ئالقات

ئالقات تاۋار ئالقات، نىڭشيا ئالقىتى، جۇڭخۇا ئالقىتى، ئالقات قاتارلىق ئالقات تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ئۇيغۇرچە نامى ئالقات
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، چاۋشيەن، ياپونىيە، ياۋروپادا ئۆستۈرۈلگەن ياكى ياۋا ئوت
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى نەيچىسىمان گۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئالقات ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 枸杞
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پىدىگەن ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلمىي نامى

ئالقات تەۋە (Lycium) كېلىش مەنبەسى گرېك تىلىدا lykion دېگىنىمىز بىر خىل كۆپ تىكەنلىك ئۆسۈملۈك، بۇ ئۆسۈملۈك تۈركىيە نىڭ غەربى شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر لىدىيەدە بايقالغان (Lycia). 

نىڭشيا ئالقىتى 

(Lycium barbarumL.) لاتىن تىلىدا barbarum «دورا» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. 

جۇڭخۇا ئالقات 

(Lycium chinenseMill.) قوشۇپ chinense دېگىنىمىز شۇ تۈرنىڭ جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر بايقالغان، جۇڭگو تەيۋەن، جۇڭگو رايونىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالقاتنىڭ بىر خىلى، ھازىر شىمالىي تەرەپتە ئۆزگەرتىلگەن تۈرى بار.

جۇڭخۇا ئالقىتى 

ئالقاتجۇڭخۇا ئالقىتى كۆپ شاخلىق چاتقال، ئېگىزلىكى 0.5-1 مېتىر، ئۆستۈرگەنلىرى 2 مېتىرغا يېتىدۇ. شاخلىرى ئىنچىكە، ياسىمان ئەگرى ياكى ياتما، سۇس كۈل رەڭ تىك سىزىقلىرى بار، ئۇزۇنلۇقى 0.5~2 سانتىمېتىر، يۇپۇرماق ۋە گۈلنىڭ تىكىنى ئۇزۇن، ئۇششاق شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۇچلۇق بولغان تىكەنلىرى بولىدۇ. تۈپى تىكىپ ياكى قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاددىي يوپۇرماقلىق، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ياكى 2-4 تالغىچە يوپۇرماق توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان، تۇخۇمسىمان رومبا شەكىللىك، ئۇزۇنچاق ئېللىپسسىمان، تۇخۇمسىمان تىمىنە شەكىللىك، ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 5.1 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.5~2.5 خېلى چوڭ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، كەڭلىكى 4 سانتىمېتىر؛ يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى 0.4-1 سانتىمېتىر كېلىدۇ. 

يەككە ياكى قوش گۈللۈك ئۇزۇن شاخلىرىدا يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، قىسقا شاخلىرى يوپۇرماق بىلەن توپ ئۆسىدۇ؛ گۈل ساپىقى ئۇزۇنلىقى 1-2 مىللىمېتىرغىچە، ئۇچىغا بارغانسېرى يوغۇناپ بەسلىك بولىدۇ. گۈل كاسىسى 3-4 مىللىمېتىرغىچە، ئادەتتە گۈل تاجىسى ۋارونك شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 9-12 مىللىمېتىرغىچە، سۇس سۆسۈن رەڭ، كانايسىمان قىسمى يۇقىرىغا قاراپ كېڭىيىدۇ، سەل قىسقا ياكى يېقىن بولىدۇ، بەش چوڭقۇر يېرىقچىسىدىكى ياپراقلىرى تۇخۇم شەكىللىك، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق دىقماق، تەكشى ياكى سەل سىرىتقا قاراپ تەتۈر، گىرۋەكلىرىنىڭ بىر قىسمى قۇلىقى تۈۋىدە كۆرۈنەرلىك؛ ئاتىلىقى بىرقەدەر سەل قىسقا،  گۈل تاجىسى ياكى گۈل تاجى يېرىقچىسى گۈل تاجا سىرتىغا ئېچىلغان، گۈل يىپى چاڭدان يەردە تۈۋى قىسمىنىڭ قويۇق ئۆسكەن بىر تىۋىتلىق ئېللىپىس شەكىللىك ھەمدە ئارىلاش تۈكلۈك، ۋە تۈكلۈك ئېگىزلىكى ئوخشاش بولغان گۈل تاجىسى كانايسىمان ئىچكى دىۋارى ھەم زىچ ئۆسكەن بىر ھالقا تىۋىتلىق؛ ئاتىلىقى ئانىلىق بوينى سەل ئۈستىگە چىقىپ تۇرغان، ئانىلىق تۇمشۇقى يېشىل. 

