ئارخىپ باشقۇرۇشتا قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى 30 - نومۇرلۇق پەرمانى 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېلان قىلىندى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت ئارخىپئىدارىسى 30 - نومۇرلۇق پەرمانى 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېلان قىلىندى. 

 

-1 ماددا ئىنتىزامغا،قانۇنغا خىلاپ ئارخىپ باشقۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش، ئارخىپتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا چارە كۆرۈش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام، مەمۇرىي قانۇن–قائىدىلەرگە ئاساسەن بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

-2 ماددا  ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بار ئورۇندا، مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇل رەھبىرى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلار، شۇنىڭدەك ئارخىپىنى باشقۇرۇش ئىنتىزامىغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى بار شەخس ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى كىشىلەرگە (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇپ ئالاقىدار مەسئۇل خادىم دېيىلىدۇ) باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەيىنلىگۈچى - قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ :

(1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرى؛ 

(2) قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەتئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار؛ 

(3) مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلغان جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار؛ 

(4) كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى مەمۇرىي ئورگانلار تەيىنلىگەن خادىملار.

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بار بولغانلىرىنى، «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرگە چارە كۆرۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي قانۇن – نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى، گوۋۇيۈەننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تۈزگەن قائىدىلەردە ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن-ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى جازالاش ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ .

3-ماددا ھۆكۈمەت پائالىيىتى داۋامىدا شەكىللەنگەن سېلىشقا تېگىشلىك ھۆججەت – ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئارخىپ ئاپپاراتى، ئارخىپ خادىملىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇشىنى رەتقىلغان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلارغا، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

  4- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارخىپلارنى بەلگىلەنگەن دۆلەت ئارخىپخانىلىرىغا تاپشۇرمىغان ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئەھۋالى بەك ئېغىر بولغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ .

-5 ماددا  ئارخىپنى سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگەخىلاپ ھالدا ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا سوۋغا قىلىش ئەھۋالى بولغان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ .

6- ماددا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ساقلانغان ئارخىپلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

7-ماددا خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى ئارخىپ خىزمىتى تۈزۈمىگە رىئايە قىلماي، ئارخىپنىڭ بۇزۇلۇشى، يۈتۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

8-ماددا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئارخىپنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ئالاقىدار جاۋابكارلارغا گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

9-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ:

(1) ئارخىپنى ئۆزگەرتىۋەتكەن،يالغاندىن ياسىۋالغان بولسا؛ 

(2) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارخىپ ئىچىدىن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئېلىۋېتىش، ئالماشتۇرۇۋېتىش، قوشۇش ئەھۋاللىرى بولسا.

10-ماددا چېگرادىن چىقىرىشنى مەنئى قىلغان ئارخىپ ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى بىرگە ئېلىپ ياكى پوچتىدا ئەۋەتىش ئارقىلىق چېگرادىن ئېلىپ چىققان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

11-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

(1)ئارخىپلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەمىنلىگەن، كۆچۈرگەن، كۆپەيتكەن بولسا؛ 

 (2)سىرتقا ئېچىپ بېرىلمىگەن ئارخىپلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلان قىلغان بولسا .

12-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ئارخىپ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، ئالاقىدار جاۋابكارلارغا گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

(1)ئارخىپلارنى بىخەتەر ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر سەپلەنمىگەن بولسا؛

(2)ئارخىپ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش قائىدە-تۈزۈملىرى ئورنىتىلمىغان بولسا؛ 

(3)ساقلىغان ئارخىپنىڭ خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانمىسا.

13-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

(1) ئارخىپ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمىسە؛ 

(2) ئارخىپ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن يوشۇرغان، يالغان دوكلات قىلغان ياكى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛ 

(3) ئارخىپ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار .

14-ماددا ئارخىپلاردىن پايدىلىنىش خىزمىتى جەريانىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەق ئالغان بولسا، جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار كىشىلەرگە گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قوغلاپ چىقىرىش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

15-ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارخىپ يىغىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ياكى كىچىكلەتكەن ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلارغا چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئەھۋالى بەك ئېغىر بولغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

16- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئېچىۋېتىلىدىغان ئارخىپلارنى ئېچىۋىتىشنى رەت قىلغان ئالاقىدارجاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ .

17-ماددا ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن-ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك جازالانغان خادىملار جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا چارە كۆرۈش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.

18-ماددا تەيىنلىگۈچى-قالدۇرغۇچى ئورگان، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دېلو ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش.

تەيىنلىگۈچى -قالدۇرۇلغۇچى ئورگان، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يەتكۈزۈش. ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تەيىنلىگۈچى-قالدۇرغۇچى ئورگان، تەپتىش ئورگانلىرىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغاندا، تەيىنلىگۈچى- قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى چارەكۆرۈشى كېرەك دەپ قارىغانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا يەتكۈزۈش. تەيىنلىگۈچى ۋە قالدۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

19-ماددا ئارخىپ باشقۇرۇش قانۇن-ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلاردىن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى، پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. جىنايەتكە چېتىشلىقلىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ .

20-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئارخىپ دېگىنىمىز، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئارخىپلار ۋە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولمىغان، لېكىن دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئارخىپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلارنى كۆرسىتىدۇ.

21- ماددا بۇ بەلگىلىمىنى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى،دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

22-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2013-يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#