سامبۇسا
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.ئېرىتكەن سودا، تۇز، تۇخۇمنى ئىلمان سۇغا سېلىپ تەڭشەپ، ئۇن بىلەن شۇ سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرامدىن خېمىردا تۆتتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن جىلت ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.
2. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغدا قورۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا پىششىق گۈرۈچنى سېلىپ پىششىق قىيما ياسايمىز.
3. تەييارلانغان جىلتقا پىششىق قىيمىدىن سېلىپ خېمىرنى پۈكلەپ يېرىم ئاي شەكلىدە تۈگۈپ، قىيىقچا كېسىدىغان مەخسۇس ئەسۋابتا قىرغىقىغا گۈل چىقىرىپ سامبۇسا تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. (گۈل چىقارمىسىمۇ بولىدۇ) .
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ، قىزىتىپ، تۈگۈلگەن سامبۇسىنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ
پىشۇرۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.