نەرسە ھوقۇقى قانۇنى

نەرسە ھوقۇقى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» 2007-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇرچە نامى نەرسە ھوقۇقى قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国物权法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەرسە ھوقۇقى قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس پەرمانى

62-نومۇرلۇق 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» 2007-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2007-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ 

2007-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

1-باب ئاساسىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ساقلاش، نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نەرسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھوقۇقدارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى. 

2-ماددا نەرسىنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە مۇشۇ قانۇن تەدبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نەرسە كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇندا ھوقۇق نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نەرسە ھوقۇقى ھوقۇقدارنىڭ مۇئەييەن نەرسىنى قانۇن بويىچە بىۋاستە ئىلكىدە تۇتۇش ۋە يۆتكەش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ.

دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، قوللايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ، بارلىق بازار سوبيېكتىلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ. 

4-ماددا دۆلەت، كوللىىكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5-ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. 

6-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش كېرەك. كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇش كېرەك. 

7-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 

8-ماددا نەرسە ھوقۇقى ھەققىدە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. 

2-باب نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش 

1-پاراگراف كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىش

9-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش قانۇن بويىچە تىزىملىتلسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، تىزىملىتىلمىسا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

قانۇن بويىچە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى تىزىملىتىلمىسىمۇ بولىدۇ. 

10-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى شۇ مۈلۈك بار جايدىكى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملايدۇ. 

دۆلەت كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، بىر تۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسى قانۇن-مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ. 

11-ماددا ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تىزىملىتىدىغان ئىشلارغا قاراپ ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتىنى ۋە كۆچمەس مۈلۈكنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلارغا دائىر زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىش كېرەك. 

12-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتى ۋە باشقا زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەڭشۈرۈش؛ 

(2) تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن سوراش؛

(3) ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن، ۋاقتىدا تىزىملاش؛ 

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر. 

تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنغان كۆچمەن مۈلۈككە ئائىت ئەھۋاللاردا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىسپات ئېلىشقا توغرا كەلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ماتېرىيالنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باقىسمۇ بولىدۇ. 

13-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ: 

(1) كۆچمەس مۈلۈكنى باھالىتىش تەلەپ قىلىش؛ 

(2) يىللىق تەكشۈرۈش دېگەندەك ناملار بىلەن تەكرار تىزىملاش؛ 

(3) تىزىملاش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئىشلار. 

14-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىدىغان بولسا، ئۇ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىگە تىزىملىغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

15-ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغان ياكى توختامدا ئايرىم پۈتۈن بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئالاقىدارلار تۈزۈشىدىغان كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش توختامى تۈزۈلۈپ بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نەرسە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، توختامنىڭ كۈچىگەتەسىر يەتمەيدۇ. 

16-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى نەرسە ھوقۇقى تەۋەلىكى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. 

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقۇرىدۇ. 

17-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە يېزىلغان ئىشلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، بىردەك بولمىسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

18-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تىزىم ماتېرىيالىنى كۆرۈشنى، كۆپەيتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۇنى بېرىش كېرەك. 

19-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ئىشلار خاتا بولۇپ قاپتۇ، دەپ قارىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كۆچمەس مۈلۈكىنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشگە يازما قوشۇلسا ياكى تىزىمدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتقا ئىگە بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك. 

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە قوشۇلمىسا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار باشقىچە پىكىرىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىملاپ، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. باشقىچە پىكىر تىزىمى مۇۋاپىق بولماي، ھوقۇقدار زىيان تارتسا، ھوقۇقدار ئىلتىماس قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

20-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئۆي سېتىش ياكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا پۈتۈشكىنى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغان كۆچمەس مۈلۈك خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغان ھوقۇقدارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىن، ھەقدارلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنغان ياكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشقا بولىدىغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز بولىدۇ. 

21-ماددا ئالاقىدارلاردىن خاتا تىزىملاپ قويۇپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، خاتا تىزىملاشنى پەيدا قىلغۇچىدىن تۆلىۋالسا بولىدۇ. 

22-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى كۆچمەس مۈلۈكنىڭ كۆلىمى، ھەجىمى ياكى باھا نىسبىتى بويىچە ئېلىنماي سانى بويىچە ئېلىنىدۇ. كونكرىت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. 

2-پاراگراف كۆچمە مۈلۈكنى تاپشۇرۇش 

23-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش نەرسە تاپشۇرۇۋالغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

24-ماددا كېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسيە ۋاستىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتارلىقلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى تىزىملاتقانلار ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ. 

25-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇپ ھوقۇقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

26-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن 3-كىشى شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار كىشى 3-كىشىدىن تاپشۇرۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئورنىغا قايتۇرۇلىدىغان ئەسلىي نەرسىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

27-ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا ئىككى تەرەپ شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ھەقلىق بەرگۈچى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇشنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر 

28-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە كېسىم كومىتىتىنىڭ قانۇن ھۆججىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار ئارقىلىق نەرسە ھوقۇقى بېكىتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان ياكى يوقىتىلىدىغان بولسا، ئۇ قانۇن ھۆججەتلىرى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

29-ماددا ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيىنى قۇبۇل قىلىش يولى بىلەن ئېرىشىدىغان نەرسە ھوقۇقى ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيىنى قۇبۇل قىلىش باشلانغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

30-ماددا ئۆينى قانۇنلۇق سېلىش-چىقىشتەك پاكىتلىق ھەرىكەت بىلەن بېكىتىلىدىغان ياكى يوقىلىدىغان نەرسە ھوقۇقى شۇ ھەرىكەت ۋۇجۇدقا چىققان چاغدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

31-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىدىن 30-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر شۇ نەرسە ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ تىزىملاتمىسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

3-باب نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش

32-ماددا نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھوقۇقدار ئۇنى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ. 

33-ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى، مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

34-ماددا كۆچمە مۈلۈك ياكى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقسىز ئىگىلىۋېلىنغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

35-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەندە ياكى دەخلى يېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ھوقۇقدار دەخلىنى ياكى خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

36-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بۇزۇۋېتىلگەندە، ھوقۇقدار رېمۇنت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

37-ماددا نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچراپ، ھوقۇقدارغا زىيان يەتكەندە، ھوقۇقدار زىياننى كۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. 

38-ماددا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش ئۇسۇلى ئايرىم قوللىنىلسا بولىدۇ، ھوقۇقنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراپ بىرلىكتە قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. 

نەرسە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

4-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

39-ماددا ئىگىدار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

40-ماددا ئىگىدار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىدە پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى ياكى كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ۋە نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، ئىگىدارلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. 

