جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 73-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، جەمئىي ئون باب 64 ماددا. بۇ نىزام «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەن نىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئىمزالىغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国食品安全法实施条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 557-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 557-نومۇرلۇق پەرمانى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 73-دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»(تۆۋەندە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى دېيىلىدۇ)غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇر تورىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى ۋە يېمەكلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.

3-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە قانۇن-نىزاملار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىدە جاۋابكار بولىدۇ، جەمئىيەت ۋە جامائەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئىجتىمائىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

4-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى، جامائەتنىڭ مەسلىھەت سورىشى، ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئالاقىدار تارماقلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

2-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش

5-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزىدۇ.

6-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەنگە ئېلىش ئەھۋالىدىن گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تەڭشىگەندىن باشقا، زۆرۈر تېپىلغاندا داۋالاش ئاپپاراتلىرى يوللىغان ئالاقىدار كېسەل ئۇچۇرىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تەڭشىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ يېمەكلىك خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش لايىھەسىنى مۇناسىپ تەڭشىشى كېرەك.

8-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلغان كېسەلنىڭ يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەل، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن كېسەل ياكى يېمەكلىك مەنبەلىك گۇمانىي كېسەل، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن گۇمانىي كېسەل ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلىرىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كېسەلگە دائىر ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلەپ ئانالىز قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەڭلا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىسا بولىدۇ.

9-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەن تېخنىكا ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان تېخنىكا ئاپپاراتى كۆزىتىش خىزمىتىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى ۋە كۆزىتىش لايىھەسى بويىچە ئىشلەيدۇ، كۆزىتىش مەلۇماتىنىڭ چىنلىقىغا، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى ۋە لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە، كۆزىتىش مەلۇماتىنى ۋە ئانالىز نەتىجىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن تارماققا يوللايدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش خادىملىرى ئەۋرىشكە ئېلىش، ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى-باقمىچىلىقى قىلىدىغان، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، يېمەكلىك ئوبوروتى قىلىدىغان ياكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئالاقىدار سورۇنلارغا كىرسە بولىدۇ. ئەۋرىشكە ئالغاندا، بازار باھاسى بويىچە ھەق تۆلەش كېرەك.

10-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە ئانالىز نەتىجىسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپ بولۇش ئېھتىمالى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن شۇ مەمۇرىي رايوندىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى ھەم ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش مەلۇماتىنى ۋە ئانالىز نەتىجىسىنى يىغىشى، خۇلاسىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

12-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك:

(1) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ياكى تۈزىتىشنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرنى باھالاش زۆرۈر بولسا؛

(2) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق سورتلارنى بېكىتىش ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرنى باھالاش زۆرۈر بولسا؛

(3) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېڭى ئامىل بايقالغان بولسا؛

(4) مەلۇم ئامىلنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(5) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خەۋپ-خەتەرنى باھالاش زۆرۈر، دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.

13-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىك تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ھەققىدىكى تەكلىپىنى بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك:

(1) خەۋپ-خەتەرنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى؛

(2) تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار پىرىيوم مەلۇماتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى؛

(3) خەۋپ-خەتەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى؛

(4) باشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ئۇچۇرى ۋە ماتېرىياللىرىنى يىغىشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

14-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن بىر-بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن بىر-بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

3-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىرىك پىلانى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىرىك پىلانى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈشتە ئاشكارا پىكىر ئېلىش كېرەك.

16-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىپ تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئورۇننى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىنى تۈزۈشكە تاللىشى كېرەك. تەتقىقات ئاپپاراتى، مائارىپ ئاپپاراتى، ئىلمىي تەشكىلات، ساھە جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىنى بىرلىكتە تۈزۈشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاشكارا پىكىر ئېلىشى كېرەك.

