مونتېسسۇرى

  مونتېسسۇرى 1870-يىلى 8-ئايدا ئىتالىيەنىڭ ئانكونا ۋىلايىتىنىڭ گرالاۋالەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى ئائىلە تەربىيىسى كۆرگەن. ئۇ 1907-يىلدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردا مونتېسسۇرى «بالىلار ئائىلىسى » نى قۇرۇپ «بالىلارنى تەربىلەش پۇرسىتى، ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدىغان» تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى بېغىشلىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مونتېسسۇرى
يۇرتى ئانكونا ۋىلايىتىنىڭ گرالاۋالەي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1952-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى داۋانچ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرىستېتى
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1870-يىلى 8-ئاي
كەسپى ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونتېسسۇرى 1870-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۇنى ئىتالىيەنىڭ ئانونا ۋىلايىتىنىڭ گرالاۋالەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاقسۆڭەك ئەۋلادى بۇلۇپ، مىجەزى مۇلايىم ، مۇتەئەتسسىپ ئادەم، ئاپىسى بولسا بىلىمگە باي، تەقۋادار، ئاقكۆڭۈل، ئېھتىياتچان، كاللىسى ئۇچۇق ئايال ئىدى. مونتېسسۇرى يالغۇز پەرزەنت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىسنىڭ تولىمۇ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، ياخشى ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە بولغان. ئۇ 1907-يىلدىن باشلاپ ھەر قايسى جايلاردا مونتېسسۇرى «بالىلار ئائىلىسى »نى قۇرۇپ «بالىلارنى تەربىلەش پۇرسىتى، ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدىغان» تەربىلەش ئۇسۇلى ئۇچۇن ئۆز كۈچىنى بېغىشلىغان. ئۇ ئۇلۇغ مائارىپچى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مەشھۇر ئالىم بۇلۇپ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇر ھاياتىنى بالىلار ۋە ئىنسانىيەت روھىىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن تەغدىم قىلغان ئۇنىڭ «مونتېسسۇرى ئالاھىدە تەربىلەش ئۇسۇلى»، «مونتېسسۇرى قوللانمىسى »، «مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى»، «بالىلىقتىكى مەخپىيەتلىكلەر»، «بالىلارنىڭ بايقىلىشى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

مونتېسسۇرى 1952-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى گوللاندىيەنىڭ نوتۋىرىك دېگەن يىرىدە 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ بىر مەشھۇر ئالىم، شۇنداقلا ئۇلۇغ مائارىپچى بۇلۇپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھاياتىنى بالىلارغا، ئىنسان روھىنىڭ قايتا جاللىنىشىغا ۋە ئىنسان تەبىئتىنىڭ تەرەققىىي قىلىشىغا بېغىشلىغان.

ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۇن ئائىلە رىمغا كۆچكەن. مونتېسسۇرى ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ رەڭدارلىققا تولغان بىلىم ئېلىش جەريانىنى باشلىغان. ئۇ 13 ياشتا سانائەت پەنلىرى مەكتىپىنىڭ سانائەت پېنى گورۇپپىسىغا كىرىپ ئوقۇغان (ئۇ چاغلاردا سانائەت پېنى گۇرۇپپىسىغا كىردىغان قىزلار ناھايىتى ئاز ئىدى ) ھەم ئۇنىڭدا ماتىماتىكىغا قارىتا زور قىزقىش پەيدا بولغان . بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى چاغلاردىكى «ماتىماتىكىلىق پاراسەت » نى تەرەققىي قىلدۇرۇش «ئابستراكت ئويلىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر » دېگەن ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرىتكە بولغان.

ئۇ 20 ياشتا داۋانچ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرىستېتىنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، دادىسىنىڭ ئۇنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئۈمىدىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزغىن سۆيدىغان پېنى-بىئولوگىيە پېنىنى چوڭقۇرلاپ ئۇقۇش نىيىتىگە كەلگەن ھەم ئۆزىنىڭ تېببي ئىنىستىتوتقا كىرىپ ئۇقۇش پىكرىدە قەتئىي چىڭ تۇرغان. لىكىن شۇ چاغلاردىن جەمئىيەت ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بۇلۇپ، قىزلار تىببى ئىنستىتوتقا كىرىپ ئۇقۇيدىغان ئەھۋال تېخى يوق (مەيدانغا كەلمىگەن ) ئىدى. لىكىن مونتېسسۇرى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق 22 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئاندىن تىببي ئىنىستىتوتقا كىرەلىگەن ھەم مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن دادىسىغا تېخىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپ (دادىسنىڭ ئىرادىسىگە تېخىمۇ قارشى چىقىپ )، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. ئۇ پەقەت ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى كىرىمىىگە تايىنىپلا ئۆز تۇرمۇشنى قامداپ، جاپا-مۇشاقەتلىك تىبابەت ئۆگىنىش مۇساپىسنى تاماملاشقا مەجبۇر بولغان. لىكىن ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىئولوگىيە جەھەتتىكى مول بىلىمگە ئاساس سېلىۋالغان. 

