بالىياتقۇ چىقۇقى

بالىياتقۇ چىقۇقى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ جىنسىي يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ چىقۇقى
كېسەللىك سەۋەبى بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياش ۋە قېرى ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى uterine prolapse
ئاساسلىق ئالامىتى سۈيدۈك توسۇلۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 子宫脱垂
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ چىقۇقى

بۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ نورمال ئورنىدىن قوزغىلىپ جىنسىي يولنى بويلاپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چىقىندى تەكشىلىكىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەتتا بالىياتقۇنىڭ پۈتۈنلەي جىنسىي يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپىنچە جىنسىي يول ئالدى-ئارقا دىۋارىنىڭ تومپىيىپ چىقىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بالىياتقۇ چۇقۇقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە »خارىجۇر رەھىم« دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇسكۇل-پەيلەرنىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، تۇغۇت جەريانىدىكى نورمالسىزلىقلار تەسىرىدە بالىياتقۇ ۋە داس تۈۋى سېرىقئەتلىرى بوشاپ كېتىش ۋە قورساق ساھەسىگە چۈشكەن ھەرخىل بېسىملار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ بويىدىن ئاجراش، ئېگىز يەردىن سەكرەش، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، ئەمگەكنىڭ بەدەن قابىلىيىتىدىن يۇقىرى بولۇشى، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئەسلىگە كەلمەستىن تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

ئېغىر-يەڭگىللىك دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ، ئېغىرلىرىدا بالىياتقۇ جىنسىي يولدىن ئامۇتتەك چوڭلۇقتا سىرتقا چىقىۋېلىش، ھەتتا چوڭ-كىچىك تەرەت يوللىرىنى توسۇۋېلىش، سۈيدۈك توسۇلۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئاغرىش كۈچلۈك بولۇش، ئىچ كىيىمىگە سۈركىلىپ جاراھەتلىنىش، جاراھەتتىن قان ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ روشەن ئالامەتلەر بىلىنىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ چىقىۋېلىش يېنىك ھالەتتە بولسا بەلدە ۋە تاشقى جىنسىي ئەزادا چىڭقىلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە بالىياتقۇ ئېسىلگەن ھالەتتە بولۇپ ئەسلىدىكى ئورنىدىن سەل پەسلىگەن، شۇنداقلا سەل چوڭايغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئېغىرلاشقان ھالەتتە بولسا بالىياتقۇ رەسمىي سىرتقى جىنسىي ئەزاغا چىقىدۇ، بۇنداق ھالەتتىكى بالىياتقۇ چۇقۇقى سايمان ئىشلەتمەيمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بۇنى قولىمىز بىلەن يېنىك بېسىپ كىرگۈزۈۋەتسەك كىرىپ كېتىدۇ، ئەمما ئايال ئورنىدىن تۇرسا يەنە قوزغىلىپ چىقىۋالىدۇ، بۇ ھالەت ئۆزگىرىپ ئېغىرلىشىپ كەتسە، بالىياتقۇ دائىم سىرتقا چىقىۋالىدۇ ھەم ئېسىپ ئامۇت چوڭلۇقىدا كۆرۈنۈپ سۈيدۈك يولى ئېغىزىنى توسۇۋالىدۇ، ھەتتا چوڭ تەرەت يولىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەتتىكى چۇقۇق كېسىلى بالىياتقۇنىڭ تەتۈرسىگە ئۆرۈلۈپ قېلىش دېيىلىدۇ، بۇ خىل چىقىپ قېلىشتا ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭ تەرەت يوللىرىمۇ چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. ھەرىكەت قىلىش دەخلىگە ئۇچراپ يول مېڭىشقىمۇ بولمايدۇ، ئىچكى كىيىملەرگە سۈركىلىپ، يارا ھاسىل قىلىش بىلەن ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار ئاقىدۇ، داۋاملىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىپلا تۇرىدۇ. بۇ خىل ئېغىر كېسەل كۆپىنچە 45 ياشتىن يۇقىرى ئاياللاردا ئۇچرايدۇ.

يېنىك دەرىجىدە بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى ئاكتىپ داۋالىمىغاندا ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ چىقىشنى يەنىلا ئاكتىپ داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ياكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا، بالىياتقۇ بوينى يارىسى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

2. بالىياتقۇنى ئورنىغا كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ.

3. تۇغۇتتا زەخىملىنىشتىن ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. تۇغما خاراكتېرلىك داس تېگى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇنى كۆتۈرگۈچى تارىمۇشلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

5. پەي تارىمۇشلارنى ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

6. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. [0" bind="1" style="line-height: 25px;">

يېنىك دەرىجىدە بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى ئاكتىپ داۋالىمىغاندا ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ چىقىشنى يەنىلا ئاكتىپ داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ياكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا، بالىياتقۇ بوينى يارىسى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

2. بالىياتقۇنى ئورنىغا كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ.

3. تۇغۇتتا زەخىملىنىشتىن ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

4. تۇغما خاراكتېرلىك داس تېگى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇنى كۆتۈرگۈچى تارىمۇشلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

5. پەي تارىمۇشلارنى ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

6. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چىلان يەتتە گىرام، ئەنگۈر شىپا، قىزىلگۈل توققۇز گىرامدىن، گاۋزىبان، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاق لەيلىگۈلى، گۈلى بىنەپشە 15 گىرام، قارا شېكەر، گۈل يېغى 30 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا شېكەر، گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە قارا شېكەر، گۈل يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەمەلچە ئارقىلىق بالىياتقۇغا قويۇلىدۇ.

