نەنجىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نەنجىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي بولۇپ، شىمال تەرىپى چاڭجياڭ دەرياسىغا تاقىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى چىنخۇەيگە تۇتىشىدۇ، قەدىمدە «جۇڭشەن ئەجدىھادەك تولغىنىپ ياتار، تاش شەھەر يولۋاس قىياپەت تۇرار» دەپ تەرىپلەنگەن. مىلادىيە229-يىلى(ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى شەرقىي ۋۇ دۆلىتى پادىشاھى خۇاڭۋۇنىڭ8-يىلى) شەرقىي ۋۇ دۆلىتى ئالدى بىلەن بۇ يەرنى جيەنيې دېگەن نامدا پايتەخت قىلغان. شەرقىي جىن ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەردىن سۇڭ، چى، لياڭ، چېنلارمۇ جيەنكاڭ دېگەن نامدا نەنجىڭنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، بۇرۇندىنلا «ئالتە سۇلالىنىڭ پايتەختى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بەش دەۋردىكى جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى تەيپىڭ تيەنگو مەزگىللىرىدىمۇ بۇ يەر پايتەخت قىلىنغان. جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى مەزگىلىدە جىنلىڭ، مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە نەنجىڭ، تەيپىڭ تيەنگو مەزگىلىدە تيەنجىڭ دەپ ئاتالغان. 1927-يىل4-ئايدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى نەنجىڭنى پايتەخت قىلغان.
نەنجىڭ سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتىغا تەۋە ، ھۆل يېغىن مقدارى يېتەلرىك ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1200 مىللىمېتىر . تۆت پەسىل ئېنىق ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 15.4 سېلسىيە گىرادۇس يىللىق تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى 39.7 سىلسىيە گىرادۇس ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 13.1 يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1106مىللىمېتىر . ئەتىيازدا ھاۋا ئوچۇق ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ ، كۈز پەسلىدە قۇرغاق ، سالقىن بولىدۇ . قىش پەسلىدە سوغوق ، قۇرغاق .
جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئۆسۈملۈك بايلىقى ئەڭ مول ئۆسۈملۈك تۈرى ئەڭ كۆپ رايون .يەنە تاغ ، دەريا - كۆللەرمۇ كۆپ ، ھاۋارايىنىڭ مۆتىدىللىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۈپۈيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ياشايدۇ . ياۋايى ھايۋانلار بايلىقى مول ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن جۇڭخۇا ئاتسىپېنسېر بېلىقى ، ئاق پالاقچىلىق دېلفىن ، ياڭزىجاڭ تىمساھى ، بوكە ، دەريا دېلفىنى ، قوشماق ئۆدەك ، ئوزۇق قۇلاق مۈشۈكياپىلاق ، قىسقا قۇلاق مۈشۈكياپىلاق قاتارلىقلار بار .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.