41-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىلا بولىدىغانلىكى بەلگىلەنگەن كۆچمە مۈلۈك ۋە كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ. 

42-ماددا جامائەت مەنپەئىتى ئىھتىياجى بىلەن، كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى، شۇنىڭدەك باشقا كۆچمەس مۈلكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىشقا بولىدۇ. 

كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر ئالغاندا، يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، شۇ يەردىكى قوشۇمچە نەرسىلەر ۋە مايسىنىڭ تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تولۇق بېرىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئاجرىتىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. 

ئورۇنلارنىڭ، شەخسلەرنىڭ ئۆيى ۋە باشقا كۆچمەس مۈلۈكنى ئالغاندا چىقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئالغاندا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. sfsf 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق پۇللارنى خىيانەت قىلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاستىرتتىن بۆلۈشىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا، نېسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

43-ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغدايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە قاتتىق چەك قويۇپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىدۇ. كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپكە خىلاپ ھالدا ئېلىشقا بولمايدۇ. 

44-ماددا خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتەك جىددىي ئېھتىياج بىلەن، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى مۈلكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئېلىنغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە ياكى ئىشلىتىلىپ بولغاندا بۇزۇلۇپ كەتسە، يوقاپ كەتسە، تولۇقلىما بېرىش كېرەك. 

5-باب دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، كوللىكتىپنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى

45-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

46-ماددا قېزىلما بايلىق، ئېقىن، دېڭىز تەۋەسى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

47-ماددا شەھەردىكى يەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، يېزىدىكى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يەرلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

48-ماددا ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

49-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

50-ماددا رادىئو پاستوتا سپېكترى بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

51-ماددا قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

52-ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە نېفىت-گاز تۇرۇبا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

53-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزى بىۋاستە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

54-ماددا دۆلەت قۇرغان كەسپىي ئورۇنلار ئۆزلىرى بىۋاستە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش ھوقۇقىغا، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەنپەئەتلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

55-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئادا قىلىدۇ. مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

56-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، ئاستىرتتىن بۆلۈشۈۋېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. 

57-ماددا دۆلەت مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ ۋە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ خىزمەت قوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ دۆلەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

دۆلەت مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېتىش-ئايرىۋېتىش بىرلىشىپ سودا قىلىش قاتارلىقلار داۋامىدا تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تىل بىرىكتۈرۈپ بۆلۈشۈۋېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېپىللىك بېرىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن دۆلەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكالىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

58-ماددا كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) قانۇندا كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل؛ 

(2) كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىمارەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى؛

(3) كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى؛ 

(4) كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك. 

59-ماددا دېھقانلارنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك شۇ كوللىكتىپ ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

تۆۋەندىكى ئىشلارنى شۇ كوللىكتىپ ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قارار قىلىشى كېرەك:

(1) يەرنى ھۆددە بېرىش لايىھىسى ۋە يەرنى شۇ كوللىكتىپتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىش؛

(2) يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئارا ھۆددە يەرنى ئايرىم تەڭشەش؛

(3) يەر تۆلەم پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئىشلىتىش، تەقسىم قىلىش چارىسى؛ 

(4) كوللىكتىپ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئىشلار؛ 

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. 

60-ماددا كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىللارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ: 

(1) كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنت كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى كوللىكتىپقا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ؛

(2) كەنتتە ئىككىدىن ئارتۇق دېھقانلار كوللىكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنتتىكى كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللىكتىپقا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ؛

(3) يېزا-بازار دېھقانلىرىنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېزا-بازار كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى كوللىكتىپقا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. 

61-ماددا شةهةر-بازاردىكى كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى شۇ كوللىكتىپ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

62-ماددا كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللىكتىپ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدە ۋە كەنت ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، شۇ كوللىكتىپ ئەزالىرىغا ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. 

63-ماددا كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، ئاستىرتتىن بۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. 

كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى ئۇنىڭ مەسئۇللىرى چىقارغان قارار كوللىكتىپ ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، شۇ كوللىكتىپ ئەزالىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

64-ماددا شەخسلەر ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى، ئۆيى، تۇرمۇش بۇيۇمى، ئىشلەپچىقىرىش قورالى، خام ئەشيا-ماتېرىيالى قاتارلىق كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلۈكىگە ئىگىدارلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

65-ماددا شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ئامانەت پۇلى، سالغان مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت شەخسلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قوغدايدۇ.

66-ماددا شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

67-ماددا دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە شەخس قانۇن بويىچە مەبلەغ چىقىرىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى ياكى باشقا كارخانىلارنى قۇرسا بولىدۇ. دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى كارخانىغا سالغان بولسا، مەبلەغ چىقارغۇچى پۈتۈشكىنى ياكى چىقارغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى بويىچە مۈلكىدىن مەنپەئەتلىنىش، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەش شۇنىڭدەك ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ ھەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

68-ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنى ئىگە ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەر بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدىن باشقا قانۇنىي ئىگىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

69-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكى ياكى كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ.

6-باب ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمارەتكە بولغان پەرىقلىق ئىگىدارلىق ھوقۇقى 

70-ماددا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمارەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي، تىجارەتلىك ئۆي قاتارلىقلارنىڭ خاس قىسىمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. خاس قىسىمدىن باشقا ئورتاق قىسىمىغا نىسىبەتەن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. 

71-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسىمىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەتىلنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆي ئىگىسى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئىمارەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە بولمايدۇ. 

72-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسىمدىن باشقا ئورتاق قىسىمدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇقىمدىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ. 

ئۆي ئىگىسى ئىمارەتتىكى تۇرالغۇ ئۆيى، تىجارەتلىك ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك. 

73-ماددا ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى يوللار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن، شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت يولى ھېسابلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرىتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى يېشىللىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن شەھەر-بازارلارنىك جامائەت يېشىللىقى ياكى شەخىسلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى باشقا جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت ئۆيى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

74-ماددا ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گازلارنى ئىشلىتىشتە، ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. 

ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گاراژلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئالاقىدار سېتىپ بېرىش، قوشۇپ بېرىش ياكى ئىجارە بېرىش ئۇسۇللىرى بىلەن پۈتۈشىدۇ. 

ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يولنى ياكى باشقا يەرنى ئىگىلىگەن ئاپتومۇبىل توختىتىش ئورنى ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 

75-ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقسا بولىدۇ.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىشقا يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە يارەملىشىشى كېرەك.