2-رېتسېپ

بالىياتقۇ چىقۇقىتەركىبى: فۇپەل، موزا، كۈندۇر، ئاقاقىيا، تاباشىر، گىلى ئەرمىنى، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، خەرنۇپ 12 گىرامدىن، رەيھان مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: رەيھاندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رەيھاننىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن دورىلارنى يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق مىقداردىكى دورىنى پاكىز داكىغا ئوراپ، بالىياتقۇ ئىچىگە سېلىپ، سىرتىدىن تېڭىپ، 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم دورا يۆتكەپ، 15 كۈنگىچە قوزغالماي ئارام ئېلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە 11 گىرام، چىلان، گاۋزىبان، قىزىلگۈل توققۇز گىرامدىن، ئۈزۈم 15 گىرام، قارا شېكەر 30 گىرام، گۈل يېغى 20 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا شېكەر، گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە قارا شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، ئاندىن گۈل يېغىنى قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم بالىياتقۇ يۇيۇلىدۇ.

باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى

دورا ئىشلىتىپ داۋالاش بىلەن بىرگە بالىياتقۇ تىرىكى ئىشلىتىش لازىم. بۇ بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىكلەرگە مۇۋاپىق، ياشىنىپ قالغانلارغىمۇ تىرىك ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك تېنى ئاجىز، ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلمايدىغانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئوپېراتسىيەسىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. دورا ئىشلىتىشتە كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-تارامۇشلارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە دورا ئاشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل ۋە قەۋزىيەتنى داۋالاش ئارقىلىق بالىياتقۇ چۈشىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1-رېتسېپ

چىگىتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاچچىقسۇ بىلەن قورۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ، تالقانلاپ، كۈندە بىر قېتىم، رەيھان شەربىتى بىلەن قوشۇپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2-رېتسېپ

يېشىل مۇزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، بىمارنى كۈندە سۈيىدە ئىككى قېتىم ئولتۇرغۇزۇلسا، ئاق خۇننى توختىتىدۇ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسېپ

پېدىگەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پېدىگەننىڭ ساپىقىنى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە بىر قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بەرگەندە، بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4-رېتسېپ

كەھرىۋا، ئەنزۇرۇت ۋە تاباشىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا كۈندە بىر قېتىم زىمات قىلىپ بېرىلسە، قان توختىتىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5-رېتسېپ

ئانار گۈلى ۋە موزا، ئاقاقىيادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، لەھىيەتۇتتىس قايناتمىسى بىلەن زىمات تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلىنسا، ھۆللۈكنى تارقىتىپ، پەيلەرنى چىڭىتىدۇ، بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رېتسېپ

مەجۈنى ئازاراقى Ⅰ (تەركىبى  :  ئازاراقىىدن 20 گىرام، ئۈستىقۇددۇس، چىلغوزا مېغىزى، گۈل گھۋزىبان، كەتىرا، شاقاقۇل، زورۇمبات، نارجىل ۋە لاچىندەنىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گىرامدىن، ئاق سەندەل ۋە قەلەمپۇردىن بەش گىرامدىن، قاراھېلىلە ۋە ئامىلىدىن 15 گىرامدىن، نارجىلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، ئازاراقىنى مۇدەپپەر قىلىپ، كەتىرا ۋە مېغىزلىق دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ، ھەسەلنى چەككىلەپ، ئاندىن ھەممە دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 75 گىرامدىن، تاماقتىن كېيىن كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بالىياتقۇ چىقۇقىمەجۈنى بايادىدوس (تەركىبى : سەبرى سۇقۇتىدىن 60 گىرام، غارىقۇندىن 80 گىرام، زەپەر، دارچىن. ئىگىر، مەستىكى ۋە بىلسان يېغىدىن 14 گىرامدىن، رەۋەندىن سەككىز گىرام، ئۇدبىلىسان، پەرپىيۇن، قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ھۆ پارىقۇن، ھۇمۇمادىن توققۇز گىرامدىن، كامادىرىيوس، قۇستە ۋە ەفتىمۇندىن 16 گىرامدىن، ئاسارۇن، سەلىخە، سوقمۇنىيادىن 24 گىرامدىن، سۇمبۇلدىن 15 گىرام، ھەسەلدىن 1. 251 كىلوگرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىلسان يېغىدا ياغلاپ، ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.  

3-رېتسېپ

جاۋارىش كۇمۇنى Ⅳ (تەركىبى : زىرە مۇدەپپەردىن 140 گىرام، ئاق توغرىغۇدىن 10 گىرام، زەنجىۋىل ۋە سوزاپتىن 60 گىرام، قارىمۇچتىن 40 گىرام، ھەسەلدىن 620 گىرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ) كۈندە ئىككى قېتىم، 10 گىرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

1. زىيادە سوغۇق، ھۆللۈكى يۇقىرى، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

1. بىرىنچى تۇغۇت جەريانىدا بەك بالدۇر كۈچەشتىن ساقلىنىش، ئىككىنچى تۇغۇت جەريانىنىڭ بەك ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چات ئارىلىقى يىرتىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىن بەك بالدۇر ئەمگەككە قاتناشماسلىق ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلماسلىق لازىم.

2. توغرا ئۇسۇل بىلەن تۇغۇت قوبۇل قىلىش، تۇغۇت جەريانىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، چات ئارىلىقىنى ئاسراش، ئەگەر چات ئارىلىقى يىرتىلغان بولسا دەرھال ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، چىللە دەۋرىدىكى كۈتۈنۈشنى ياخشىلاش، ئەمگەك قىياپىتىنى توغرىلاش، دەم ئېلىش بىلەن ئەمگەكنى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

3. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورى 

http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/ayal/2014/0426/1274.html

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1296

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورى

http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/ayal/2014/0426/1274.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#