ئاسارۇن

ئاسارۇن

ئاسارۇن زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاسارۇننىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يىلتىزى مايماق، بوغۇملۇق، توپا رەڭگە مايىلراق، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ. «ئاسارۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئاسارۇن
ئەرەبچە نامى ئاسارۇن (ئە)
ئىنگلىزچە Manchurian wildginger herb
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە نامى 细辛
پارسچە نامى مۇشكبالا (پ)
ئوردۇچە نامى تەگەر (ئو)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈشەندۈرىشى

ئاسارۇن ئاسارۇن بولسا زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاسارۇننىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يىلتىزى مايماق، بوغۇملۇق، توپا رەڭگە مايىلراق، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ. «ئاسارۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال شەندۇڭ، خېنەن، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ئېران، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

ئشلىتىلىشى

ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، لەقۋا، پالەچ، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، بىھۇشلۇق، مېڭە ئاجىزلىقى، نېرۋا ۋە پەي ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، جىگەر، تال توسۇلۇش، تال قېتىش، بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش چۈشۈش، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.ئاسارۇن

ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، لەقۋا، پالەچ، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، بىھۇشلۇق، مېڭە ئاجىزلىقى، نېرۋا ۋە پەي ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، جىگەر، تال توسۇلۇش، تال قېتىش، بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش چۈشۈش، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۆرەك، جىگەر، تال ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، مېڭە ۋە ئاشقازاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.

خىمىيىلىك تەركىبى

ئەكىس تەسىرى

ئاسارۇنتەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ، ئاساسىي تەركىبى (eugenol methyl ) مېتىل ئېۋگېنولدىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئسارۇن كېتونى (Asarylketone ) بار.

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

قۇشۇمچە تەسىرى

قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. يەرلىك ئورۇننى مەست قىلىش تەسىرى بار. بۇنىڭدىكى ئۇچۇچان ماينى پاقىغا سىناق قىلغاندا ئولتۇرغۇچ نېرۋا ۋە تېرە،شۇنىڭدەك ئادەم تىلىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ شىللىق پەردىلىرىنى مەست قىلىدۇ. بوغۇم ياللۇغىنى مەلۇم دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ.

2. قىزىتما قايتۇرۇش، تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. ئاسارۇن ئۇچۇچان مېيىنىڭ ئاغرىق قالدۇرۇش، تىنىچلاندۇرۇش تەسىرى بار ھەم تىف ۋە پاراتىف AB ئارىلاشما مىكروبلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ.

3. باكتېرىيىنى تورمۇزلاش رولى بار. ئاسارۇن قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتېرىيە تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا تورمۇزلاش تەسىرىنى بېرىدۇ.

4. قان بېسىمىغا نىسبەتەن تەسىرى بار. ئاسارۇن چىلانمىسى 0.25 ~0.125 گرام كۆك قان تومۇرغا ئۇكۇل قىلىنسا ھۇشسىز ئىتنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. لېكىن كۆز پەردىسى ۋە قان بېسىمىغا نىسبەتەن بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىغا ئوخشاش تەسىرى بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

5. زەھەرلىك ۋە باشقا تەسىرى: ئاسارۇننىڭ ئۇچۇچان يېغى پاقا، چاشقان، توشقان قاتارلىقلارغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرىگە ئىگە. داۋاملىق ئىشلىتىلسە تارتىشىش ھالەتلىرى يۈز بېرىپ، تەدرىجى ھالدا ئىختىيارىي ھەرىكەت ۋە نەپەس ھەرىكىتى ئاجىزلايدۇ ھەمدە ئىنكاس يوقۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. ئاۋۋال يۈرەك سېلىپ ئارقىدىنلا نەپەس ئېلىش توختايدۇ يۈرەك مۇسكۇلى، باشقا سىلىق مۇسكۇللارنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

1. ئودسەلىب ۋە ئاسارۇندىن 10 گرام، ناۋاتىن 7 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە ئۇنۇتقاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاسارۇن ۋە كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى قاتارلىقلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ، چاي دەملەپ ئىچسە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. ئاسارۇننى سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تال ساھەسىگە زىماد قىلسا، تال قېتىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 4. ئاسارۇنىندىن 10 گرام، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈمدىن 40 گرام ئېلىپ، ئىككىسىنى بىرلىكتە سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، بوغۇم ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

5. ئاسارۇن، ئۇدسەلىب، ئۈستقۇددۇسلارنىڭ ھەر بىرى 10 گرامدىن، ناۋاتتىن 15 گرام ئېلىپ، ھەممىسىنى بىرلىكتە دەملەپ ياكى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

ئاسارۇن5 ~ 10 گرامغىچە

ساقلاش

5 - ،7 - ئايلار مەزگىلىدە يىلىتىزىنى كولاپ ئېلىپ، لايلىرىنى تازىلاپ ۋاقتىدا سايە جايدا قۇرۇتۇلىدۇ، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلىنىپ، چىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا، بادام مېغىزى، سەرپىستان.

ئىز باسارى

ئېگىر، زەنجىۋىل.

جاۋارىش جالىنۇس، مەجۇنى سۆرۈنجان، مەجۇنى ئاسارۇن.

ئاپتاپتا قۇرتۇشقا ۋە سۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا پۇرىقى ئاجىزلاپ، يوپۇرمىقى سارغىيىپ، يىلىتىزى قارىداپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=482

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#