مونېسسۇرى گەرچە ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە كۆرەش ئىرادىسى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەر يېڭەلمەيدىغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر بۆسۈپ ئۆتۈپ، 26 ياش ۋاقتىدىلا ئەڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئىتالىيەدىكى تۇنجى ئايال تىبابەت دوكتورىغا ئايلانغان ھەم پۇتۇن مەملىكەتنى زىلزىلگە سالغان بولسىمۇ، لىكىن شۇ چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىدىن، رىم ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ روھى كېسەللىكلەر شىپاخانىسىدا ياردەمچى دوختۇر بۇلۇشىغا مەجبۇر بولغان.

 ئۇ بۇ جەرياندا دەلتۈش بالىلار بىلەن ئۇچراشقان (شۇ چاغلاردا دەلتۇشلەر بىلەن ساراڭلار ئوخشاشلا ساراڭلار ساناتورىيىسىگە قاماپ قۇيىلاتتى) ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ھېستاشلىق قىلغان ۋە يەردەم بەرگەن. كىيىن ئۇ ئەقلىي-ئقتىدار توسالغۇسى بار بالىلارنى داۋالاش ۋە تەربىيىلەش مەسلىسنى تەتقىق قىلىشىقا باشلىغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى سايىوننىڭ ئالاھىدە مائارىپ توغرىسىدىكى مەشھۇر ئەسەرلىرى بىلەن ئىتانىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ئۇقۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ مەزگىل ئىچىدە پارىژ ۋە لوندونغا بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مائارىپ ئورۇنلىرنى ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلغان.

روھىي كېسەللىكلەر شىپاخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئىككى يىل جەرياندا، ئۇ«بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدىكى يىمەكلىكلاردىن باشقا يەنە ئىككى قول بىلەن تۇتۇپ مەشغۇلات قىلىشقا بولدىغانلىقى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتىدىغانلىقى، قالايمىقان سىلايدىغانلىقى ۋە ئىزدەيدىغانلىقى» نى بايقىغان. بۇ خىل تۇنۇش ئۇنىڭ مائارىپ نەزەرلىرى ئىچىدىكى «ئەقلىي پاراسەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قول مەھسۇلاتىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ» دېگەن ئاساسى نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرىتكە بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ بۇ ئىككى يىللىق بىۋاستە كەچۈرمىش داۋامىدا تۆۋەن ئىقتىدارلىق بالىلارنى تەربىيىلەشكە نىسبەتەن «ئەقىل-چاراسەت يىتەرسىز بۇلۇشنى تۈگۈتىشتە نۇقۇل دورا بىلەن داۋالاشقا ئەمەس بەلكى تەربىيىلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ» دەيدىغان كۆزقاراشقا ئىگە بولغان. ھەم بۇ ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارنى مۇمكىن قەدەر دورا بىلەن داۋالاشتەك ئەنئەنىۋى بىر تەرەپلىىمە ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.

1898-يىلى، مونتېسسۇرى ئىتالىيەنىڭ دۇلىن دېگەن يىرىدە ئىچىلغان مائارىپ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ «بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن كەمتۈك بۇلۇشتەك روھىي كېسىلى قانداقتۇر تىبابەت مەسىلىسى بولماستىن بەلكى مائارىپ مەسىلىسىدۇر» دەيدىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مائارىپ ۋە تىببى ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتالىيىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ئۇنى دۆلەتلىك ئالاھىدە بالىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىققا تەيىنلىگەن. كىيىن ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «ئالاھىدە بالىلار مەكتىپىدە خىزمەت قىلىش جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن ئەمىلىي تەجرىبىلىرىگە مېنى تۇنجى ھەقىقىي پىداگوگىكا ئىلمىي ئۈنۋانغا ئېرىشتۈرگەنگە باراۋەر بولىدۇ» دېگەن.

