭ فا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دېڭ فا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈنفۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1906-يىلى تۇغۇلىدۇ. 1925-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرىدۇ. 6-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ.
ئۇ 1946-يىلى 4-ئايدا چۇڭچىڭدىن يەنئەنگە قايتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن 40 يېشىدا قۇربان بولىدۇ.
ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شياڭگاڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فۇجيەن-گۇڭدۇڭ-جىياڭشى چېگرا رايونلۇق ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت سىياسىي قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن سەپەر ۋاقتىدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 2-زۇڭدۈينىڭ قوماندانى، شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ئىش بېجىرىش ئورنى ئاشلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 3719-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، 1939-يىلى يەنئەنگە يۆتكىلىپ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي خەلق ترانسپورت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.