76-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق قارار قىلىدۇ: 

(1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ 

(2) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئەھدىنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ 

(3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش؛

(4) خۇجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛ 

(5) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمۇنت مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىش؛ 

(6) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە قايتىدىن سېلىش؛ 

(7) ئورتاق ئىگىدارلىققا ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دائىر باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلار. ئالدىنقى تارماقنىڭ(5) ، (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىدىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسىمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. 

77-ماددا ئۆي ئىگىلىرى قانۇن-نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە باشقۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلغاندىن سىرت، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك.

78-ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگلىرى كومىتىتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە. 

ئۆي ئىگلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

79-ماددا ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمۇنت مەبلىغى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئۇ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن، نېفىت، سۇ باكى قاتارلىق ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىمنىڭ رېمونتىغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ. رېمونت مەبلىغىنى غەملەش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش لازىم.

80-ماددا ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ خىراجىتىنى چېچىش، پايدىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈشۈلگەن بولسا، پۈتۈشۈلگىنى بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ ئىمارەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە بېكىتىلىدۇ. 

81-ماددا ئۆي ئىگىلىرى ئىمارەتنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرسىمۇ، خۇجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا باشقۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. 

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەكلىپ قىلغان خۇجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلارنى ئۆي ئىگىلىرى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. 

82-ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقۇرۇغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەم ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ. 

83-ماددا ئۆي ئىگىسى قانۇن-نىزاملارغا شۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. 

ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تۆكۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ياكى شاۋقۇن چىقىرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھايۋانات بېقىش، قائىدىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، يولنى ئىگىلىۋېلىش، خۇجىلىق خىراجىتىنى تاپشۇرماسلىقتەك باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قانۇن-نىزاملار شۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، قىلمىشچىدىن خەۋپنى، دەخلىنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۆي ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

7-باب قوشنىدارلىق مۇناسىۋىتى 

84-ماددا كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنا ھوقۇقدار قوشنىدارلىق مۇناسىۋەتنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇش، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇش، ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، ئادىل-مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

85-ماددا قانۇن-نىزاملاردا قوشنىدارلىق مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرى شۇ جاينىڭ ئادىتى بويىچە بولسا بولىدۇ. 

86-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى قوشنا ھوقۇقدارنىڭ شۇ ئىشلىتىش، شۇ چىقىرىۋېتىشىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. تەبىئىي ئېقىن سۇنى ئىشلىتىشتە كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنا ھوقۇقدارلار مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشى كېرەك. تەبىئىي ئېقىن سۇنى تەبىئىي ئېقىش يۆنىلىشى بويىچە تۇتۇپ بېرىشى لازىم. 

87-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، قوشنا ھوقۇقدارنىڭ يېرىدىن پايدىلانماقچى بولسا، زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

88-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، قوشنا ھوقۇقدارنىڭ يېرىدىن پايدىلانماقچى بولسا، زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

88-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى ئىمارەت سېلىش، رېمۇنت قىلىش شۇنىڭدەك توك سىمى، كابىل، سۇ تۇرۇبىسى، پار تۇربىسى، گاز تۇربىسى قاتارلىقلارنى تارتىش-ياتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن، قوشنا يەر ۋە قوشنا ئىمارەتتىن پايدىلىنىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، شۇ يەر ۋە ئىمارەتنىڭ ئىگىسى زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

89-ماددا ئىمارەت سېلىشتا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئالاقىدار ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشنا ئىمارەتكە ئۆتۈشىدىغان ھاۋانى، چۈشىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئاپتاپنى توسۋېلىشقا بولمايدۇ. 

90-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇق تاشلىسا، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى، سۇ بۇلغىمىسى، شاۋقۇن، نۇر، ئېلېكتىر ماگنت دولقۇنى رادىئاتسىيىسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 

91-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارى يەر كولاش، ئىمارەت سېلىش تۇربا ياتقۇزۇش شۇنىڭدەك ئۈسكۈنە ئورنىتىش قاتارلىقلاردا، قوشنا كۆچمەس مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە بولمايدۇ. 

92-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىدىن سۇ ئىشلىتىش، سۇ چىقىرۋېتىش، ئۆتۈش، تۇربا ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن، قوشنا كۆچمەس مۈلۈكتىن پايدىلىنىدىغانلىرى قوشنا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. زىيان يەتكۈزگەنلىرى تۆلەم تۆلىشى لازىم.

8-باب ئورتاق ئىگىدارلىق 

93-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن ۋە شەخىس ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسا بولىدۇ؛ ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

94-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئۆزىنىڭ ئۈلۈشى بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.

95-ماددا بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە بىرلىكتە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.

96-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى پۈتۈشۈپ باشقۇرىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. 

97-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى چوڭ رېمونت قىلىشتا، ئۈلۈشى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ياكى بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

98-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى نەرسىنى باشقۇرۇش خىراجىتى شۇنىڭدەك باشقا سېلىقنى ئۈستىگە ئېلىش پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ تۈزۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشۈلمىگەن ياكى، ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۈلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ.

99-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش مەقستىدە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بۆلمەسلىكىنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ، لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى بۆلۈش ھەققىدە سەۋەب كۆرسىتەلىسە، بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى بۆلۈشنى ھەرۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق ئاساسى يوقالغاندا ياكى بۆلۈش ھەققىدە مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغاندا، بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۆلۈش سەۋەبىدىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارغا زىيان يەتسە، تۆلەپ بېرىش كېرەك. 

100-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلۈش ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلۈش ئۇسۇلىنى كېلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپ كەتمىسە، ئەمەلىي نەرسىنى بۆلۈش كېرەك؛ بۆلۈش قىيىن بولسا ياكى بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇلنى بۆلۈش كېرەك.

ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلگەندە ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتە نوقسان بولسا، باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

101-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆزىگە تەئەللۇق كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. sfsef 

102-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن پەيدا بولغان ھەقدارلىق-قەرزدارلىقتا، سىرت بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، چاتما قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ چاتما ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئۈچىنچى كىشى بىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۈلۈشى بويىچە ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، قەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ھەقدارلىقتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولىدۇ؛ قەرزادارلىقنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ. قايتۇرغان قەرزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

103-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككە ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ياكى بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەت بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. 

104-ماددا ئۈلۈش بويىچەئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۈلۈشى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈشى چىقارغان مەبلەغ سوممىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ئېنىق بولمىسا، تەڭ ئۈلۈش بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. 

105-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئۇرۇن ۋە شەخس پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشتا، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ. 

