جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» 1986-يىلىدىكى 6 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1986-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. نۆۋەتتىكى نەشىرى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
نۆۋەتتىكى نەشىرى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈزىتىلگەن نەشرى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国义务教育法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» ئۈچۈن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن قانۇن بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» 1986-يىلىدىكى 6 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1986-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. نۆۋەتتىكى نەشىرى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

1-باپ ئۇمۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ،ئاساسي قانۇنغا ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى .

2-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ .

مەجبۇرىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .

مەجبۇرىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قۇبۇل قىلىدىغان مائارىپ ،دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .

مەجبۇرىيەت ،مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەت ئىلىنمايدۇ .

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ،مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .

3-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇپ ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۈستۈرۈپ ، ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يتىلدۈرۈپ ،غايىلىك ،ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت .

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرجنسى ،مىللتى ،ئىرقىي ،ئۆي بىساتى ، دىنىي ئىتقادىي قاتارلىقلارغا قارىماي ،مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش مەجبوريىتىنى ئادا قىلىدۇ .

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئولىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ، ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك .

ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشى ۋە تاماملىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش –ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

ئىجتىمائي تەشكىلات ۋە سەخسلەر ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ، ئۆسمۇرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك .

6- ماددا گۇۋۇيۇەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۇكۇمەتلىرى مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەقىياتىغا تۇركە بۇلۇپ ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ھەمدە تەدبىر قۇللۇنۇپ ، يېزىلار ۋە مىللى رايۇنلاردا مەجبۇرىيات مائارىپىنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇشى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئۆسمۇرلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرى ۋە مىيىپلىرىنىڭ مەجبۇرىيات مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشنى كاپالەتلەندۇرۇش كېرەك .

دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان رايۇنلارنى ئىقتىسادى تەرەققى تاپمىغان رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇشىغا ياردەم بېرىشكا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ .

7- ماددا مەجبۇرىيات مائارىپىدا گوۋۇيۇەن رەھبەرلىك قىلىش ، ئۇلكىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۇكۇمىتىبىر تۇتاش پىلانلاپ يۇلغا قۇيۇش، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتى ئاساسلىق باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى يۇلغا قۇيۇلىدۇ . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى مەجبۇرىيات مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۇنكىرىت مەسئول بۇلىدۇ ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە مەسئولىيىتى دائىرسىدە مەسئول بۇلىدۇ .

8- ماددا خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپاراتى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىدە قانۇن نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ،ئۇقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتى شۇنىڭدەك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىي قاتارلىقلارنى مۇپەتتىش قىلىدۇ .،مۇپەتتىش دۇكىلاتىنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىدۇ .

9-ماددا ھەرقانداق ئجدىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ،مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا تۇسالغۇ بۇلۇپ ،زور ئىجدىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا ،رەھبەرلىك جاۋاپكارلىقى بار خەلق ھۈكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئولى ئىستىپا بېرىشى كېرەك .

10-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە ئونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ .مۇكاپاتلايدۇ .

2-باپ ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىيىتى

11-ماددا ئالتە ياشقا تولغان بالىنى ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشى ھەمدە ئۇنى تۇگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ؛شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ .ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلى مەكتەپكە كىچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن تۇختىتىشقا تۇغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .

12-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرمەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىدۇ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپوسىقا ئېلىنغان جايدا يىقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن نوپوسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغان جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان بولسا ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك . كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە ئاپتونوم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ .

ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ھەربىىيلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللشىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى ،تەدبىر قوللىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئۇقۇشتىن تۇختاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . شەھەر ئاھالە كومېتىتى ۋە كەنىت ئاھالە كومېتىتى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك .

14-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئىشلىتىش مەنئي قىلىنىدۇ . ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇبۇل قىلىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەت ، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى قۇبۇل قىلغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆزئالدىغا يولغا قويىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .

3-باپ مەكتەپ مەجبۇرىيىتى

15-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ۋە جايلىشىش ئەھۋالىي قاتارلىق ئاممىلارغا قاراپ ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ ،يىڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونىدا مەكتەپ قۇرۇش زۆرۆر بولسا ،ئاھالە رايونىنڭ قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ قۇرۇش كېرەك .

16-ماددا مەكتەپ قۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ؛دۆلەت بەلگىلىگەن ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ ،ئوقۇغۇچى ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ تارقاق تۇرىۋاتقان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،ئىقتىسادىي تەرەقىقىي قىلغان رايونلاردا ئوقۇش يىشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ،ئۆسمۈرلىرى قۇبۇل قىلىنىدىغان مەكتەپ (سىنىپلارنى )ئاچىدۇ .

19- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئھتىياجىغا قاراپ ،ئالاھىدە مائارىپ قۇيۇلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ ) لىرىدە مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بۇلۇش كېرەك .

ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قۇبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك .

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ناچار ئىللىتى بولغان ئوقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە مەخسوس مەكتەپ ئىچىپ ،ئۇلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلشى كېرەك .

21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە مەجبورىي تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگەتمىگەنلىرىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلەش ،خىراجەتنى خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەقققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى ،مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى مەكتەپلەر سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىق كېرەك .

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەر قانداق نام ياكى باشقىچە يول بىلەن ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك .

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ساقلاپ ، ئوقۇغۇچىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانۇنىي ھوقوق –مەنپەئىتىنى قوغداپ مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .

24-ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بېرىپ ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ ،ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى مەكتەپ ئىمارەتلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ ؛رىمونىت قىلىشقا ، ئۆزگەرتىشكە تىگىشلكلىرنى ۋاقتىدا رىمونىت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ .

مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقوقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .

25-ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىق ،تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك .

26-ماددا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ .مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە تۇشىشى كېرەك .مەكتەپ مۇدىرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمۇرىي

تارمىقى بويىچە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ .

27-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەنقىد –تەربىيە بېرىشى ،ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كېرەك.

4-باپ ئوقۇتقۇچى مەجبۇريىتى

28-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى ،باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك .

پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك .

29-ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئۇقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئەھۋالغا قاراپ تەربىيلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق يىتىلىشىگە تۈتكە بىلىشى كېرەك .

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا تەن جازاسى ،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىگە تېگىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى قانۇنىي –ھوقۇق مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك .

30-ماددا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك .

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىدا بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزەپىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەزىپە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە دەپ ئايرىلىدۇ .

31-ماددا ھەر دەرىجىلك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى مومورلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك .

ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى قۇشۇمچە يادەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .

32-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىر قوللىنىپ ،پىداگوگىكا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك .

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ،مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلىشى تەڭشىشى ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك .

33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا ،ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىلىشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ .

دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل مەكتەپلەردە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بۇلۇشىغا ئىلھا م بېرىدۇ .ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتىنى خىزمەت ئىستاجىغا كىرگۈزۈپ ھېساپلايدۇ .

5-باپ ئوقۇش –ئۇقۇتۇش مەجبۇرىيىتى

34-ماددا ئوقۇش-ئوقۇتۇش خزمىتىنى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ،روھي جەھەتتىكى يىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ ،ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەپ ،ئەخلاق تەربىيىسى ،ئەقلىي تەربىيە ،تەنتەربىيە گۈزەللىك تەربىيسى قاتالىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشكەتۈرتكە بېرىش كېرەك .

35-ماددا گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ،يىتىلىش ئەھۋالىي ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ،ئوقۇتۇش تۇزۈمى ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بېكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بىكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەر بويىچە ئىلىپ بېرىپ ،دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي سۈپەت تەلىپىگە يەتكۈزشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

دۆلەت مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن تەربىيلەش قاتارلىق ئوقۇش –ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئوقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ .

36-ماددا مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ئونى ئوقۇش –ئۇقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىشىغا ماس كىلىدىغان ئىجدىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ مەكتەپ ،ئائىلە جەمىئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسى سىېستىمىسى بەرپا قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىل ئىديىىۋى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يىتلدۈرۈشكە تۇرتكە بۇلىشى كېرەك .

37-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى ،ئۇلارنى مەدەنىي كۈڭۈل ئىچىشىغا ئوخشاش دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىشى كېرەك جامائەت مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سرتقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قۇلايلىق بۇلۇشى كېرەك .

38-ماددا دەرسلىكنى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ۋە دەرسلىك ئۆلچىمى بۇيىچە تۈزۈش مەزمونىنى ئىخچام ،مېغىزلىق قىلىش زۆرۆر ئاساسي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرتنى كىرگۈزۈش ،ئەرزان ۋە ئەسقاتىدىغان قىلىش ،سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەر دەرسلىك تۈزۈمى خىزمىتىگە قاتناشسا ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشسا بولمايدۇ .

39-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۇزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ ،دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ .

تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلىشقا ،ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .

40-ماددا دەرسلىكنىڭ ئۆلچەملىك باھاسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى نەشىرىيات مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئاز پايدا ئىلىش پىرىنسىپى بويىچە بىكىتىدۇ .پارچە سىتىش باھاسىنى ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەملىك باھا بويىچە بېكىتىدۇ .

41-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ .

6-باپ خىراجەت كاپالىتى

42-ماددا دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە تۇلۇق كىرگۈزىدۇ ،مەجبۇرىيەت مائارىپىنى خىراجىتىنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ .

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ ،ئۇنى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ شىتات ئۆلچىمى ،مائاش ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى قاتارلىقلار بويىچە ،ۋاقتىدا تۇلۇق ئاجرىتىپ ،مەكتەپلەرنىڭ نورمال يۈرىشىگە ۋە مەكتەپ ئىمارىتى بىخەتەرلىكىگە ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مالىيىدىن ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ كۆپىيىش نىسپىنى مالىيىنىڭ دائىملىق كىرىمنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى قىلىپ ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەجبۇرىيەت مائارىپ خىراجىتىگە قاراپ تەدرىجىي كۆپەيتىشكە ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

43-ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە بىكىتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىى ئاساسى ئۆلچىمىنى بىكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك .

ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجەت ئۆلچىمىنى دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ .

ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ)لىرى ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك .

44-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىدە گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئولىيىتى بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئەمىليلەشتۈرۈشكە مەسئول بولىدىغان تۈزۈلمە يولغا قۇيۇلىدۇ ،يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كېرەكلىك خىراجەتنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈر ۋە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ .

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن ئائىلسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرىغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغانلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ .

مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ .

45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىدا ئايرىم ئورۇنلاشتۈرىدۇ .

يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خام چوت تۈزىگەندە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك .

46-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ،ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى مەخسوس يۆتكىمە چىقىمنى قىلىپلاشتۇرۇپ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى يۆتكىمە چىكىم مەبلىغىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

47-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ مەخسوس مەبلەغ ئاجرىتىپ ، يېزىلار ،ئازسانلىق مىللەت رايونلىرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مەدەت بېرىدۇ .

48-ماددا دۆلەت ئىجدىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىئانە ۋە ھەدىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ،دۆلەتنىڭ فونىد جەمىيىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ .

49-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى قەتئىي تۈردە خام چوتتا بەلگىلەنگىنى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىش كېرەك ؛ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىۋېلىشقا ،ئىشلىتىۋېلىشقا ،مەكتەپتىن قانۇنسىز ھەق ئېلىشىغا ياكى مەكتەپكە سىلىق سېلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ .

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى تەپتىش –نازارەت قىلىش تۇزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممللەشتۈرۈش كېرەك .

7-باپ قانۇن جاۋاپكارلىق

51-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 6-بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى گوۋۇيۈەن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكارمەسئول خادىمى ۋە باشقا جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ .

52-ماددا ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ :

1. مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگلىمىسى بويىچە تۈزىمىگەن ،تەڭشىمىگەنلىرى ؛

2. قۇرغان مەكتىپى دۆلەت بەلگىلىگەن مەكتەپ ئىچىش ئۆلچىمى ،ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىرى ؛

3. مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قەرەللىك تەكشۈرمىگەن ھەمدە ۋاقتىدا رېمونىت قىلمىغان ،ئۆزگەرتمىگەنلىرى ؛

4. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگلىمە بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرى .

53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن تۈۋەندىكى ئەھۋاللىرىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ :

1. مەكتەپنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛

2. ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى باشقىچە يول بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى .

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشتە ياكى ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللانمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ .

54-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ،مالىيە تارمىقى ،باھا مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى مەسئولىيىتى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

1. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان ،ئىشلىتىۋالغانلىرى ؛

2. مەكتەپتىن قانۇنسىز ھەق ئالغان ياكى مەكتەپكە سىلىق سالغانلىرى .

55-ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىدە مائارىپ قانۇنى ،ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ .

56-ماددا ھەق ئېلىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپلەرنى ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەقنى قايتۇرۇشىقا بۇيرۇيدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ .

مەكتەپلەردىن تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يۇلى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۇمۇمىي ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ .

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەردىن دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ؛قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ .

57-ماددا مەكتەپلەردىن تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بۇيىچە چارە كۆرىدۇ :

1. ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇشقا ئالمىغانلىرى ؛

2. سىنىپىنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛

3. ئوقۇغۇچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن چىقىرۋەتكەنلىرى ؛

4. بېكىتلمىگەن دەرسلىكنى ئىشلەتكەنلىرى .

58-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسيلىرىدىن باشقا يولسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ،مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قۇيۇپ ،مەجبۇرىيەت مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد ،تەربىيە بېرىدۇ ،سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ .

59-ماددا تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا ئالاقىدار قانۇن ،مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :

1. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلارنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر ؛

2. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر ؛

3. قانۇن بويىچە بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلغانلار .

60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ

8-باپ قۇشۇمچە پرىنىسىپ

61-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن پارچە خىراجەت ئالماسلىق قەدەم باسقۇچنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ .

62-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغانلىرىغا پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ ؛ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا ،مۇشۇ قانۇن تەدبىقلىنىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#