17-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 23-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى باھالاش كومىتېتىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەشكىللەيدۇ.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى باھالاش كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

18-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانىلار ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان كارخانا ئۆلچىمىنى تەڭ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

19-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ساقلانغان ئەھۋاللارنى يىغىپ خۇلاسىلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن، يېمەكلىك ساھە جەمئىيەتلىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا مەسىلە بارلىقىنى بايقىغانلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

4–باب يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى

20-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قۇرۇشتا، كارخانا نامىنى ئالدىن بېكىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالغاندىن كېيىن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى، ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتنى پىرىيوم قىلىشى؛ ئالاقىدار ماتېرىيالى، سورۇنى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلارغا شۇنىڭدەك ئالاقىدار مەھسۇلاتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ياكى تەلىپىگە يەتكەنلەرگە ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

باشقا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى، يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازىتى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە ئالغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك. قانۇن-نىزاملاردا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش دۇكانلىرى ۋە يېمەكلىك ساتىدىغان يايمىلار ھەققىدە باشقا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى، يېمەكلىك ئوبوروت ئىجازىتى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

21-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالغانلىرى تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى دەرھال قوللىنىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بېرىش يوشۇرۇن خەۋپى بارلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتىنى دەرھال توختىتىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ياكى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى؛ ئىجازەت رەسمىيىتىنى قايتا ئۆتەيدىغانلىرى قانۇن بويىچە رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال بايقالغانلىرىنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىجازىتى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلىرىنىڭ ئالاقىدار ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.

22-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىشى، ئۇلارغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزام، قائىدە، ئۆلچەم ۋە باشقا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۆگىتىشى ھەمدە تەربىيەلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

23-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەسىپكارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش تۈزۈمىنى ۋە سالامەتلىك ئارخىپى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشى كېرەك. بىۋاسىتە ئېغىزغا سالىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملاردىن تولغاق، كېزىك، A تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، E تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ھەزىم يوللىرى يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى ۋە ھەرىكەتچان تۇبېركۇليۇز، يىرىڭلىق تېرە ياللۇغى ياكى سىرغىما تېرە ياللۇغى قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىرىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتمەيدىغان ئورۇنغا يۆتكىۋېتىشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 34-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى، تەكشۈرتكەن تۈرلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

24-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 37-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 39-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىرگۈزگەن ماللارنى تەكشۈرۈش خاتىرە تۈزۈمى، يېمەكلىكنى زاۋۇتتىن چىقىرىش پىرىيوم خاتىرە تۈزۈمى ئورنىتىپ، قانۇندا خاتىرىلەش بەلگىلەنگەن تۈرلەرنى ئەينەن خاتىرىلىشى ياكى مال كىرگۈزۈش ياكى سېتىش ئۇچۇرلىرىغا ئالاقىدار تالوننى ساقلاپ قويۇشى لازىم. خاتىرە، تالوننى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

25–ماددا بىرتۇتاش خام ئەشيا سېتىۋېلىشنى يولغا قويغان گۇرۇھ خاراكتېرىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا مال بەرگۈچىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ۋە مەھسۇلات لاياقەت ئىسپات ھۆججىتىنى كارخانا باش ئىشتابى بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ، كىرگۈزۈلگەن مالنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قالدۇرسا بولىدۇ؛ لاياقەت ئىسپات ھۆججىتى بولمىغان يېمەكلىك خام ئەشياسىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئاساسەن پىرىيوم قىلىش كېرەك.

26-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېمەكلىك خام ئەشياسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ساقلاش تۈزۈمى، ئۈسكۈنە باشقۇرۇش تۈزۈمى، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

27-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بېكىتىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، زاۋۇتتىن چىققان يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك:

(1) سېتىۋېلىنىدىغان، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان، كىرگۈزۈلىدىغان خام ئەشيانى تىزگىنلەش؛

(2) ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، ئۈسكۈنە، ساقلاش، ئوراش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ھالقىلىرىنى تىزگىنلەش؛

(3) خام ئەشيانى پىرىيوم قىلىش، يېرىم مەھسۇلاتنى پىرىيوم قىلىش، زاۋۇتتىن چىقىدىغان مەھسۇلاتنى پىرىيوم قىلىش قاتارلىقلارنى تىزگىنلەش؛

(4) توشۇش، تاپشۇرۇشنى تىزگىنلەش. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تىزگىنلەش تەلىپىگە توشمايدىغان ئەھۋاللار بولسا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى سەۋەبىنى دەرھال ئېنىقلىشى ھەمدە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

28-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 36 –، 37-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كىرگۈزگەن مالنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى يېزىش ۋە يېمەكلىكنى زاۋۇتتىن چىقىرىشتا پىرىيوم خاتىرىسى يېزىشتىن سىرت، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنىمۇ ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

