ھىلارىي رودھام كىلىنتون

ھىلارىي رودھام كىلىنتون

ھىلارىي رودھام كىلىنتون، 1947-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 67-قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھىلارىي رودھام كىلىنتون
باشقا نامى ھىلارىي كىلىنتون
يۇرتى ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرى
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى يالې قانۇن ئىنىستىتۇتى، ۋېللېسلېي ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە ئىسمى 希拉里·黛安·罗德姆·克林顿
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى سىياسىئون، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى
چەتئەلچە نامى Hillary Diane Rodham Clinton

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىلارىي رودھام كىلىنتونھىلارىي رودھام كىلىنتون، 1947-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 67-قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 2001-2009-يىللىرى ئارىىسدا ئامېرىكا پارلامېنتىدا نيو يورك شىتاتى ۋەكىلى بولغان. ھىلارىيي كىلىنتون 1993-2001 يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولغان بىل كىلىنتوننىڭ ئايالى. ھىلارىي كىلىنتوننىڭ كەسپى ئادۋۇكات، ئۇ دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئەزاسى. ئۇ 2007-يىلى 20-يانۋاردا 2008-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا نامزات بولۇپ قاتناشقان ئەمما ئازراق پەرق بىلەن ئوباما پرېزىدېنت بولغان. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىلارىينىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزگەن. ھىلارىي كلىنتون بىر باي سىياسىي ئەربابنىڭ 1-خانىمى بولۇش مەزگىلىدە بىر قاتار ئىسلاھات ئېچىش يىغىنلىرىغا  رىياسەتچىلىك قىلدى. 

ھىلارىي رودھام كىلىنتونھىلارىي جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىسنى باشلىدى. بۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە ئىلگىرى كۆپ قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ نەتىجە ياراتقان. لېكىن ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

1975-يىلى ھىلارىي بېل كلىنتون بىلەن توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىلارىي ئاشقازان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن سۇسىزلىنىپ ئايلىنىپ كەتكەن، باش قىسمى پەيدا قىلغان مېڭە سىلكىنىش بولغان دەپ دېئاگىنوز قۇيۇلغان. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىلارىينىڭ قىزى شارلوت چېلسى ئۆزىنىڭ قىزنى تۇغقان.

ھىلارىي رودھام كىلىنتونھىلارىي كىلىنتون يولدىشى بىل كىلىنتوننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشىغا يېقىن مەزگىلدە نىيو يورك شىتاتى ۋەكىلى بولۇپ سىياسەت مەيدانىغا كىرگەن، ئۇ 2008-يىللى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا دېموكراتچىلاردىن نامزات بولۇپ قاتناشقان، ئەمما دېموكراتچىلاردىن بولغان يەنە بىر نامزات براك ئوباما 29 شىتاتتا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان، ھىلارىي كىلىنتون بولسا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ھىلارىي كىلىنتون سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ قايتىدىن نامزات بولۇپ سايلامغا قاتنىشىشى قىززىق تېمىغا ئايلانغان. ھىلارىيي كىلىنتون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىىردا لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسولخانسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ باش ئەلچى Christopher Stevens قاتارلىق 4 نەپەر ئامېرىكىلىق كونسولخانا خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان،ھىلارىي كىلىنتون بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن پارلامېنتتا جاۋابقا تارتىلغان، ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى قۇبۇل قىلىپ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇ ۋەقەنىڭ ھىلارىي كىلىنتوننىڭ نامزاتلىقىغا تەسىرى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھىلارىيي كىلىنتون جىمجىت شەكىلدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە رەسمى ئالاقە ئۈچۈن شەخسى ئىلخەت ئادرېسى ئىشلەتكەنلىكى يەنە بىر قېتىم قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى. ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىنغان ئىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھىلارىيدىن شۇ مەزگىلدە يازغان بارلىق ئىلخەت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھىلارىيي كىلىنتون بۇ تەلەپنى ئورۇندىغان. ئەمما ھىلارىيغا كۈچلۈك رەقىب بولمىغانلىقى ۋە دېموكرات پارتىيسىدىكى قوللاش بىلەن ئىلخەت مەسىلىسى ئۇنىڭ نامزات بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#