جاھانباغ يېزىسى
جاھانباغ يېزىسى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جاھانباغ يېزىسىغا قاراشلىق 20 مەمۇرىي كەنت بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاھانباغ يېزىسى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جاھانباغ يېزىسىغا قاراشلىق 20 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، 90 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا ئاھالىسىدىكى ئائىلە سانى 5709، نوپۇس سانى 21669 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 437 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 21669 ئادەم. پۈتۈن يېزىدىكى ئاھالە ئىچىدە ئۇيغۇر 22098 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %96 نى ئىگەلەيدۇ، خەنزۇ سەككىز بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.04 نى ئىگەلەيدۇ، يەنە بۇ يېزىدا ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان ئاسفالىت يول بار.
يېزا تەۋەسىدە 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولۇپ، جاھانباغ كەنتى، دۆڭھويلا كەنتى، قارا قۇچقاچلا كەنتى، بۇلاقبېشى كەنتى، ئىششىقلا كەنتى، باش ئىششىقلا كەنتى، چارىباغ كەنتى، دۆڭ ئارىش كەنتى، داراسكال كەنتى، دەريا بويى كەنتى، باش داراسكال كەنتى، ئۇزۇنئېرىق كەنتى، چوناقلا كەنتى، دۆڭباغ كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، ئايماق كەنتى، باش چارباغ كەنتى، ئاقساراي كەنتى، قاياش كەنتى قاتارلىقلار.
جاھانباغ يېزىسى ئورمان بىلەن دانلىق زىرائەت تېرىش، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان، شاپتۇل، ئۆرۈك، ياڭاق ئۈچ سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك بەلبېغىنى كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك سورتىنى يېڭىلاشتا ئۇلاق ئۇلاش ئېلىپ بارغان. 2003-يىلى يېزا بويىچە ئورمان كۆلىمى 11555 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماتېرىيال ئورمىنى 740 مو، ئىھاتە ئورمىنى 460 مو، يېقىلغۇ ئورمىنى 800 مو، ئىقتىسادىي ئورمان 9555 مو بولغان. 1500 مو ئۈزۈم، 2765 مو شاپتۇل، 1395 مو ئۆرۈك، 15 مو ئانار تېرىلغان، 2003-يىلى باغۋەنچىلىك كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 89.9 يۈەن بولۇپ، يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ %9.24 نى ئىگەلىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.