ئاقبۇلاق كەنتى

ئاقبۇلاق كەنتى

ئاقبۇلاق كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسىغا قاراشلىق بۇلۇپ، تارلاق يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا 10 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان، كۆلىمى 400 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4970 مو، ئورمان يەر كۆلىمى 2049 مو، بوز يەر كۆلىمى 30 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتكەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاقبۇلاق كەنتى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى كەنت
يەر مەيدانى 40 مىڭ مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克布拉克村
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقبۇلاق كەنتىئاقبۇلاق كەنتى بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسىغا قاراشلىق بۇلۇپ، تارلاق يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا 10 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان.

ئاقبۇلاق كەنتىدە ھازىر تۆت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 360، ئومۇمىي نوپۇسى 1679 ئادەم، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ. بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان 8 ئائىلە، 11 ئادەم، ئۇزۇن مۇددەتلىك قىينچىلىق بار ئائىلە 15، 19 ئادەم، ئادەتتىكىچە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر 19 ئائىلە، 43 ئادەم، مېيىپلار 3 ئادەم. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىر، پارتىيە ئەزاسى 29 ئادەم، «ئىككى كومىتېت» كەنت كادىرلىرى 6 ئادەم، بىر نەپەر ئايال كادىرلار، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 47 ياش، كەنت كادىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە  مەلۇماتىغا ئىگە.

ئاقبۇلاق كەنتىكەنىتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، 2003-يىلى كەنت بويىچە كېۋەز كۆلىمى 1700 مو، بۇغداي كۆلىمى 1200 مو، باغ كۆلىمى 1550 مو، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 5800 تۇياق، 2003-يىلى كەنت بويىچە مىللىي مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون 870 مىڭ يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان، پۈتۈن كەنتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 4 مىليون 260 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3568.76 يۈەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.65 ئاشقان. 

ئاقبۇلاق كەنتىكەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 79 مىڭ يۈەن، كەنت كوللېكتىپ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 79 مىڭ يۈەن؛ ئاقبۇلاق كەنت ئىشخانىسىنىڭ كۆلىمى 150 كۋادرات مېتىر، ئىشخانا پۈتۈنلەي خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئاددىي يىغىن زالى، كۇتۇپـخانا، قىرائەتخانا، ئېلېكتىرلەشكەن دەرسخانا قاتارلىقلار بار. ئۆي ئىچى پائالىيەت سورۇنى يوق (يېڭىدىن قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ). 2000-يىلدىن بۇيان ناھىيە دەرىجىلىك ماددىي مەدەنىيەتلىك ئىلغار ئورۇن، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#