9-باب ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

106-ماددا بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈلگۈچىكە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چۈشىدىغان ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ:

(1) ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ياخشى نىيەتتە قۇبۇل قىلغان بولسا؛ 

(2) مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا؛ 

(3) ئۆتۈنۈلگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاشقا تېگىشلىكلىرى تىزىملانغان، تىزىملاشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرى ئۆتۈنۈلگۈچىگە بېرىلگەن بولسا. 

ئۆتۈنۈلگۈچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ئەسلىي ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالاقىدارلاردىن نەرسىگە دائىر باشقا ھوقۇققا ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشمەكچى بولغانلىرى ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. 

107-ماددا ئىگىدارلار ياكى باشقا ھوقۇقدارلار يۈتكەن نەرسىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. يۈتكەن شۇ نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن باشقىلارغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىگىدار بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا، ياكى ئۆتۈنۈلگۈچىدىن ئەسلى نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قولدىن كەتكەن شۇ نەرسىنى ئۆتۈنۈلگۈچى كىمائارتۇق سودىسىدا سېتىۋالغان ياكى تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە تىجارەتچىدىن سېتىۋالغان بولسا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ تۆلىگەن پۇلىنى قايتۇرۇشى كېرەك ھوقۇقدار ئۆتۈنۈلگۈچىگە قايتۇرىدىغان پۇلنى قايتۇرغاندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

108-ماددا ياخشى نىيەتلىك ئۆتۈنۈلگۈچى كۆچمە مۈلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئەسلىي ھوقۇقى يوقىلىدۇ، لېكىن، ياخشى نىيەتلىك ئۆتۈنۈلگۈچىلەردىن ئۆتۈنۈلگەندە بىلگەنلىرى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

109-ماددا يۈتكەن نەرسىنى تېپىۋالغانلار ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

110-ماددا يۈتكەن نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىسى بىلىدىغانلىرى نەرسىنى ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، بىلمىگەنلىرى ئىگىسىنى تېپىش ئېلانىنى چىقىرىشى كېرەك. 

111-ماددا تېپىۋالغۇچى يۈتكەن نەرسىنى ئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگىچە، ئالاقىدار تارماق يۈتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسى چىققۇچە ئوبدان ساقلىشى كېرەك. قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن، يۈتكەن نەرسىنى بۇزۇپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

112-ماددا ھوقۇقدار يۈتكەن نەرسىنى ئېلىۋېلىشتا، تېپىۋالغۇچىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا يۈتكەن نەرسىنى ساقلاش قاتارلىقلارغا كەتكەن زۆرۈر چىقىمىنى تۆلىشى كېرەك. 

ھوقۇقدار يۈتكەن نەرسىنى تېپىۋالغۇچىلارغا ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، يۈتكەن نەرسىسىنى تاپشۇرۋالغاندا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

تېپىۋالغۇچى يۈتكەن نەرسىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، يۈتكەن نەرسىنى ساقلاش چىقىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ھوقۇقداردىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 

113-ماددا يۈتكەن نەرسىنىڭ ئىگىسىنى تېپىش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىگىسى چىقمىسا، دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ. 

114-ماددا لەيلىمىلەر، كۆمۈلمىلەر ياكى يوشۇرۇلمىلار تېپىۋېلىنغان بولسا، يۈتكەن نەرسىنى تېپىۋېلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

115-ماددا ئاساسىي نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، قوشۇمچە نەرسىمۇ ئاساسىي نەرسە بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

116-ماددا تەبىئىي تۇغۇندىغائىگىدار ئېرىشىدۇ: ھەم ئىگىدار ھەم نەرسىدىن پايدىلانغۇچىغا تەۋە بولسا، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ئېرىشىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندى ئۈستىدە ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسا، ئۇنىڭغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىگە بولىدۇ، پۈتۈشمىگەن بولسا ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، سودا ئادىتى بويىچە ئېرىشىدۇ. 

10-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

117-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. 

118-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىدىغان ياكى دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولدىغانلىقى بەلگىلەنگەن شۇنىڭدەك قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەبئىي بايلىقى ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىگىلىسە، ئىشلەتسە ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ. 

119-ماددا دۆلەت تەبىئىي بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

120-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنلاردىكى بايلىق ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئىگىدار نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ئارىلاشسا بولمايدۇ. 

121-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى يوقالسا ياكى پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە تەسىر يەتسە، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 42-، 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

122-ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن دېڭىز تەۋەدسىدىن دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. 

123-ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى، سۇ ۋە ساھىلىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق، تۇتمىچىلىق قېلىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. 

11-باب يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى 

124-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ دېھقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

125-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرچىلار ئۆزى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھوقۇقلۇق. 

126-ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلۇقنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30-يىلدىن 50 يىلىغىچە بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30-يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددە مۇددىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىلسا بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ. 

127-ماددا يەرنى ھۆددە باشقۇرۇش ھوقۇقى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئوتلاقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىش ھەمدە ئۇنى تىزىمغا ئېلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم. 

128-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئوبوروت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئوبوروت مۇددىتى ھۆددە مۇددىتىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلانماي تۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

129-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئالاقىدارلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىكى ئۆزگىرىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ. 

130-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تەڭشىسە بولمايدۇ. 

تەبىئىي ئاپەت ھۆددە يەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ھۆددە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەش كېرەك.

131-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە يەرنى قايتۇرۋالسا بولمايدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

132-ماددا ھۆددە يەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشتە، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تېگىشلىك تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

133-ماددا قاقاسلىق قاتارلىق يېزا يەرلىرىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىششتەك يوللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، پاي قىلىپ قوشۇلسا، رەنە قويۇلسا ياكى باشقا يوللار بىلەن ئوبوروت قىلىنسا بولىدۇ. 

134-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا بېرىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ.

12-باب قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى

135-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، شۇ يەرگە ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەرلەرنى سېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

136-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يەر يۈزى ھوقۇقى، يەر ئۈستى ھوقۇقى ياكى يەر ئاستى ھوقۇقى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ. يېڭىدىن بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىپ بولغان پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈلسە بولمايدۇ. 

137-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئايرىپ بېرىشتەك ئۇسۇللار قوللىنىلسا بولىدۇ.

سانائەت، سودا، ساياھەتچىلىك، كۆڭۈل ئېچىش يېرى ۋە تاۋار تۇرالغۇ يېرى قاتارلىق تىجارەتچىلىك يەرلەرنى شۇنىڭدەك ئىشلەتكۈچىسى ئىككىدىن ئارتۇق بولغان يەرلەرنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتەك ئاشكارا رىقابەتلىك باھا قويۇش يولى بىلەن بېرىش كېرەك. 

قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش يولى بىلەن بېكىتىشكە قاتتىق چەك قويۇلىدۇ. ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى، يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىغا دائىر بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم. 

138-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، كېڭىشىشتەك ھەقلىق بېرىش يولى بىلەن بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش يازما توختامى تۈزۈش لازىم.

قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ 

(2) يەرنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلار؛ 

(3) ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇلارنىڭ قۇشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىلىگەن بوشلۇقى؛ 

(4) يەرنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى؛ 

(5) ئىشلىتىش مۇددىتى؛ 

(6) ھەقلىق بېرىش سوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەر ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛ 

(7) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى. 

139-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشكە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تىزىملىتىلغان چاغدا بېكىتىلدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.

140-ماددا قۇرۇلۇ يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى لازىم؛ يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، قانۇن بويىچە ئالاقىدار مەمۇرىيى مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم. 

141-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھەقلىق بېرىش سوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى لازىم. 

142-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر سالغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىدە بولىدۇ، لېكىن قارشى دەلىل-ئىسپاتى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

143-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىش ياكى رەنە قويۇشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

144-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىش ياكى رەنە قويۇشتا، ئالاقىدارلار مۇناسىپ يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. لېكىن، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلتىش ھوقۇقىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

145-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. 

146-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىمۇ بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدۇ.

147-ماددا ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدۇ.

148-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، بۇ يەرنى جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن بالدۇر قايتۇرۋېلىشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ يەردىكى ئۆي ۋە باشقا كۆچمەس مۈلۈككە تولۇقلىما بېرىش ھەمدە ھەقلىق بېرىش سوممىسىنى لايىقىدا قايتۇرۇش كېرەك. 

149-ماددا تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، مۇددەت ئۆزلىكىدىن ئۇزىرايدۇ. 

تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى مۇددىتىنىڭ ئۇزىرىشى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. شۇ يەردىكى ئۆي ياكى باشقا كۆچمەس مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

150-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يوقالغاندا، ھەقلىق بەرگۈچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋېلىشى كېرەك. 

151-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشتە، يەر باشقۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. 

13-باب ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى 

152-ماددا ئۆيلۈك يەرنى ئىشلەتكۈچىلەر كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ يوقىلىدۇ. ئۆيلۈك يېرىدىن ئايرىلغان كەنت ئاھالىلىرىگە قايتىدىن ئۆيلۈك يەر تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك. 

155-ماددا تىزىملىغان ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە ياكى يوقالغاندا، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك. 

14-باب يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى 

156-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، توختامدىكى پۈتۈم بويىچە باشقىلارنىڭ كۆچمەس مۈلكىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان باشقىلارنىڭ كۆچمەس مۈلكى پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ئېھتىياجى چۈشكەن يەر ھېسابلىنىدۇ. 

157-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يازما توختامى تۇزۈشى كېرەك.

يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ 

(2) پايدىلىۋالىدىغان يەر ۋە ئېھتىياج چۈشكەن يەرنىڭ ئورنى؛ 

(3) پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى؛ 

(4) پايدىلىنىش مۇددىتى؛ 

(5) خىراجىتى ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛ 

(6) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.

158-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىنىش ھوقۇقى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ. ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلسا، تىزىملىگۈچى ئاپپاراتقا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىۇ؛ تىزىملاتمىغانلىرى ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.

159-ماددا پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھوقۇقدارى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە پايدىلىنىۋالغۇچىنىڭ ئۇنىڭ يېرىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇشى، يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى لازىم. 

160-ماددا پەردىن پايدىلىنىۋالغۇچى پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن توختامدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى بويىچە پايدىلىنىشى، پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھوقۇقدارىنىڭ نەرسە ھوقۇقىغا چەك قويۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك.

161-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى مۇددىتىنى ئالاقىدارلار پۈتۇشىدۇ، لېكىن مۇددەتنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. 

162-ماددا يەر ئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشكە، شۇ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى، ئۆيلۈك يەر ئىگىسى بېكىتىپ بولغان يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا داۋاملىق ئىگە بولىدۇ ياكى ئۇ ھوقۇقنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ. 

163-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق يەر ھوقۇقلىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، نەرسىلەردىن پايدىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنمىغان بولسا، يەر ئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى بېكىتسە بولمايدۇ.

164-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

165-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، ئۆتۈنۈلگۈچى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغىمۇ تەڭ ئېرىشىدۇ. 

167-ماددا پايدىلىنىۋالىدىغان يەر شۇنداقلا پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بىر قسىمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

168-ماددا يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھوقۇقدارىنىڭ يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ:

(1) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى توختامدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانسا؛ 

(2) پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىشتا، پۈتۈشكەن ھەق تۆلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۇددەتتە ئىككى قېتىم سۈيلىسىمۇ ھەق تۆلىمىسە. 

169-ماددا تىزىملىتىلغان ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى يوقىتىشتا، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك. 

15-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە 

170-ماددا نەرسە كېچىللىكى بەرگۈچىلەر قەرزدار قەرەلى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدار پۈتۈشكەن كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كېپىللىك مال-مۈلكىدىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

171-ماددا ھەقدار ئېلىم-بېرىم، ئېلىم-سېتىم ھەرىكىتى قاتارلىق ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدە، ھەقدارلىقنى ئېلىش ئۈچۈن كېپىللىك بېرىشكە توغرا كەلگەندە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ. 

ئۈچىنچى كىشى قەرزدار ئۈچۈن ھەقدارغا كېپىللىك بېرىشتە، قەرزداردىن قارشى كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قارشى كېپىللىك بېرىش مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

172-ماددا كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېپىللىك توختامى تۈزۈش كېرەك. كېپىللىك توختامى ئاساسى ھەقدارلىق-قەرزدارلىق توختامىنىڭ بېقىندى توختامدۇر، ئاساسىي ھەقدارلىق قەرزدارلىق توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغاندا، كېپىللىك توختامىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خاتالىقى بولغان قەرزدار، كېپىل ۋە ھەقدار خاتالىقىغا قاراپ مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

173-ماددا كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىكى كېپىللىك دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى، خىلاپلىق پۇلى، زىيان تۆلەم پۇلى، كېپىللىك مال-مۈلكىنى ساقلاش ۋە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئېلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ. 

174-ماددا كېپىللىك مەزگىلىدە، كېپىللىك مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچراش، يوقاپ كېتىش ياكى يىغىۋېلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا پۇلى، ھەقدارلىقىنىڭ مۇددىتى توشمىغان بولسا شۇ سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇل قاتارلىقلارنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ. 

