مېڭە سىلكىنىش

مېڭە سىلكىنىش

باش قىسمىنىڭ سىرتقى تەسىرىدىن قاتتىق سىلكىنىشى سەۋەبىدىن باش ئاغرىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئەسكە ئېلىش ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى مېڭە سىلكىنىش
كېسەللىك سەۋەبى باش قىسمىنىڭ سىرتقى تەسىرىدىن قاتتىق سىلكىنىشى
تەۋە بۆلۈم نېرۋا كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى Cerebral concussion
ئاساسلىق ئالامىتى قۇلاق غوڭۇلداش، ئەسكە ئېلىش ئاجىزلىشىش
خەنزۇچە نامى 脑震荡
كېسەللىك ئورنى باش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭە سىلكىنىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، باش قىسمىنىڭ سىرتقى تەسىرىدىن قاتتىق سىلكىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: باش ئاغرىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئەسكە ئېلىش ئاجىزلىشىش ۋە پۇت-قوللارنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولماسلىقتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: مەرۋايىت، بىخ مارجان، كەھرىۋا، دۇرنەج ئەقرەبى، قىرقىلغان پىلە، زۇرانبات، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 90 گىرامدىن، قەلەمپۇر، ئۆشنە، سۇمبۇل، لاچىندانە، زەپەر، مەستىكى، سازەج ھىندى، دارچىن، تاباشىر، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئىپار 30 گىرامدىن، ئەنبەر 50 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

مېڭە سىلكىنىشتەركىبى: سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سونىيا بەش گىرامدىن. كەرەپشە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت تال، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۈ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گىرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5. 2 گىرامدىن، ئەنبەر بەش گىرام، ناۋات 1200 گىرام، سۇ 10 ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە 5. 1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#