مېۋىسى قىزىل، تۇخۇمسىمان، چاسا شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ، ئۇچى ئۇچلۇق ياكى يۇمىلاق، ئۇزۇنلۇقى 7-15 مىللىمېتىرغىچە، ئۆستۈرۈش ئۇزۇنلۇقى 2.2 سانتىمىتىر، دىئامېتىرى 5-8 مىللىمىتىرغىچە. ئۇرۇقى ياپىلاق بۆرەك شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 2.5-3 مىللىمېتىر، سېرىق رەڭلىك. چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلى 6-11-ئاي مەزگىلىرى. 

نىڭشيا ئالقىتى 

ئالقاتنىڭشيانىڭ ئالقىتى چاتقال ياكى تىكىپ ئۆستۈرىدىغان چوڭ چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 0.8-2 مېتىر، غولى توم، دىئامېتىرى 10-20 سانتىمېتىر؛ شاخلىرى ئىنچىكە، ياۋاىسى سەل يانتۇ ياكى ئەگرى ئۆسىدۇ، كىچىك شاخلىرى ئەگرى ئۇچى يۇمىلاق، تىك پرىزما گۈللۈك، كۈلرەڭ ئاق ياكى كۈل رەڭ سېرىق، تۈكسىز، سەل پارقىراق كېلىدۇ، قىسقا تىكىنى بار، يوپۇرمىقى ۋە يوپۇرماق گۈلىدە ئۇزۇن تىكەنلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تېمىنە شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ئېللىپسسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق ياكى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 2-3 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 4-6 مىللىمېتىر، ئۆسۈش ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5.1~2 سانتىمېتىر، سەل گۆشلۈك، يوپۇرماق تومۇرى ئېنىق بولمايدۇ. 

گۈل ئۇزۇنلۇقتىكى شاختىكى ئىككى تال يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، قىسقا شاخلىرىدا 6 تال يوپۇرماق بىلەن توپ ئۆسىدۇ؛ ئايلانمىسىدىن بىر گۈل سېپى ئۇزۇن، ئۇچىغا بارغانسېرى يوغۇناپ بەسلىك بولىدۇ. گۈل كاسسى قوڭغۇراق شەكىللىك، ئۇزۇن 4-5 مىللىمېتىر، ئادەتتە يېرىقچىسى 2، كىچىك ئۇچلۇق ئۇچىدا يەنە ئىككى-ئۈچ چىشلىق يېرىلغان يېرىقچە بار؛ گۈل تاجىسى ۋارونك شەكىللىك، تاغ دېنى يېشىلى، كانايسىمان ئۇزۇنلۇقى 8-10 مىللىمېتىر، ئۆزى ئاستىدىن يۇقىرىغا بارغانسىرى كېڭىيىدۇ، لەمپە قىسمى روشەن ئۇزۇن بولىدۇ، يېنىدا ياپراقچىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 5-6 مىللىمېتىر، تۇخۇمسىمان، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق دىقماق، تۈپى قىسمىدا قۇلاقسىمان يۇپۇرمىقى بولۇپ، تۈكلۈك گىرۋەكلىك، گۈل ئېچىلغان ۋاقىتتا تەكشى يېيىلىدۇ؛ ئاتىلىق گۈل يىپى كۆپىنچە ياپلاق، تۈۋى ئاستى، ئۈستى سەل گۈل تاجىسى كانايسىمان ئىچكى بىر قويۇق تۈكلۈك. ئانىلىق بوينى خۇددى ئاتىلىقى گۈل تاجى يېرىقچىسىغا ئوخشاش تەكشى. 

شىرنىلىك مېۋىسى قىزغۇچ سېرىق، مېۋە پوستى گۆشلۈك، كۆپ شىرنىلىق، شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈش ياكى ئۆسۈملۈك تۈپىىنى تىكىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدۇ، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزگىرىشچان، كەڭ ئېللىپىس شەكىللىك، يۇمىلاق شەكىللىك، تۇخۇم شەكىللىك ياكى شارسىمان، ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق ياكى كېسىك، بەزىدە سەل ئويمان، ئۇزۇنلۇقى 8-20 مىللىمېتىر، دىئامېتىرى 5-10 مىللىمېتىرغىچە، نەچچە تال ئۇرۇقى سەل بۆرەك شەكىللىك، ياپىلاق بولىدۇ، سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر. چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە 5-ئايدىن باشلا 10-ئايلارغىچە چېچەكلەيدۇ.

