ساندۇقچىلىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساندۇقنىڭ رەسىمىئۇيغۇر ساندۇقى خىلمۇ خىل بولىدۇ. خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، ھەر خىل سىرلانغان سىرلىنىپ خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلار ۋە تۈنىكە مىخلاپ بېزەلگەن پالاس ساندۇق(بۇ خىل ساندۇق ئورۇس ساندۇق، ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار. بۇ خىل ساندۇقلار ھەر قايسى ئائىلىلەردىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ.
ساندۇقنىڭ ماتېرىيالى تېرەك ۋە قارىغاي ياغىچى، يارا يېلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سايمانلىرى: چوڭ-كىچىك چوت(كەكە) ، ھەرە، ئىسكىنە، رەندە، سىزىق تارتىش تانىسى، مېتر ۋە ئۈچ بۇلۇڭلۇق سانتىمېتردىن ئىبارەت.
ياساش ئۇسۇلى: ياغاچنى تىلىپ تاختاي قىلىدۇ. ساندۇق ئۆلچىمى بويىچە كېسىپ تاختاينىڭ بىر تەرىپى سىلىقلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى بېشىغا ئەركەك-چىشى ئويۇق ئاچىدۇ ۋە ھەر بىر تەرتەپنىڭ تاختايلىرىنى يارا يېلىم بىلەن چاپلاپ پۈتۈنلەشتۈرۈپ، ئەركەك-چىشى ئويۇقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ يارا يېلىم بىلەن تۇتتۇرۇپ ساندۇق رامكىسىنى قۇراشتۇرىدۇ. ئاندىن ئاستىنى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلاپ چەپچەك قويۇپ، ئاغزىنى گىرەچە بىلەن تۇتتۇرۇپ ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىككى يانغا تۇتقا، ئالدىغا قاغىتۇمشۇق بېكىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سىرلاش، سىر ئۈستىدىن نەقىشلەش ياكى تۈنىكە مىخلاش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر ساندۇقلىرى ئىچىدە تۈنىكە مىخلانغان ساندۇق ئالاھىدە كۆركەم بولىدۇ. ساندۇققا مىس تۈنىكە، ئاق، سېرىق، يېشىل دېگەندەك خىلمۇ خىل دەڭدىكى تۈنىكە قايچا بىلەن ئۆلچەملىك كېسىلىپ مىخلىنىدۇ.
ساندۇق مىخلاشمىخلاش ئۇسۇلى: تۈنىكە ئۈچ مىللىمېترلىق قىلىپ تاسما تىلىنىدۇ. ئۇنى تۈزلەپ، بېلىق سىرتى قىلىپ، ساندۇققا چۈشۈرمەك بولغان نۇسخىلارغا كىرىشتۈرۈپ، تۈنىكىنى كاتەك مەنچىر، كاتەك، توقۇلما، كەكلىك قېشى، جۈپ كاتەك، يالاڭ كاتەك قىلىپ مىخلايدۇ. ئۇلارنىڭ چېۋەر قولىدىن خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ھاسىل بولۇپ، ساندۇق يۈزىگە تاغ-دەريالار، قۇياش، ئاي-يۇلتۇز شەكىللىرى، گۈل-گىياھ، مېۋە-چېۋە، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار شەكلى چۈشۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ئۇستىلار ساندۇققا چەككەن ھەر بىر نۇسخىلار، ئاق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، ئوغىلاردىن كۆز قويۇپ، نەقىشلەرگە جان كىرگۈزگەن. بۇ خىل بېزەلگەن ساندۇقلار ناھايىتى جۇلالىق بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
ساندۇق مىخلىغۇچى ئۇستىلار سەندەل، ياغاچ بولقا، تۈنىكە كېسىدىغان تۈز قايچا، جادۇ قايچا، سۈنبە، مىخ، ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بولقىلارنى سايمان قىلىدۇ.
ساندۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاشلىق ساقلاش ۋە نان قويۇش ئۈچۈنمۇ ساندۇق(كات) ئىشلىتىدۇ. ئاشلىق كات لىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۆركەم ياسىلىپ، ئالدىغا قاپارتما شەكلىدە تىلىنغان ياغاچ بىلەن ھەر خىل كۈنگۈرىلىك نەقىشلەر چاپلىنىدۇ. بەزى چوڭ كاتلارغا بىرەر توننا ئاشلىق سىغىدۇ. كاتتا ساقلانغان ئاشلىق ئاسان بۇزۇلمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.