دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى

دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دېگەن ئەسەرنى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ دورىگەرلىك ئالىمى لى شىجىن 27 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان .

ئۇيغۇرچە نامى دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى
ئاپتورى لى شىجىن
خەنزۇچە نامى 本草纲目
نەشىردىن چىقققان ۋاقتى 1590-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى »دېگەن ئەسەرنى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ دورىگەرلىك ئالىمى لى شىجىن 27 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان . بۇ قامۇس 1578 - يىلى پۈتكەن ، جەمئىي 52 توم بولۇپ ، قامۇسقا 1892 خىل دورىلىق ئۆسۈملۇك ، 11096 خىل رېتسىپ ، 1160 پارچە رەسىم كىرگۈزىلگەن .قامۇس يەنە دورىلارنىڭ تەبىئىي تۈرىگە ئاساسەن سۇ، ئوت ، تۇپراق ،مېتال،ئوت-چۆپ، مېۋە، دانلىق زىرائەت ، كۆكتات، ياغاچ، جابدۇق ، ھاشارات، قاسراق ، قۇش، ھايۋان، ئادەمدىن ئىبارەت 16 بۆلۈم (سىنىپ) قا بۆلۈنگەن ، ھەر بىر بۆلۈمى يەنە بىر قانچە تۈرگە ، يەنى، جەمئىي 60 تۈر (ئەترەت) گە بۆلۈنگەن.

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » دا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى دورا ئىشلىتىش تەجرىبىلىرى ۋە بىلىملىرى خۇلاسىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ دورا ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلىرى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىگە ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان ئاساستا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.ئاپتۇر ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان . تۈرلەرگە ئايرىش جەھەتتە بىر قەدەر ئىلمىي ، مەزمۇنى غەرىپ ئۆسۈمۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىنىڭ ئىجادچىسى لىننې 1735-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ، پەقەتلا 12 بەتلىك «تەبىئىي سىستىما»كىتابتىن مول. قامۇستا يەنە خەلىق ئارىسىدىكى ئاددىي ۋە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلار ھەم دورا يىغىش ، تېرېش، ياساش، ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، كېيىنكىلەرنىڭ جۇڭيى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن . بۇ كىتاب دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن دۆلەت ئىچىگە كەڭ تارقالغا ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرگە ئىگەبولغان . 

دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيەسى ۋە جۇڭيى دورا ئىلمى دۇنياغا كەڭ تارالغان، بۇ قامۇستىكى نۇرغۇنلىغان سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار ۋە دورا ئىلمى، نەزەرىيەلىرى تېخىمۇ مۇھىم قىممىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ قامۇس جۇڭگۇغا مەنسۈپ بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا مەنسۈپ .[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#