پۇشكىن

پۇشكىن (1799-1837-يىللار) روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19-ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پۇشكىن
باشقا نامى Александр Сергеевич Пушкин
مىللىتى رۇس مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1799-يىلى
كەسپى شائىر، يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 亚历山大·谢尔盖耶维奇·普希金
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
يۇرتى موسكۋا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1837-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇشكىن (1799-1837-يىللار) رۇسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19-ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى. 

پۇشكىن موسكۋادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدا بىر يانچى ئىنىكئانا باققان، دائىم ئىنىكئانىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان، بۇ ئۇنى كىچىكىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەربىيىسىگە ئىگە قىلغان. 12 ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىدىن دېموكراتىك ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. 1812-يىلى رۇس خەلقى ناپولېئون قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۆرلۈكنى مەدھىيىلەيدىغان، مۇستەبىت زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بىرمۇنچە شېئىرلارنى يازغان. «ھۆرلۈككە مەدھىيە، چائادايېفقا، يېزا، رۇسلان ۋە ليۇدمىلا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. چار پادىشاھ ئالكساندر بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، پوشكىننى سىبىرىيىگە سۈرگۇن قىلىشقا بۇيرۇغان. بەزى كىشىلەر ئارىغا چۈشكەنلىكتىن، ئۆزگەرتىپ، ئۇنى جەنۇبىي رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلغان. 

پۇشكىنپۇشكىن 1820-يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي رۇسىيەدە تۆت يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ دېكابىرىستلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، يەنە داڭلىق شېئىرى «شەمشەر» نى يېزىپ، خەلقنى يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا، زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىرغان. «مەھبۇس، دېڭىزغا، سىگان، كافكاز تۇتقۇنى» قاتارلىقلاردا ھۆرلۈككە تەشنالىق، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە نەپرەت، خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ئىدىيىۋى كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن. 1824-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پۇشكىننى مىخايلۇۋېسكى كەنتىگە يالاپ ئاپىرىۋەتكەن، بۇ يەردە ئۇ تارىخنى تەتقىق قىلىپ، خەلققە يېقىنلىشىپ، تارىخىي دراما «بورىس گودۇنوف» نى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدا چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى دەۋر ئالمىشىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1826 -يىلى پۇشكىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن. كېيىنكى يىلى «سىبىرىيىدىكى مەھبۇسلارغا» قاتارلىق داڭلىق شېئىرلىرىنى يازغان. 1830-يىلى مەشھۇر شېئىرىي رومانى «يېۋگېنى ئونىگېن» نى ئىجاد قىلغان، بۇ رۇسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئەسەر بولۇپ قالغان. 1837-يىلى 2-ئايدا پۇشكىن بىر قېتىملىق دۇئېلدا ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئادەم قولى بىلەن تىكلىگىلى بولمايدىغان بىر ئابىدە تىكلىدى. 

پۇشكىن يەنە نۇرغۇن ھېكايە، نەسر ۋە درامىلارنى يازغان. ئۇنىڭ «بېلكىن قىسسىلىرى» رۇسىيە ھېكايىچىلىقىنىڭ نەمۇنىسى، بۇنىڭ ئىچىدە «بېكەت باشلىقى» رۇسىيە ئەدەبىياتىدا كىچىك مەمۇر ياكى شەھەرنىڭ باشقا تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەردىن ئىبارەت «كىچىك شەخس» ئوبرازى يارىتىلغان تۇنجى نادىر ئەسەر. پوۋېست «كاپىتان قىزى» دا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى پۇگاچيۇفنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، رۇسىيە ئەدەبىياتىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى قەھرىمانىنى مەدھىيىلەشنىڭ يولىنى ئاچتى. 

شېئىرىي رومان «يېۋگېنى ئونىگېن» پۇشكىننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەسەردە ئونىگېن بىلەن تاتىيانانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، 19-، 20-ئەسىرلەردىكى رۇسىيەنىڭ رېئال تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسىنى كەڭتاشا سىزىپ بېرىپ، «رۇس تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى» دەپ ئاتالدى 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#