سوغۇق جىلغا
سوغۇق جىلغا شىنجاڭ قومۇل ۋىلايىتى ئاقتاش مەركىزى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىدىكى 14 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تاغ جىلغىسى ئىچىگە، قومۇل شەھىرى ئاقتاش نىڭ شەرقىي تەرىپىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈرتى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوغۇق جىلغا شىنجاڭ قومۇل ۋىلايىتى ئاقتاش مەركىزى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىدىكى 14 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تاغ جىلغىسى ئىچىگە، قومۇل شەھىرى ئاقتاش نىڭ شەرقىي تەرىپىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈرتى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.
سوغۇق جىلغابۇ جىلغا غەربتىن شەرققە قارلىق تاغقا تەخمىنەن 14 كىلومېتىر يانتۇ قىستۇرۇلغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2200 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، جىلغىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە ئوتتۇرا تاغ بەلۋېغىنىڭ ئورمانلىرى، ئالپ چىملىقى، مۇز قىرغىقى بىلەن مۇزلۇق يەر شەكلى قاتارلىق ۋېرتىكال مەنزىرىلىك جايلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ يەر ئاسمان پەلەك قەدىمىي دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان، تاغ بۇلاقلىرى ئېتىلىپ چىققان، مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل. ئۈچ تاغ جىلغىسىدىن توپلىشىپ ئېقىپ چۈشكەن سۇ، دەريا بويلاپ جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، جۇش ئۇرۇپ ئۆركەشلەيدۇ.
گەرچە تومۇز ئىسسىق پەسلىدىمۇ دەريا سۈيى يەنىلا سوغۇق بولغاچقا، سوغۇق جىلغا دەپ ئاتالغان.
بۇ يەر تاغلار ئارا پىيادە يۈرۈش، ئورمانلارنى تاماشا قىلىش ۋە تېخنىكىلىق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ياخشى ئورۇن. دۆلەتلىك AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، قومۇل تەڭرىتاغ داڭلىق مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا ساياھەت تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.