29-ماددا يېمەكلىك توپ سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت كارخانىلىرى يېمەكلىكلەرنى ساتقاندا توپ ساتقان يېمەكلىكلەرنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىش تۈركۈم نومۇرى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، مال ئالغۇچىنىڭ نامى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مالنى ساتقان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى ياكى ئالاقىدار ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن سېتىش تالونىنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك. خاتىرە ياكى تالوننى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

30-ماددا دۆلەت يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدا خاتىرىلەش تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى خاتىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

31-ماددا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار خام ئەشيا كىرگۈزۈشتىكى تىزگىنلەش تەلىپىنى بېكىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، سېتىۋالغان يېمەكلىك خام ئەشياسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار مەھسۇلاتىنى ياساش، پىششىقلاش داۋامىدا پىششىقلىماقچى بولغان يېمەكلىك ۋە خام ئەشيانى تەكشۈرۈشى، چىرىگەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى نورمالسىزلىقى بىلىنىپ تۇرغان يېمەكلىكنى پىششىقلىسا ياكى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

32-ماددا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كارخانىلىرى يېمەكلىك پىششىقلاش، ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك ئاسرىشى؛ ساقلاش ۋە سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئەسلىھەلىرىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇشى، تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.

يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار قاچا-قۇچىلارنى تەلەپ بويىچە يۇيۇشى، دىزېنفېكسىيە قىلىشى لازىم، يۇيۇلمىغان، دىزېنفېكسىيە قىلىنمىغان قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

33-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار زىيانسىزلاشتۇرۇشى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشى، بۇنداق يېمەكلىكنىڭ بازارغا قايتا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. يارلىقى، بەلگىسى ياكى چۈشەندۈرمىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشماي قايتۇرۇۋېلىنغان يېمەكلىكنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوڭشاش تەدبىرى قوللانغان ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا داۋاملىق ساتسا بولىدۇ. ساتقاندا بۇ يېمەكلىككە قوللانغان ئوڭشاش تەدبىرىنى ئىستېمالچىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمىغان يېمەكلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى، شۇنىڭدەك يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمىغان يېمەكلىكىنى سېتىشنى توختىتىش ئەھۋالىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

5-باب يېمەكلىك پىرىيومى

34-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قايتا پىرىيوم قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان يېمەكلىك پىرىيوم ئاپپاراتى (تۆۋەندە قايتا پىرىيوم ئاپپاراتى دېيىلىدۇ)غا قايتا پىرىيوم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

قايتا پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىسپات-ئېتىراپ نازارەتچىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ. قايتا پىرىيوم ئاپپاراتى چىقارغان قايتا پىرىيوم يەكۈنى ئاخىرقى پىرىيوم يەكۈنى بولىدۇ.

قايتا پىرىيوم ئاپپاراتىنى قايتا پىرىيوم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاللايدۇ. قايتا پىرىيوم قىلغان ئاپپارات بىلەن تۇنجى پىرىيوم قىلغان ئاپپارات بىر ئاپپارات بولسا بولمايدۇ.

35-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ پىرىيوم قىلىش يەكۈنىگە باشقىچە پىكرى بولۇپ قايتا پىرىيوم قىلىش ئىلتىماس قىلغانلىرىنىڭ قايتا پىرىيوم قىلىنغان يېمەكلىكى لاياقەتلىك بولۇپ چىقسا، قايتا پىرىيومغا كەتكەن خىراجەتنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن تارماق ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قايتا پىرىيوم قىلىنغان يېمەكلىكى لاياقەتسىز بولۇپ چىقسا، قايتا پىرىيوم قىلىشقا كەتكەن خىراجەتنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

6-باب يېمەكلىك ئىمپورت-ئېكسپورتى

36-ماددا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى توختام، تالون، قاچىلاش تالونى، مال ئېلىش تالونى قاتارلىق زۆرۈر دوكۇمېنتلارنى ۋە ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلغان جايدىكى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئىمپورت يېمەكلىكلەر چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك. تاموژنا ئۇنى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.

37-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولمىغان يېمەكلىكنى ئىمپورت قىلىدىغان ياكى يېمەكلىك خۇرۇجى يېڭى تۈرى، يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تۈرلەرنى تۇنجى ئىمپورت قىلىدىغان ئىمپورتچى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 63-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالغان ئىجازەت ئىسپاتى ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى، چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە پىرىيوم قىلىشى كېرەك.

