چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىيزا-خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن، ئۇ شىنجاڭدا ئازادلىقتىن ئىلگىرى تارقىتىلغان بىر خىل پۇل بولۇپ، ماتا رەخت ئۈستىگە تەڭشەلگەن سىر يالىتىلىپ ئۈستىگە نەقىش، خەت ۋە تامغا بېسىپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك پۇلنى كۆرسىتىدۇ. بەزى جايلاردا بۇ خىل پۇلنى «ياغلىغۇ» دەپمۇ ئاتىغان.

ئەينى يىللاردا بۇ پۇل ئالتۇن تىيزا، كۈمۈش تىيزا، ياغ تىيزا قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. ئالتۇن تىيزا مىسقال، سەر، پۇڭلارنى بىرلىك قىلغان بولۇپ، بانكىدا ئالتۇنغا ئايرىۋاشلىغىلى بولاتتى. بۇ پۇلنى رۇس ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئىلى، قەشقەر، تارباغاتايدىكى تارماقلىرى بېسىپ تارقاتقان؛ كۈمۈش تىيزا ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىسى 1913-يىلىدىن باشلاپ بېسىپ تارقاتقان ۋاقىتلىق كرېدىت چېكى خاراكتېرلىك قەغەز پۇل بولۇپ، بىر يۈەنىلىك، بەش يۈەنلىك، 10 يۈەنلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولغان. پەقەت ئالتاي رايونىدىلا ئوبوروت قىلىنىپ، 1919-يىلى ئوبوروتتىن توختىغان. (مۇھەممەد يۈسۈپ: «شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللار» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994-يىل نەشرى) . ياغ تىزىنى 1912-يىلىدىن 3819-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭ مالىيە نازارىتى بېسپ تارقاتقان بولۇپ، قەشقەر، خوتەن رايونلىرىدا ئوبوروت قىلىنغان. قەشقەر، خوتەن ئوبوروت قىلغان تىيزا 400 داچەنلىك(ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ پۇلنى مەخسۇس قەشقەر تەۋەسىدىلا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن) ، 100 داۋچەنلىك، 40 داچەنلىك. . . بىر نەچچە خىل ئىدى. 1889-يىلى تارقىتىلغان 1000 مىسقاللىق ئىلى تىيزىسى بىر سەر كۈمۈش پۇلغا باراۋەر بولغان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#