مونتېسسۇرى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سايگوننىڭ كىتاپلىرى ۋە ئىتالىيىنىڭ سىناق تەجرىبىلىرگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇللىرىنى ئاشۇ بىچارە بالىلارغا ئەمەلىي تەدبىقلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ مەزكۇر مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە رىملىق ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن، ھەرقايسى بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئەقلى ئقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە قوللىنىدىغان، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارغا قارتىلغان بىر يۈرۈش«ئالاھىدە كۈزىتىش ئۇسۇلى» نى تەييارلىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە بۇ بالىلارنىڭ مەسىللىرگە قارتا، تېخىمۇ قاراتمىلىق ھەر خىل ھەر ياڭزا مائارىپ قوراللىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ «قول ۋە مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىش»ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى تەرەقىي قىلدۇرىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ھەر كۇنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 7 گىچە بالىلار بىلەن ئۆزى بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى كۆزەتكەن، ئۇلارنى چۈشەنگەن، ھەم خاتىرە قالدۇرۇپ مۇلاھىزە ۋە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، توختاۋىسىز ھالادا تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرنى تەتقىق قىلىپ چىققان. نەتىجىدە، ئىككى يىلدىن كىيىن، ئۇ بالىلار مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغان، ئۇلارغا ئۇقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە شۇ ۋاقىتتىكى رىم رايۇنىدا نورمال بالىلار ئۇچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورتاق ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن.

مونتېسسۇرى ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يوقتىپ قويمىغان. بۇ چاغدا ئۇ، كەمتۈك بالىلار مۇۋاپىق تەربىيىنىلىش ئارقىلىق نورمال بالىلارنىڭ ئۆلچىمىگە يېتەلىگەن يەردە، نورمال بالىلار نېمە ئۈچۇن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتەلمەيدۇ؟ دەپ ئويلىنىشقا باشلىغان.

ئۇ تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىگە نىسبەتەن ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى (شۇچاغدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدار ئىرسىيەت بەلگىلىندۇ، دەپ قارايتتى) ۋە نورمال بالىلارنىڭ «ئورتاق ئىمتىھان» دا ئېرىشكەن نەتىجىسنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇسىغا ئىگە بالىلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسدىن ھىچقانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىدەك نەتىجىدىن، كۆپ قىسىم نورمال بالىلار ئەقلى ئىقتىدارى تەرەقىياتىنىڭ چەكلىمىسىگە ياكى نامۇۋاپىق تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ زىيان كەشلىككە ئۇچۇرمىغان تەغدىردىمۇ، تەربىيىلەشنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ باشلىندىغانلىقى ياكى بۇ ھەر ئىككى سەۋەپنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ھېس قىلىپ يەتكەن.

بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان چوڭ ئىش بۇلۇپ ئۇ بۇنى كىشلەرنىڭ جاۋاپ ئىزدىشى زۆرۈر بولغان، تىرىشىپ ھەل قىلمىغۇچە خاتىرجەم بولغىلى بولمايدىغان چوڭ مەسلە دەپ قارىغان. چۇنكى ئۇنىڭ ھىېس قىلىشچە، ئىنسانىيەتنىڭ گەلگۈسى بەختى ۋە دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ ئۈمۈدى كۆپ سانلىق نورمال بالىلارنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، ئۇ بۇ يېڭى رىقابەتنىڭ قەتتىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلغان. 

بۇخىل ئۇسۇلنى نورمال بالىلارغىمۇ تەدبىقلاشقا مۇمكىن بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، «نورمال پىداگوگىكا» نى يېڭباشتىن تەتقىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. 1901-يىلى، ئۈ پۈتۈن ياۋرۇپاغا داڭق كەتكەن مەكتەپ مۇدىرىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ رىم ئۈنۋىرستىتىغا قايتىپ بېرىپ، قايتىدىن ئوقۇغۇچى بولغان ھەم ئىنسانلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىنىڭ تەبىي قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئۈزۈل كىسىل ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەربىيىلەش نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇللىرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، بىئولوگىيە پىېنى، تەجىرىبە پىسخولوگىيىسى، نورمال پىداگوگىكا، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. ئۇ يەتتە يىل كۆڭۈل قۇيۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنسان ھاياتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنيەتلىرىنى تەدرىجى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قەدىمكى ئىدىيە ۋە نەزەرىيىلىرىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرگەن. بۇ چاغدا، ئۇنىڭدا كەمچىل بولغىنى پەقەت ئىسپاتلاش پۇرسىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى.