38-ماددا دۆلەت چېگرا پىرىيوم-كارانتىن تارمىقى ئىمپورت يېمەكلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ماددا بارلىقىنى بايقىغاندا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

39-ماددا دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك، رويخەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغان چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ساختا ماتېرىيال يوللىغان بولسا ياكى چېگرا سىرتىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئالاقىدار ئىمپورت يېمەكلىكلەردە زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، دۆلەت چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

40-ماددا ئىمپورت يېمەكلىك خۇرۇجىنىڭ خەنزۇچە يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسى بولۇشى كېرەك. يارلىق ۋە چۈشەندۈرمە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ئالاقىدار قانۇنلىرى، مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، ئۇنىڭغا يېمەكلىك خۇرۇجىنىڭ ئەسلىي ئىشلەنگەن جايى ۋە چېگرا ئىچىدىكى ۋاكالەتچىنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلىشى كېرەك. خەنزۇچە يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولمىغان ياكى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن يېمەكلىك خۇرۇجىنى ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.

41-ماددا چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 62-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى پىرىيوم قىلىشى كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېكسپورت يېمەكلىكنى نازارەت قىلىشى، ئارىلاپ پىرىيوم قىلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى دۆلەت چېگرا پىرىيوم-كارانتىن تارمىقى چىقىرىدۇ.

42-ماددا دۆلەتنىڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن تارمىقى ئۇچۇر يىغىش تورى بەرپا قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 69-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى يىغىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك:

(1) چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى ئىمپورت-ئېكسپورت يېمەكلىكلىرىنى پىرىيوم-كارانتىن قىلىش داۋامىدا بايقىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى؛

(2) ساھە جەمئىيىتى ۋە ئىستېمالچىلار ئىنكاس قىلغان ئىمپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى؛

(3) خەلقئارا تەشكىلاتلار، چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى، خەۋپ-خەتەر ئاگاھ ئۇچۇرى شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىدىكى ساھە جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئىستېمالچىلار ئىنكاس قىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى؛

(4) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت باشقا ئۇچۇرلار. ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان تارماقلار زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دۆلەت چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

7-باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

43-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئورۇنلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يېمەكلىك ۋە خام ئەشيا، سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى پېچەتلەش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەرھال قوللىنىشى ھەمدە ھادىسە يۈز بېرىپ ئىككى سائەت ئىچىدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

44-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشتە ئەمەلىي بولۇش، پەنگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېنىقلاش، ھادىسە جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش، تۈزەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تارماقلار سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىرتۇتاش تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش چارىسىنى گوۋۈيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

45-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تارماقلار ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ھادىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋە ئەۋرىشكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىشى، تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋە ئەۋرىشكىنى بېرىشى، رەت قىلماسلىقى كېرەك.

46-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

8-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 76-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يىللىق پىلانىدا يېمەكلىكلەرنى ئەۋرىشكە ئېلىپ پىرىيوم قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك. بوۋاقلار، بالىلار، ياشانغانلار، بىمارلار قاتارلىق مۇئەييەن كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئەۋرىشكە ئېلىپ پىرىيوم قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن ئەۋرىشكە ئېلىپ پىرىيوم قىلىدۇ. ئەۋرىشكە ئېلىپ پىرىيوم قىلىشتا ئەۋرىشكە سېتىۋېلىشقا كەتكەن خىراجەت ۋە پىرىيوم ھەققىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ.

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى؛ يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرىراق بولغانلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىگە ئائىت ئاگاھ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ياكى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەرھال تەشكىللىشى كېرەك.

49-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كېسەل ئۇچۇرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا خىمىيەلىك ماددا ۋە كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ماددىلاردىن يېمەكلىككە قوشۇۋېتىلگەن ياكى قوشۇش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشى لازىم؛ گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مۇناسىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

50-ماددا سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئېتىراپ قىلغان تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى دەسلەپ تاللاپ تەكشۈرگەندە قوللانسا بولىدۇ؛ يېمەكلىكلەردىن دەسلەپ تاللاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك ئېھتىمالى بولغانلىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە پىرىيوم قىلىش كېرەك. دەسلەپ تاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

51-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يېمەكلىكلەرنى دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ئەھۋالى؛

(2) ئىشلەپچىقىرىشتىن، تىجارەت قىلىشتىن توختىتىشقا بۇيرۇلغان يېمەكلىك، يېمەكلىك خۇرۇجى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكى؛

(3) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى؛

(4) مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتى ئەھۋالى؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ئۇچۇرلار.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئىككىدىن ئارتۇق تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ.