رەڭگى جەھەتتىن پەرق ئېتىش 

ئالقاتتارقالغان ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، يېڭى ئالقات رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما رەڭگى ئىنتايىن يبقىملىق بولۇپ، پارقىراق، گۆش كۆپ؛ بۇلغانغان ئالقات سەزگۈرلۈك جەھەتتىن قارىغاندا، ئېتى بىر قەدەر ناچار، روھسىز، تاشقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى يارقىن، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا، ئالقات سېتىۋالغان چاغدا چوقۇم «رەڭگى»گە قارىماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ پۈتكۈل ھەممىسى قىزىل بويالغان ئالقات، ئالقات ساپىقىدا تۇرغاندا ئاق ھەم قىزىل تۇرغانلىرىنى، نورمال ئالقات ئۇچى قالغان كۆپىنچە سېرىق ياكى ئاق رەڭلىك، ئالقاتقا قىزىل پىگمېنت يۇققاندا، گۈڭگۈرت، قاقلاپ قۇرۇتۇش قىلغاندا قېنىق قوڭۇر رەڭدە. پىگمېنتى بىلەن بويالغان ئالقات ئالاھىدە سۇدىن قورقىدۇ.

شەكلى جەھەتتىكى پەرقى  

قەدىمدىن تارتىپ نىڭشيانىڭ ئالقىتىنىڭ دورا ماتېرىياللىرى، دورىلىق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى. نىڭشيانىڭ ئالقات ئۇچى ئورنى كۆپ قىسمى ئاقىرىپ قالىدۇ، بۇ سىرتنىڭ ئالقاتلىرىدا يوق، نىڭشيانىڭ ئالقاتلىرىدا %85 ئۇچلۇق ئاق چېكىت بار بولىدۇ. نىڭشيانىڭ ئالقىتىنى سۇغا سالغاندا %90 چۆكمەيدۇ، مەيلى چاي، شورپا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىيدۇ. 

پۇراپ پەرقلەندۈرۈش  

قويۇپ بېرىلگەن گۈڭگۈرت بىلەن ئىسلانغان ئالقات، پەقەت بىر ئىككى قولى بىلەن ئالقانغا ئالغاندىن كېيىن، يېقىن ئەكىلىپ پۇراپ بېقىش، ئەگەر پۇرىغاندا غىدىقلاش ئاچچىق پۇراق بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم گۈڭگۈرت بىلەن ئىسلانغان بۇلىدۇ.

تەم جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش

نىڭشيانىڭ ئالقات بولسا تاتلىق، تەمى ئالاھىدە تاتلىق، لېكىن يەپ بولغاندىن كېيىن كاناي ئىچى ئازراق ئاچچىق تەم بولىدۇ. ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئالقات تاتلىق، زەمچە زەمچە دەملەنگەن ئالقاتنى چاينىغاندا ئاچچىق تەمى بار، گۈڭگۈرت بىلەن ئىسلانغان ئالقاتنىڭ تەمى ئاچچىق، قېرىق بولىدۇ.

ئالقاتئالقات سالقىن كىلىماتنى خالايدۇ، سوغۇققا بەرداشلىق ببرىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك. تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغاندا ئۇرۇق بىخلىنىدۇ، مايسا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3 -قارشى بولىدۇ. 

ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6 تىن يۇقىرى بولغاندا، بىخلىنىشقا باشلايدۇ. ئالقات ℃25-قىشلىق ئۈششۈك بولىدۇ. ئالقات يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قۇرغاق، چۆللۈك جايلاردا يەنىلا ئۆسىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، يەنىلا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلىدە چوقۇم يېتەرلىك سۇ بۇلۇشى كېرەك. ئۇزاق مۇددەت سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمانلىقلار ئالقات ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز، ھەتتا يىلتىز سېسىپ كېتىدۇ ياكى ئۆسمەيدۇ. 

كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغاندا ئالقات شاخلىرى تىمەن، گۈل-گىياھلىق، مېۋىسى كۆپ، مېۋە دانىچىلىرى چوڭ بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سۈوىتى ياخشى بولىدۇ. ئىشقارلىق تۇپراق ۋە قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئالقات ياخشى ئۆسىدۇ، ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، مۇنبەت تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

جۇڭخۇا ئالقىتى

جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تارقالغان بولۇپ، خېبېي، سەنشى، شەنشى، گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبى، ئوتتۇرا جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شەرقىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار؛ چاۋشيەن، ياپونىيە، ياۋروپا ئادەتتە تاغ باغرىدا، قاقاس يەر، ئېدىرلىق، شورلۇق يەر، يول ياقىلىرى ۋە كەنت يېنىدىكى–ۋارانلاردا ئۆستۈرۈلگەن. 

نىڭشيا ئالقىتى

جۇڭگو، غەربىي شىمال رايونىنىڭ ياۋا ئالقات ئۆزگىرىش بولغان رايونلار، ھازىرقى يېتىشتۈرۈلگەن سورت يەنىلا مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا ياۋا بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى دورىلىق ئالقىتى دەل غەربىي شىمال رايونىنىڭ ياۋا ئالقات مەھسۇلاتى، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تېببىي دورىگەرلىك كىتابلاردا دورىلىق ئالقات خاتىرىلەر بار. 

دورىلىق قىممىتى

ئالقاتمېۋىسى (ئالقات جۇڭيى دورىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ دورىلىق قىممىتى نىڭشيا ئالقىتى بىلەن ئوخشاش؛ يىلتىز پوستى(جۇڭيى دورىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قىزىتما قايتۇرۇپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار.

ئورمانچىلىق قىممىتى

قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولغاچقا، قۇملۇقتا ئۆسىدۇ، شۇڭا سۇ-تۇپراقنى ساقلاشتىكى چاتقال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ شورغا چىداملىق، شورلۇق يەرلەرنى ئېچىشتىكى دەرەخ ئاۋانگارتى.

مەنزىرە قىممىتى 

ئالقاتنىڭشيانىڭ ئالقات دەرەخ شەكلى چىرايلىق، يوپۇرمىقى ياپيېشىل، گۈلى سۇس سۆسۈن، مېۋىسى قىپقىزىل، ياخشى تەشتەك مەنزىرىسى قىلىشقا بولىدۇ، ھازىر بىر قىسىم مەنزىرە ئۆسۈملۈك ئالقىتى، لېكىن ئۇ سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ھۆلچىلىككە چىدامسىز، شۇڭا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ھۆلچىلىك يۈز بېرىدىغان رايونلاردا نىڭشيا ئالقىتى تېرىش تەس. 

ئىستېمال قىممىتى 

ئالقاتيۇمران يوپۇرماقلىرىنى كۆكتات قىلىسقا بولىدۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا، ئالقات قورۇمىسى ئىنتايىن كەڭ تارقالغان، لېكىن جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاساسىي جۇڭخۇانىڭ ئالقىتى، نىڭشيانىڭ ئالقىتى يوق. نىڭشيا قاتارلىق غەربىي شىمال رايونلىرى ئالقات يوپۇرمىقى كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشى بىر قەدەر ئاز. 

ئالقات / جۇڭخۇا ئالقىتى (Lycium chinenseMill.)

سېرىق مېۋىلىك ئالقات (ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium barbarumL. var. auranticarpum K. F. Ching var. nov.)

نىڭىشيا ئالقىتى (ئەسلىدىكى ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium barbarumL. var. barbarum.)

ئالقات (ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium chinense Mill. var. chinense)

شىمال تەرەپ ئالقىتى (ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium chinense Mill. var. potaninii (Pojark.) A. M. Lu)

سىلىندىر مېۋىلىك ئالقات (Lycium cylindricumKuang)

شىنجاڭ ئالقىتى (Lycium dasystemumPojark.)

شىنجاڭ ئالقىتى (ئەسلىدىكى ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium dasystemumPojark. var. dasystemum)

قىزىل شاخلىق ئالقات (ئۆزگەرگەن تۈرى) (Lycium dasystemumPojark. var. rubricaulium A. M. Lu var. nov.)

قارا مېۋىلىك ئالقات (Lycium ruthenicummurr.)  

كېسىك گۈل كاسىلىق ئالقات (Lycium truncatumY. C. Wang ) 

يۈننەن ئالقىتى (Lycium yunnanenseKuang) 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#