1906-يىلى، بىر تاسادىپىي پۇرسەت رىم ئېسىل قۇرلىشلار ئۇيۇشمىسنىڭ قوللىشى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى نورمال بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىسپاتلاش پۇرسىتىنى ئېلىپ كەلگەن؛ 1907-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇنجى «بالىلار ئائىلىسى» رىمنىڭ نامراتلار رايونى بولغان سان لورۇندۇ رايونىدا رەسىمى قۇرۇلغان، ئۈچ ئايدىن كىيىن ئىككىنچى مونتېسسۇرى «بالىلار ئائىلىسى» ئىز بېسىپ قۇرۇلغان.

«بالىلار ئائىلىسى» بالىلارنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىتنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ، ئۇ بىر خىل «يۇرۇشلەشكەن ياتاق ئىچىدىكى مەكتەپ » ئىدى. ئۇ يالغۇز ئائىلە مەزمۇنىغا (مەسلەن، ئەزالارنىڭ، ئۆز ئارا بىر-بىرىگە كۈرۈنىشى ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش) ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق جابدۇق ۋە ئۈسكىنلەرمۇ بالىلارنىڭ ئىھتىياج ۋە ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق كىلدىغان بۇلۇپ، بالىلارنىڭ تەربىيە قۇبۇل قىلىشتىكى ياخشى سۇرۇنى ئىدى.«ئائىلە» دىكى چوڭ كىشلەر چۇقۇم «مەكتەپ» مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىم كۈچ چىقىرىش، شۇ ئارقىلىق «مەكتەپ مۇھىتى» نى بالىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن تەرەققىياتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.

بالىلار ئائىلىسىدە، مونتېسسۇرى ئەقىل پاراسەتنىڭ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىشتا ئىشلىتىلدىغان ھەر خىل تەربىيىلەش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ يەردە كۈزتۇش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئويناشقا تىگىشلىك رولىنىڭ قانداق بۇلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان مونتېسسۇرى ئوقۇش ئۇسۇلىنى ھۇجۇدقا كەلتۇرىدى.

«بالىلار ئائىلىسى» دە، مونتېسسۇرىنىڭ ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 60 نەپەر بالىغا تەدبىقلىغان ئۇسۇلى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە زور نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورنال ۋە كىتابلارنىڭ بالىلار ئائىلىسى توغرىسىدا بەرگەن تەسىرلىك خەۋەر ۋە بايانلىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كىلىدىغان ئىكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۇلمەيدۇ، ئۇلار بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، مۇجىزە دەپ تەرىپلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن لوندون، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تەقلىد سۇپىتىدىكى «بالىلار ئائىلىسى» نى بەس-بەستە تەسىس قىلدى، ھەم مونتېسسىۇرىنى ئۆز دۆلەتلىرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

مونتېسسۇرى 1912~1915-يىللىرى ئامېرىكىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى سان-فرانسېسكو كۆرگەزمە يىغىنىنىڭ بىردىن بىر مۇكاپات بولغان ئىككى كۈزلۈك ئالتۇن مىدال مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. 1913-يىلى ئامېركىدا مائارىپ جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىندۇ.

مونتىسۇرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ياكى مونتېسسۇرى ئۇسۇلىنى قوللانغان مەكتەپلەر 200 دىن كۆپرەككە  يىتىدۇ. 1934-يىلى مۇسسۇلىن ئىتالىيىدىكى بارلىق مونتېسسۇرى مەكتەپلىرىنى تاقاش بۇيرىقىنى چۈشۈرىدۇ ھەم مونتېسسرىنىڭ ئەسەرلىرنى چەكلەيدۇ. مونتېسسۇرنىڭ ئۆزىمۇ ئامالسىز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئىسپانىيەگە قېچىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ يەنە ئۇ يەردىن ئەنگىلىيەگە بارىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۆلەتتىن بۇ دۆلەتكە يۆتكىلىپ يۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردا سەييارە  نۇتۇق سۆزلەيدۇ. گوللاندىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلىرىدە ئۇنىڭ قەدەم ئىزى چۇشمىگەن جاي قالمايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاياغلىشىپ 1947-يىلىغا كەلگەندە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئاندىن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كىلىپ مونتېسسۇرى مەكتىپىنى قايتىدىن قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 

2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مونتېسسۇرى گەرچە ئاللىقاچان قېرىپ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا جاپادىن ئۆزىنى تارىتماي، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قايتا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ؛ مائارىپ خىزمەتلىرگە يېتەكچىلىق قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە دۇنيا تىنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چاقىرىق قىلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#