تىزناپ دەرياسى

تىزناپ دەرياسى

تىزناپ دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆكئارت داۋىنىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 335 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تىزناپ دەرياسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبى
يىللىق ئېقىپ مىقدارى 7.71 مىليون كۇب مېتىر
خەنزۇچە نامى 提孜那甫河
پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 335 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىزناپ دەرياسىتىزناپ دەرياسى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆكئارت داۋىنىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 335 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ  قاغىلىق، پوسكام، يەكەن، مەكىت ناھىيەلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەريا بويىدىكى 750 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ كۆپ قىسمى سۇغىرىش رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىدۇ. ئاز قىسمى مەكىت ناھىيەسى نىڭ چاسا دېگەن يېرىدە يەكەن دەرياسى غا قوشۇلىدۇ.

  تىزناپ دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارى 7.71 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 24.4 كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. سۇ مەنبەسى ئاساسەن تاغدىكى قار-مۇز سۈيى ۋە بۇلاق سۈيى، يامغۇر سۇلىرىدىن ئىبارەت. 

سۇ مەنبەسى مول، سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىلارنى سۇغىرىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.

تىزناپ دەرياسىنىڭ تاغ ئىچىدىكى جىلغىلىرىدا تاش كۆپ؛ تاغ ئېغىزىنىڭ تۆۋەن قىسمى يەلپۈگۈچ شەكىللىك تىنما بەلباغ بولۇپ، دەريا قىنى قۇم-شېغىلدىن تەركىب تاپقان. دەريا بويىدا ئوتتۇرا-كىچىك سۇ ئامبارلىرىدىن 25 ى، سۇ ئۆلچەش پونكىتىدىن بىرسى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#