ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرى
ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرى يەنە ئالاند تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللار ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالتىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بالتىق دېڭىزىغا تەۋە بوتنىك قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالاند تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللار ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالتىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بالتىق دېڭىزىغا تەۋە بوتنىك قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن فىنلاندىيىگە تەۋە بولۇپ، فىنلاندىيە قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتر، غەربتىكى شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار چوڭ-كىچىك 6500 دىن ئوشۇق ئارال ۋە خادا تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئالاند ئارىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يەر مەيدانى 640 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. پۈتۈن تاقىم ئاراللارنىڭ مەيدانى 1481 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ.
بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 22 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىۋېتسىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى 80 گە يېقىن ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.