باشاق مۈڭگۈزى
باشاق مۈڭگۈزى بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇنى قىسقارتىش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىر خىل پارازىت زەمبۇرۇغ بولۇپ،بۇ خىل زەمبۇرۇغ ئارپا، بۇغداي، قىياق، قۇمۇش قاتارلىق باشاقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باشاقلىرىدا پارازىت بولۇپ ياشايدۇ. مۇشۇ زەمبۇرۇغ تېبابەتتە«باشاق مۈڭگۈزى»نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاش مىزاجنى تەڭشەش
بالىياتقۇ مۇسكۇلىنى قورۇش،قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ھەزىمنى كۈچەيتىش، ئاغرىق توختۇتۇش قاتارلىق تەسىرى بار.
1. ئانارگۈلى، ئەنجىباھار، مۇنسىياۋشان 7 گرامدىن باشاق مۈڭگۈزىنى 5 گرام ئېلىپ سوقۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بېرىلسە، بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. بالىياتقۇنى چىڭىتىدۇ.
2. ئەپيۇن 0.01 گرام، بەزۇرۇلبەنجى 2 گرام، بالدىرغان 2 گرام، رېگماھى 3 گرام، باشاق مۈڭگۈزىدىن 6 گرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بېرىلسە، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەيدۇ. باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
كېسەللىك مىسالى
تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇ قاناش، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.