52-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىككە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىشى ھەمدە شۇ يېمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى چۈشەندۈرۈشى، بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

53-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ ئورۇننىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى ياكى تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىشى، مەسلىھەت سوراش، ئەرز-شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىشى؛ تاپشۇرۇۋالغان مەسلىھەت سوراش، ئەرز-شىكايەت ۋە پاش قىلىش ماتېرىياللىرىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 80-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋاب بېرىشى، ئۇنى ئېنىقلىشى، بىرتەرەپ قىلىشى ھەمدە مەسلىھەت سوراش، ئەرز-شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ئەھۋالىنى ۋە جاۋاب بېرىش، ئېنىقلاش، بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى، ساقلاپ قويۇشى لازىم.

54-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار يېمەكلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ۋە كەسىپ سىياسىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەدبىر قوللىنىپ ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، يېمەكلىك ساھەسىنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، يېمەكلىك ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

55-ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇشۇ نىزامنىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 85-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

56-ماددا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 31-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خام ئەشيا كىرگۈزۈشتىكى تىزگىنلەش تەلىپىنى بېكىتمىگەنلىرىگە ۋە يولغا قويمىغانلىرىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 86-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن پىششىقلىنىدىغان يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خام ئەشياسىنى مۇشۇ نىزامنىڭ 31-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمىگەنلىرى ياكى چىرىگەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ۋە نورمالسىزلىقى بىلىنىپ تۇرغان يېمەكلىكلەرنى پىششىقلىغان، ئىشلەتكەنلىرىگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 85-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

57-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىشتا، مۇشۇ نىزامنىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(2) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تىزگىنلەش تەلىپىنى بېكىتمىگەن، يولغا قويمىغانلىرى ياكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋاللارنى تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(3) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئالاقىدار خاتىرىنى ساقلاشتا مۇشۇ نىزامنىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(4) يېمەكلىك توپ سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلاردىن سېتىش ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش، ساقلاشتا ياكى سېتىش تالونىنى ساقلاشتا مۇشۇ نىزامنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(5) يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىن ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك ئاسراش، تازىلاش، تەكشۈرۈشتە مۇشۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛

(6) يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قاچا-قۇچىلارنى يۇيمىغان، دىزېنفېكسىيە قىلمىغانلىرى ياكى يۇيۇلمىغان، دىزېنفېكسىيە قىلىنمىغان قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتكەنلىرى.

58-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان يېمەكلىك خۇرۇجىنى قانۇنغا خىلاپ ئىمپورت قىلغانلارنىڭ يېمەكلىك خۇرۇجىنى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىمپورت قىلغان يېمەكلىك خۇرۇجىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا مال قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

59-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن كېسەلگە دائىر ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشتا مۇشۇ نىزامنىڭ 8-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

60-ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 43-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەدبىر قوللانمىغانلار ھەمدە مەلۇم قىلمىغانلارغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 88-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

61-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن شۇ مەمۇرىي رايوندا زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردىن ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى جايىدا ئىشلىمىگەن ياكى ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگۈزۈلىدۇ.

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

62-ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خۇرۇجىدىكى كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان بىيولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ۋە فىزىكىلىق ماددىلارنى ئىلمىي باھالاشنى، جۈملىدىن زىياننى پەرقلەندۈرۈش، زىياننىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەش، ئاشكارا باھالاش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى شۇ چاغدىلا تەييارلاش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارغا يېمەكلىك، ئىستېمال سورۇنى ۋە ئەسلىھەسى ھازىرلاپ بېرىدىغان مۇلازىمەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

63-ماددا يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

دۆلەت چېگرا پورتلىرىدىكى يېمەكلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزام شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەيدۇ.

يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇئەييەن ساقلىق ساقلاش ئىقتىدارى بارلىقى ئېلان قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

64-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#