175-ماددا ئۈچىنچى كىشى كېپىللىك بېرىشتە، ھەقدار ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، كېپىل مۇناسىپ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

176-ماددا ئۈچىنچى كىشى كېپىللىك بېرىشتە، ھەقدار ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، كېپىل مۇناسىپ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.

176-ماددا كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىققا ھەم نەرسە كېپىللىكى ھەم ئادەم كېپىللىكى بېرىلگەن بولسا، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاند ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار ھەقدارلىقىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئېرىشىشى كېرەك؛ پۈتۈشمەي ياكى ئېنىق پۈتۈشمەي، قەرزدار ئۆزى نەرسە كېپىللىكى بەرگەن بولسا، ھەقدار ئاۋۋال شۇ نەرسە كېپىللىكىدە ھەقدارلىقىنى ئېلىشى لازىم؛ ئۈچىنچى كىشى نەرسە كېپىللىكى بەرگەن بولسا، ھەقدار نەرسە كېپىللىكىدە ھەقدار كاپالەت بەرگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىسىمۇ بولىدۇ. كېپىللىك بەرگەن ئۈچىنچى كىشى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

177-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، كېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدۇ: 

(1) ئاساسىي ھەقدارلىق يوقالسا؛

(2) كېپىل نەرسە ھوقۇقى ئېلىنسا؛ 

(3) ھەقدار كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە؛

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن كېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار. 

178-ماددا كېپىللىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بىلەن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 

16-باب رەنە ھوقۇقى 

1-پاراگراف ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقى

179-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئىگىلىگەن مال-مۈلكىنى يۆتكىمەي، شۇ مال-مۈلكىنى ھەقدارغا رەنە قويغان بولسا، قەرزدار مۇددەت توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈنلگەندە، ھەقدار شۇ مال-مۈلكۈكنى ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى رەنە قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار رەنە ئالغۇچى بولىدۇ، كېپىللىك بېرىلگەن مال-مۈلۈك رەنە مال-مۈلۈك بولىدۇ.

180-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنە قويسا بولىدۇ:

(1) ئىمارەت ۋە يەردىكى باشقا قوشۇمچە نەرسىلەر؛ 

(2) قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى؛ 

(3) خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىشكە ئوخشاش يوللار بىلەن ئېرىشكەن قاقاسلىق قاتارلىق يەرلەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى؛ 

(4) ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا ماتېرىيال، يېرىم تەييار مەھسۇلات، مەھسۇلات؛ 

(5) سېلىنىۋاتقان ئىمارەت، ياسىلىۋاتقان كېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرى؛ 

(6) قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرى؛ 

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇش مەنئىي قىلىنمىغان باشقا مال-مۈلۈكلەر. 

رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈكلەرنى بىراقلا رەنە قويسا بولىدۇ. 

181-ماددا ئالاقىدارلارنىڭ يازما كېلىشىمى ئارقىلىق كارخانلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلغۇچىلار ھازىرقى شۇنىڭدەك كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلاتى ۋە مەھسۇلاتلارنى رەنە قويسا بولىدۇ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار رەنە ھوقۇقىنى ئالدىغان چاغدىكى كۆچمە مۈلۈكنى ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

182-ماددا ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، شۇ ئىمارەت ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ. قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەتمۇ بىر يوللا رەنە قويىلىدۇ. 

رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يوللا رەنە قويمىغان بولسا، رەنە قويمىغان مال-مۈلۈك بىر يوللا رەنە قويۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. 

183-ماددا يېزا-بازار، كەنت كارخانلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يېزا-بازار، كەنت كارخانلىرىنىڭ زاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئىمارەتلىرىنى رەنە قويۇشتا، ئۇ ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ. 

184-ماددا تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ: 

(1) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى؛

(2) تېرىلغۇ يەر، ئۆيلۈك يەر، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ قاتارلىق كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، لېكىن، قانۇندا رەنە قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

(3) مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختورخانا قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى؛ 

(4) ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ياكى تاللاش-تارتىشقا قالغان مال-مۈلۈكلەر؛ 

(5) قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان مال-مۈلۈكلەر؛ 

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال-مۈلۈكلەر. 

185-ماددا ئالاقىدارلار رەنە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، يازما رەنە توختامى تۈزۈشى لازىم. 

رەنە توختامى ئادەتتە توۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈردى ۋە سوممىسى؛ 

(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛ 

(3) رەنە قويۇلغان مال-مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، ئەھۋالى، تۇرۇشلۇق جايى، نىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى؛ 

(4) كېپىللىك دائىرىسى. 

186-ماددا رەنە ئالغۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىمىغاندا، رەنە قويۇلغان مال-مۈلۈككە ھەقدار ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە رەنە قويغۇچى بىلەن پۈتۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 

187-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىنىڭ 1-تارماق(1) تارماقچىسىدىن(3) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكنى ياكى(5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن سېلىنىۋاتقان ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، رەنىنى تىزىملىتىش لازىم. رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلغاندا بېكىتىلدۇ. 

188-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىنىڭ 1-تارماق(4) ، (6) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكنى ياكى(5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ياسىلىۋاتقان كېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرىنى رەنە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ؛ تىزىملىتىلمىغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويغۇچىلارنىڭ نورمال تىجارەت پائالىيىتىدە مۇۋاپىق پۇل تۆلىگەن ھەمدە رەنە قويۇلغان مال-مۈلۈككە ئېرىشكەن سېتىۋالغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ. 

190-ماددا رەنە توختامى تۇزۈشتىن ئىلگىرى رەنە مال-مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن بولسا، ئەسلىدىكى ئىجارە مۇناسىۋىتى شۇ رەنە ھوقۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. رەنە ھوقۇقى تۈزۈشكەندىن كېيىن رەنە مال-مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن بولسا، بۇ ئىجارە مۇناسىۋىتى تىزىملىتىلغان رەنە ھوقۇقى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ. 

191-ماددا رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە ئالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ رەنە مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلىنى رەنە ئالغۇچىغا بېرىپ، قەرزنى ئالدىن ئۈزۈش ياكى ساقلاپ قويۇشقا بېرىشى لازىم. ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلنى رەنە ئالغۇچىغا بېرىپ، قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ساقلاپ قويۇشقا بېرىشى لازىم. ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسىمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ. 

رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە مال-مۈلكىنى رەنە ئالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، ئۆتۈنۈلگۈچى قەرزنى ۋاكالىتەن ئۈزۈپ، رەنە ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

192-ماددا رەنە ھوقۇقىنى ھەقدارلىقتىن بۆلۈپ چىقىپ، ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ ھەقدارلىققا كېپىللىك بېرىلگەن رەنە ھوقۇقىمۇ بىر يوللا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

193-ماددا رەنە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتى رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋېتىدىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلشقا ھوقۇقلۇق. 

رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىدىن رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىگە تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنە قويغۇچى رەنە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، كېپىللىكمۇ بەرمىسە، رەنە ئالغۇچى قەرزداردىن قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

194-ماددا رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىدىن ياكى رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىنى شۇنىڭدەك كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق سوممىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ، لېكىن، رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتە، باشقا رەنە ئالغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۇلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ. 

قەرزدار مال-مۈلكىنى رەنە قويغاندا، رەنە ئالغۇچى شۇ رەنە ھوقۇقىدىن، رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى رەنە ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن باشقا كېپىللەردىن يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

195-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ. كېلىشىم باشقا ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، باشقا ھەقدارلار كۈچتىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بېلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ كېلىشىمنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

رەنە مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم. 

196-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 181-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويۇشتا، مال-مۈلۈكنى رەنە قويۇش تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە بېكىتىلدۇ: 

(1) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى قوشقان بولسىمۇ، ھەقدارلىقنى ئالمىغان بولسا:

(2) رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا ياكى ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ 

(3) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا؛ 

(4) ھەقدارلىقنى ئېلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

197-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكتىن، رەنە مال-مۈلۈكنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان بولسا، تۇتۇپ قېلىنغان كۈندىن باشلاپ، رەنە ئالغۇچى شۇ مال-مۈلۈكنىڭ تەبىئي تۇغۇندىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، رەنە ئالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىگە ئۇقتۇرمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىش لازىم. 

198-ماددا رەنە مال-مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قسىمى رەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بوىدۇ، كەم قىسىمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ. 

199-ماددا بىر مال-مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېلىپ تاپقان پۇل تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىنىدۇ: 

(1) رەنە ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى تىزىملىتىلغان بولسا، تىزىمنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك رەت تەرتىپى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ رەت تەرتىپى ئوخشاش بولسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ 

(2) رەنە ھوقۇقىنى تىزىملاتقانلار تىزىملاتمىغانلارنىڭ ئالدىدا تۆلىتىۋالىدۇ. 

(3) رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ. 

200-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رەنە قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت رەنە مال-مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ. شۇ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ئېلىنغاندا، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت بىلەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، لېكىن، يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتتىن تاپقان پۇلدىن رەنە ئالغۇچىنىڭ ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. 

201-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىنىڭ 1-تارماقنىڭ(3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنە قويغۇچىلار ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 183-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېزا-بازار، كەنت كارخانلارنىڭ زاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئىمارەتلىرى ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا رەنە قويغۇچىلار رەنە ھوقۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

202-ماددا رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىنى ئاساسىي ھەقدارلىق دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك؛ يۈرگۈزمىسە خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ. 

2-پاراگراف ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى 

203-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى نامەلۇم مۇددەتە ئۇدا يۈز بېرىدىغان ھەقدارلىققا مال-مۈلۈك كېپىللىكى بېرىپ بولۇپ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچى شۇ كېپىللىك مال-مۈلكىدىن ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسىنى ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ھەقدارلىق ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ. 

204-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى قسىمەن ھەقدارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن، ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

205-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى، ھەقدارلىق دائىرىسىنى شۇنىڭدەك ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، لېكىن، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن باشقا رەنە ئالغۇچىلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ. 

206-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رەن ئالغۇچىنىڭ ھەقدارلىقى بېكىتىلىدۇ: 

(1) پۈتۈشكەن ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى توشقان بولسا؛

(2) ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، رەنە ئالغۇچى ياكى رەنە قويغۇچى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن ھەقدارلىقنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا؛ 

(3) يېڭى ھەقدارلىق پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولمىسا؛ 

(4) رەنە مال-مۈلۈك پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان بولسا؛ 

(5) قەرزدار، رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان ياكى ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ 

(6) قانۇندا ھەقدارلىقنى بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

207-ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن باشقا، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرمۇ تەتبىقلىنىدۇ. 

17-باب گۆرۈ ھوقۇقى

1-پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقى 

208-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ھەقدارنىڭ ئىگىلىشىگە گۆرۈگە قويغاندا، قەرزدار مۇددىتى توشقان ھەقدارلىقىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالدىنقى ئارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى گۆرۈكە قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار گۆرۈگە ئالغۇچى بولىدۇ، تاپشۇرۇۋالغان كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ مال-مۈلۈك بولىدۇ. 

209-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان كۆچمە مۈلۈكنى گۆرۈ قويۇشقا بولمايدۇ. 

210-ماددا گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئالاقىدارلار گۆرۈ ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى لازىم.

گۆرۈ ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 

(1) كېپىللىك بېرىلگەن بېرىلگەن ھەقدارلىقىنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛

(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛ 

(3) گۆرۈ مال-مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، ئەھۋالى؛ 

(4) كېپىللىك دائىرىسى؛ 

(5) گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرۇش ۋاقتى. 

211-ماددا قەرز مەجبۇرىيىتى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، گۆرۈ مال-مۈلۈك ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولمايدۇ. 

212-ماددا گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرغاندا بېكىتىلىدۇ. 

213-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنىڭ تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرۋېتىشى لازىم. 

214-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلىدە، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، گۆرۈ قويغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

215-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۆرۈ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش، يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا، گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ مال-مۈلۈكنى ساقلاشقا بېرىشنى تەلەپ قىلسا ياكى قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشنى ھەمدە گۆرۈ مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

216-ماددا جاۋابكارلىقنى گۆرۈ ئالغۇچىغا ئارتقىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن، گۆرۈ مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپ ياكى ئۇنىڭ قىممىتى روشەن دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى پەيدا بولغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ گۆرۈ قويغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتسا ياكى سېتىۋەتسە ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن قەرزنى ئالدىن ئۈزدۈرسە ياكى ئۇ پۇلنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.

217-ماددا گۆرۈ ئالغۇچىلاردىن گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلىدە گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، قايتا گۆرۈ قويۇپ، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان، يوقىتىۋەتكەنلىرى گۆرۈ قويغۇچى ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

218-ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. قەرزدار ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى گۆرۈھى قويغاندا گۆرۈ ئالغۇچى شۇ گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى گۆرۈ ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن، باشقا كېپىللىكلەردىن يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

219-ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا ياكى گۆرۈ قويغۇچى كېپىللىك ھەقدارلىقىنى ئالدىن ئۈزسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. 

قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ. 

گۆرۈ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشقا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. 

220-ماددا گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئالدا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىسە، گۆرۈ قويغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ۋە سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ زىيان پەيدا قىلسا، گۆرۈ ئالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

221-ماددا گۆرۈ مال-مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنى ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ. 

222-ماددا گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ. 

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىدا مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قانۇننىڭ 16-بابىنىڭ 2-پاراگرافىدىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.

2-پاراگراف ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقى 

223-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان تۆۋەندىكى ھوقۇقلىرىنى گۆرۈ قويسا بولىدۇ: 

(1) پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك؛ 

(2) زايوم، پۇل ئامانەت چېكى؛ 

(3) ئىسكىلات تالونى، تالون؛ 

(4) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان، رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى؛ 

(6) ئىلىم ھېسابىدىكى پۇل؛ 

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گۆرۈ قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇقى. 

224-ماددا پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلارنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدار يازما توختام تۈزۈش كېرەك. گۆرۈ ھوقۇق ئىسپاتى گۆرۈ ئالغۇچىغا تاپشۇرۇلغاندا بېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇق ئىسپاتى بولمىسا، گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار تارماقلار گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ. 

225-ماددا پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلار نەقلەشتۈرۈلىدىغان كۈن ياكى مال ئېلىنىدىغان كۈن ئاساسىي ھەقدارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بالدۇر بولسا، گۆرۈ ئالغۇچى ئۇنى ئايرىۋاشلىسا ياكى مالنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئايرىۋاشلىغان پۇل ياكى ئالغان مال بىلەن قەرزىنى ئۈزسە ياكى ئۇنى ساقلاشقا بەرسەس بولىدۇ. 

226-ماددا فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. فوند ئۈلۈشىنى، ئاكسىيە تىزىملىغۇچى-راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات تىزىملىغان پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى ئاكسىيە تىزىملىغۇچى-راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ؛ باشقا پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ. 

فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا قەرزىنى ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك. 

227-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنىت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ. 

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى گۆرۈ قويۇلغاندىن كېيىن، گۆرۈ قويغۇچى ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ قويغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلتىشكە ئىجازدەت بېرىپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچى تۆلەيدىغان قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

229-ماددا ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلاندىن سىرت، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

18-باب قالدۇرۋېلىش ھوقۇقى

230-ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ كۆچمە مۈلكىدىن قانۇنلۇق ئىگىلەپ تۇرغىنىنى قالدۇرۋالسا بولىدۇ ھەمدە شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار قالدۇرۋالغۇچى بولىدۇ، ئىگىلىگەن كۆچمە مۈلۈك قالدۇرۋېلىنغان مال-مۈلۈك بولىدۇ.

231-ماددا ھەقدار قالدۇرۋالىغان كۆچمە مۈلۈك ھەقدارلىق بىلەن بىر قانۇن مۇناسىۋىتىدە بولۇشى لازىم، لېكىن، كارخانىلار ئارا قالدۇرۋېلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

232-ماددا قالدۇرۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار ئارا پۈتۈشۈلگەن كۆچمە مۈلۈكنى قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.

233-ماددا قالدۇرۇۋېلىنغان مال-مۈلۈك ئايرىلىدىغان نەرسە بولسا، قالدۇۋېلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى قەرز سوممىسىغا تەك كېلىشى كېرەك.

234-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي، قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، يوق قىلىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. 

235-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈك تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. 

236-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى بىلەن قەرزدار مال-مۈلۈك قالدۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى لازىم؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئىككى ئايدىن ئارتۇق مۇددەت بېرىشى لازىم. لېكىن، يېڭى، تىرىك، سېسىپ قالىدىغان نەرسە قاتارلىق ساقلاش تەس كۆچمە مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا، قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، قالدۇرۋالغۇچى قەرزدار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قالدۇرۇلغان مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، قالدۇرۇلغان مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلىدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

قالدۇرۇلغان مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشياكى سېتىۋېتىشتە بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.

237-ماددا قەرزدار قالدۇرۇۋالغۇچىدىن قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ قالدۇرۇۋالغۇچى يۈرگۈزمىسە، قەرزدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

238-ماددا قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان، سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق مىقدارىدىن ئاشقان قىسمى قەرزدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ. 

239-ماددا بىر كۆچمەس مۈلۈك ئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ياكى گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەندە، شۇ كۆچمە مۈلۈك يەنە قالدۇرۇۋېلىنغان بولسا، قالدۇرۋالغۇچى ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ. 

240-ماددا قالدۇرۇۋالغۇچىلاردىن قالدۇرالغان مال-مۈلۈكنى ئىگىلەش ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرىنىڭ ياكى قەرزدار ئايرىم بەرگەن كېپىللىكىنى قوبۇل قىلغانلىرىنىڭ قالدۇرۋېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ. 

19-باب ئىگىلەش 

241-ماددا توختام مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئىگلەشتە، كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلار توختام بويىچە پۈتۈشۈلىدۇ؛ توختامدا پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

242-ماددا ئىگىلىكۈچى ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىپ، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

243-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلىكۈچى ئىگىلىۋالغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن، ياخشى نىيەتتە ئىگىلىگۈچىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئاسراش يۈزىسىدىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجىتىنى بېرىشى لازىم.

224-ماددا ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، يوقىلىپ كەتكەندە، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقدارى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئىگىلىگۈچى زىيانغا ئۇچرىغان، يوقىلىپ كەتكەندە ئالغان سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى ھوقۇقدارغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم؛ ھوقۇقدار زىيىنىڭ ئورنىنى تۇلۇق تولدۇرالمىغاندا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى زىياننىمۇ تۆلىشى لازىم. 

245-ماددا ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بىراۋنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كەتسە، ئىگىلىگۈچى ئەسلى نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىگىلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدە ئىگىلىگۈچى دەخلى تۈگىتىش ياكى خەۋىپى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ چاڭگىلىغا كىرگۈزۋېلىپ ياكى دەخلى يەتكۈزۈپ زىيانغا ئۇچراتسا، ئىگىلىگۈچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئىگىلىگۈچى ئەسلى نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى بىراۋ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە يۈرگۈزمىسە، تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ. 

قوشۇمچە پرىنسىپ 

246-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسىگە دائىر بەلگىلىمە چىقىرىشتىن ئىلگىرى يەرلىك نىزاملاردا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.

247-ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#